ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئاكادېمىكلار جۇڭگودا 300 مىليون مو يەت ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغانغانلىقىنى ئېيتتى

2011-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئاكادېمىكلار جۇڭگودا 300 مىليون مو يەت ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغانغانلىقىنى ئېيتتى u_a_client="1003"; u_a_width="468"; u_a_height="90"; u_a_zones="1003"; u_a_type="0" ئاكادېمىكلار جۇڭگودا  ئېغىر مېتاللار تەرىپىدىن بۇلغانغان 300 مىليون مو يەر ئومۇمىي تېرىلغۇ يەرنىڭ 1/6نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى 
ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىر ليۇ ۋېينىڭ، ئىختىيارى مۇخبىر جاڭ ۋېيجې خەۋىرى، "بەزى كۆكتات ۋە مېۋىلەر ئىچىدىكى قېپقالغان دېھقانچىلىق دورىلىرى %13 دىن يۇقىرى بولۇپ، ئېغىر مېتاللارنىڭ ئۆلچىمى %24 دىن ئاشقان، نىترات كىسلاتا تۇزلىرى %12 دىن ئاشقان… يىمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان. " 10 _ ئۆكتەبر ئۆتكۈزۈلگەن گۇاڭدۇڭ پەن _ تېخنىكا مۇنبىرى 45 _ سانىدىكى مەخسۇس تېما دوكلاتىدا، جۇڭگو ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى لو يىۋېن، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 300 مىليون مو تېرىلغۇ يەر ئېغىر مېتاللارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەرنىڭ  1/6نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئېغىر مېتاللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان تېرىلغۇ يەر پەقەت %11 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، گۇاڭدۇڭ ئاۋال بىخەتەر بۇيۇملار تورى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش كېرەك دېگەن. 
گۇڭدۇڭدا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان تۇپراق  %12 نى ئىگىلىگەن 
ئۇ قاتتىق تەشۋىشلىنىپ: "يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بۇلغانغان سۇ بىلەن سۇغىرىلىدىغان رايونلارنى ئىستاتىستىكىلىغاندا مەلۇم بولۇشىچە، 1 مىليون 400 مىڭ گېكتار بۇلغانغان سۇغىرىش رايونىدا، ئېغىر مېتاللارنىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچرىغان يەر سۇغىرىلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ %64.8 نى ئىگىلەيدىكەن. ھەر يىلى ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغانغان ئاشلىق 12 مىليون توننا بولۇپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 20 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىكەن " دېگەن. ئۇ يەنە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق كۆپ ساندىكى يىمەكلىكلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كەلگەن، شۇڭا، "يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىخەتەر بولمىسا، پىششىقلاپ ئىشلىگەن يېمەكلىكلەرمۇ بىخەتەر بولمايدۇ." دېگەن.  ئۇ يەنە چۈشەندۈرۈپ: "جۇڭگودا ئېغىر مېتاللار تەرىپىدىن بۇلغانغان 300 مىليون مو يەر ئومۇمىي تېرىلغۇ يەرنىڭ 1/6نى ئىگىلەيدۇ، ئىقتىساد قانچە تەرەققىي قىلسا، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. گۇاڭدۇڭدا،تازىلانغان تۇپراق پەقەت %11 بولۇپ، يېنىك دەرىجىدە بۇلغانغان تېرىلغۇ يەر %77، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان تېرىلغۇ يەر %12 ئەتراپىدا ئىكەن؛ تەيخۇ ۋادىسىدا ئۈچتىن بىر تېرىلغۇ يەر بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان، خۇبېي ئۆلكىسىدە ئۈچ كېرەكسىزدىن بۇلغانغان تېرىلغۇ يەر 400 مىڭ گېكتاردىن ئاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ %10 نى ئىگىلىگەن؛ خۇنەندە خام سۇ، دەريا سۇلىرىنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇپ، %37 شاللىقتىكى ئېغىر مېتاللار مىقدارى ئېشىپ كەتكەن؛ شېنياڭ تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى گۆرۈچنىڭ سۈپەتلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان…… " دېگەن. 
بىخەتەر بۇيۇملار تورى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى 
يېقىنقى يىللاردا ھەرخىل رەڭلەنگەن موما، ئازگال مېيى قاتارلىق مەسىلىسى بار يېمەكلىكلەر پەيدا بولۇپ، لو يىۋېن قايغۇلۇق ھالدا، يىمەكلىكنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا، خۇرۇچلىرى، پىششىقلاش ماشىنىلىرى، ئوراش ماتىرىياللىرى، ئوراش ماشىنىلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش خادىملىرى قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ھەممىسى يىمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دېگەن. ئۇ چۈشەندۈرۈپ، گەرچە بارلىق يىمەكلىك خۇرۇچلىرى زىيانلىق بولمىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە نامۇۋاپىق خۇرۇچ ئىشلەتكەنلىكتىن ئىكەنلىكىنى، بىخەتەر ھالقىلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان بىخەتەر مەھسۇلات بولسىمۇ، مەھسۇلاتنىڭ ئوبورۇت مەزگىلىدە، يەنى ساقلاش، يۆتكەش، سېتىش باسقۇچلىرىدا، نازارەت قىلىشقا ئامالسىز بولغانلىقتىن، ھەقىقىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.  لو يىۋېن، "بىخەتەر بۇيۇملار تورى مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنىڭ بىرى" دېگەن بولۇپ، بۇ تور يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەر، تۇپراق بۇلغانغانمۇ يوق، قۇش ۋە ھايۋانلار ساغلاممۇ يوق، ھەتتا مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنىمۇ بۇ توردا ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئاشكارلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى "مەملىكەتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ سىناق نۇقتا قىلغان ئۆلكە" بولۇپ تەستىقلانغان، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەر بۇيۇملار تورىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيادا ئالدىنقى سەۋىيىدە تۇرىدۇ، گۇاڭدۇڭنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە يېڭى قەدەمنى ئېلىپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن. 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!