ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 11 – ئۆكتەبىر جامائەتچلىكنىڭ گۇمانى ۋە قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، 63 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 35 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ‹‹2011 – يىللىق پۇل پېرىۋوت نىسبىتى نازارەتچىلىكىنى ئىسلاھ قىلىش قانۇن لايىھەسى››نى ماقۇللىدى. خەلقئارا جامائەتچلىك ئومۇميۈزلۈك: بۇ ئاساسلىقى جۇڭگوغا قارىتىلغان بولۇپ، جۇڭگونى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش مەقسەت قىلىنغان، دەپ قارىدى.
قانۇن لايىھەسى گۇمان قوزغىدى
يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بوھنېر بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئۇ: باشقا دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى قايتا باھالاش ‹‹ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ مەسئۇلىيىەت ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى، بۇ خەتەرلىك ھەرىكەت››، دەپ قارىدى.
يېقىندا ئوباما ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ‹‹خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە مەجبۇرىيەت››كە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.
ئامېرىكا برۇكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى گورستون قاتارلىق مۇتەخەسسىسىلەر: ئەگەر بوھنېر قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىسە، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشى تەس، دەپ قارىدى.
سايلامدىن ئىلگىرى دىققەتنى بۇراش
‹‹پېرېۋوت نىسبىتى كوزىرى›› ئامېرىكىنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى ئاساسلىق كوزىرى ھېسابلىنىدۇ. كېڭەش پالاتاسىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاساسلىق تەشەببۇس قىلغۇچىلار دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېلود براۋن بىلەن جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئولىمپىيە سىنو. ئۇلار كېلەر يىللىق ئومۇمىي سايلامدا ئۇدا سايلىنىشتا زور بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىدىكى پارتىيەلەرنىڭ سايلام ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئوينىغان سىياسىي ئويۇنى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كاساتچىلىقىغا قۇربانلىق ئىزدەپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ دىققىتىنى بۇراش مەقسەت قىلىنغان.
بىھۇدە ئاۋارىچىلىك
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىي ئەربابلارنىڭ جۇڭگو ئامېرىكىدىكى ئىش ئورنىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى پەيدا قىلدى، دېگەن قارىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق، تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچلىقنى ھەل قىلماقچى بولغانلىقى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك.
پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بوگستېن مۇنداق دېدى: ھازىر ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتى، بۇ ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنتنىڭ پارتىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىشەنچلىك بولغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قىزىل رەقەمنى ئازايتىش لايىھەسى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە باغلىق.
ئامېرىكا جۇڭگودىن جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئالسا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ سودا ماجىراسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كارخانىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
پېرېۋوت نىسبىتىدىن پايدىلىنىپ ئاۋامنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۇسۇلى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جاراھىتىنى داۋالاشتىكى شىپالىق دورا ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، بۇنداق قورۇقچىلىق قىلمىشى جۇڭگو – ئامېرىكا ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتىگە زور تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا پايدىسىز.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى