شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تىرىپولى، 11 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى لىۋىيەگە ياردەم قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى 11 – ئۆكتەبىر لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىغا يەتكۈزۈلدى.
جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەمىنلىگەن ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى قاچىلانغان ئايروپىلان 11 – ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى تىرىپولىدىكى مىتىگا ئايروپورتىغا قوندى، قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى گۈرۈچ، ياغ ۋە دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 43 توننا.
جۇڭگونىڭ لىۋىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى ۋاڭ شۈخۇڭ مۇنداق دېدى: لىۋىيەدە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو لىۋىيە خەلقى دۇچ كەلگەن كىرىزىسقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، جۇڭگو بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ لىۋىيەنى قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياردەم بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدۇ. 14 – ئۆكتەبىر ۋە 15 – ئۆكتەبىر جۇڭگودىن ئەۋەتىلگەن ئىككى تۈركۈم قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى تىرىپولىغا يېتىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 90 توننا.
لىۋىيەدە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى لىۋىيەنى 50 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى 19 – ئاۋغۇست لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى بېنغازى شەھىرىگە يەتكۈزۈلگەن.