بۈگۈن 22 – قېتىملىق خەلقئارا ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى. تەبىئىي ئاپەتنىڭ خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ئېڭىنى ئويغىتىش ئۈچۈن، 1987 – يىلى 12 – ئايدا 42 – نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، 1990 – يىلىدىن باشلاپ 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىنى ‹‹خەلقئارا تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئون يىلى›› قىلىپ بېكىتكەنىدى ھەم قىسقارتىلىپ ‹‹خەلقئارا ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئون يىلى›› دەپ ئاتالغانىدى.
1989 – يىل 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 44 – نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 10 – ئاينىڭ ئىككىنچى چارشەنبە كۈنىنى خەلقئارا ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى. ‹‹ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئون يىلى›› ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ب د ت كېڭىشى ‹‹ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشنى ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دۇنيادا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلىشنى قارار قىلدى.
2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 64 – نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنىنى خەلقئارا ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى. بۇ كۈن كىشىلەرنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتا قانداق ھەرىكەت قوللىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەت پەيدا قىلغان خەۋپ خەتەرنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
‹‹بالىلار ۋە ياشلارنى تەبىئىي ئاپەتنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى ئازايتىشتىكى ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلاندۇرۇش›› بۇ يىلقى خەلقئارا ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى