ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىدا ئايروپىلان پارتلاتماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يىتەلم

2011-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىدا روژدېستوۋ بايرىمىدا ئايروپىلان پارتلاتماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يىتەلمىگەن جىنايەت گۇماندارى ئۆمەر فەرۇخ ئابدۇللا مۇتەللىپ تۈنۈگۈن ئامېرىكا مىچىگان شىتاتىدىكى بىر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسدە سوراق قىلىنىش جەريانىدا ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ سەككىز تۈرلۈك جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى. ئۆتكەن يىلى 25-دېكابىر نىگېرىيەلىك ئابدۇللا مۇتەللىپ ئامېرىكا دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردامدىن ئامېرىكىنىڭ دېترويتقا بارىدىغان ئايروپىلانىدا بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتماقچى بولوپ مەقسىتىگە يىتەلمىگەن، شۇ چاغدا ئايروپىلاندا 300چە يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى بار ئىدى. ئامېرىكا مىچىگان شىتاتلىق رايون سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 6-يانۋار ئابدۇللا مۇتەللىپ ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇنغان، ئابدۇللا مۇتەللىپ شۇ چاغدا سوتنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلغاندا جىنايىتىدىن تانغان ئىدى. ئابدۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسىمى كېلەر يىلى 12-يانۋار فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە چىقىرىلىدۇ.


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!