جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 13- ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىغا ئىراقنىڭ پايتەختتىن باغدادتىن باراد رايونىغا بولغان ئارلىقتىكى ھاۋا تەۋەسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىراق دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆز زېمىنىدا ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا پۈتۈنلەي ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق بىلەن ئامېرىكا 2008-يىلى ئىمزالىغان ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىدۇ. ئىراقتىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئاز ساندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىراقتا تۇرۇشىغا قوشۇلدى. بىراق كەچۈرۈم قىلىشى ھوقۇقنىنى بېرىشنى رەت قىلدى. ئىراق بىلەن ئامېرىكا بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەكتە.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!