ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى ، فوتوسى : جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ئاۋانگارت ئەترىتى كۇچا ناھىيەلىك 2– قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 13-ئۆكتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى .
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى سەپ ، ھەرقايسى كەسىپلەردىن سايلاپ چىقىلغان 141 نەپەر ۋەكىل ، 36 نەپەر تەكلىپلىك ۋەكىل قاتناشتى . قۇرۇلتايدا خىزمەت دوكلاتى ۋە ناھىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر بولۇش ›› تەربىيەسى پىلانى ئۈستىدە كەڭ–كۇشادە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى . ۋەكىللەر ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلەنى تولۇق ئادا قىلىپ ، ناھىيەنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان قىممەتلىك تەكلىپ-تەۋسىيە، پىكىرلىرىنى بەردى.