شىنخۇا تورىنىڭ 13-ئۆكتەبىر جاكارتادىن بەرگەن خەۋىرى: ھىندونىزىيە بالى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا 13-ئۆكتەبىر 6.8 بال يەر تەۋرەپ 43 ئادەم يارلانغان، ئىمارەتلەر يىنىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. لېكىن، ھېندىنوزىيە يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بىرىش ئاپراتلىرى دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلمىغان. ھېندىنوزىيە مېترولوگىيە ئېدارىسىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگنىتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ،يەر نىڭ جاكارتا ۋاقتى 10دىن 16 مىنۇت ( بېيجىڭ ۋاقتى 11دىن 16 مىنۇت ) ئۆتكەندە تەۋرىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. تەۋرەش مەركىزى بالى ئارىلى نۇسا دۇۋا غەربى قىرغىقىغا 143 كىلومىتىر يېراقلىقتا ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇغى 10 كىلومىتىر بولۇپ. بالى ئارىلى كۇتا دېڭىز ساھىلى ، سىنسادىن نېگارا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ماتارام ۋە شەرقى جاۋا ئۆلكىسى مادۇرا ئارىلى قاتارلىق رايونلارنىڭ كىشىلەر مۇ كۈچلۈك تەۋرەشنى ھېس قىلىپتۇ. بالى ئارىلى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرىغا تېلفۇن ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ شۇ يەردىكى مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىمارەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق سالغانلىغىنى، بىر چەتئەللىك ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 كىشىنىڭ تەۋرەشتە يارلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. جۇڭگونىڭ سۇرابايادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى يارلانغانلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ بار يوقلىغىنى تەكشۈرۋېتىپتۇ.
(دىلئارام)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!