شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگىتون، 11 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ئامېرىكا ئىككى ئىرانلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قەستلەش پىلانىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن، دۆلەت كاتىپى ھىلارى كلىنتون: ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىپ، ئىراننى خەلقئارا جەمئىيەتتە يەنىمۇ يېتىم قالدۇرۇشنى ئويلىشىدۇ، دېدى.
ئىران پارس ئاگېنتلىقىنىڭ 11 – ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېھمان پاراسەت 11 – ئۆكتەبىر ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلغان ھەم: بۇ رايون ۋە دۆلەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان سۇيىقەست، بىمەنە ھەم كۈلكىلىك ئويۇن، دېگەن.