شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگىتون، 11 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 11 – ئۆكتەبىر ئوبامانىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىگە تەرتىپ خاراكتېرىدە ئاۋاز بەردى، لېكىن قانۇن لايىھەسى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق 60 ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى، بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىنىڭ تولۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ ماقۇللىنىش ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ھالسىراپ قالغان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 8 – سېنتەبىر ئومۇمىي سوممىسى 447 مىليارد دوللارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، 12 – سېنتەبىر قانۇن لايىھەسىنى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنغانىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى كارخانا بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش بېجىنى كېمەيتىش، پات ئارىدا قەرەلى توشىدىغان ئىشسىزلىقنى قۇتقۇزۇش پۇلى سىياسىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەم ئۇل مۇئەسسەسەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.