ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى كېلەر ئايدا پۇتىننى رەسمى

2011-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى باش كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ شۇجىسى نېۋىيلوف تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەمىز 27-نويابىر مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەھبىرى پۇتىننى كېلەر يىلى 3-ئايدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ. نېۋىيلوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن، رۇسىيە فىدىراتسىيىسى كومىتېتى پارلامىنت يۇقىرى پالاتاسى 25-نويابىردىن 5-دېكابىرغىچە بولغان ئارلىقتا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۇشنىڭ كونكىرت ۋاختىنى بېكىتىشى كېرەك. شۇنداقلا بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى 27-نويابىر پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىپ، پۇتىننى مەزكۇر پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا رەسمىي كۆرسىتىدۇ.

مىدۋىدىۋ 24-سىنتەبىر بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا باش مىنىستىر پۇتىننىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!