ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىرنىڭ مۇئاۋىن باش مىنسىتىرى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرىنىڭ

2011-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مىسىر قوراللىق قىسمى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھۈسەيىن تەنتاۋى 11-ئۆكتەبىر مىسىرنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى خازەم بېيبولاۋىينىڭ ئىستىپا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. تەنتاۋى شۇ كۈنى كەچتە بېيبولاۋىي بىلەن كۆرۈشكەندە : نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە سىزنىڭ ئىستىپا بېرىشىڭىزگە قوشۇلمايمەن دېدى ھەمدە ئۇنى ئىش ئورنىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشقا قايىل قىلدى. مىسىر مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيبۇلاۋىي ھازىر مىنىستىرلىق ئىشخانىسىغا قايتىپ خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ.

بۇ يىل ئىيۇلدا بېيبولاۋىي مىسىرنىڭ باش مىنىستىرى شىرىف كابىنتنى قايتا تەشكىللىگەندە مۇئاۋىن باش مىنىستىر قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرىلىككە تەيىنلەنگەن. ھۆكۈمەتنىڭ 9-ئۆكتەبىر قاھىرەدىكى توقۇنۇش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا نارازى بولۇپ، 11-ئۆكتەبىر بېيبولاۋىي شىرىفقا ئىستىپانامە سۇنغان ئىدى. بېيبولاۋى مۇنداق دەپ قارىدى: مىسىر تېلېۋىزىيە بىناسى ئالدىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋەقەسى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا غايەت زور تەسىر يەتكۈزدى، بۇ ئىشنى بىۋاستە ھۆكۈمەتكە دوڭگەپ قويمىغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەت بۇنىڭدىكى قىسمەن ئەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!