جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى پۇتىن 11-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى، 12-ئۆكتەبىر نەشىردىن چىققان رۇسىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەر بۇنى پائال خەۋەر قىلدى. رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ گېزىتى «رۇسىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبىتىنىڭ كەيپىياتى ئەمەلىي ۋە دوستانە بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسى بار دېدى. پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى بارغانسىرى كۆپ خىللاشماقتا، نۆۋەتتىكى ئالدىنقى نىشان يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى، ئىككى دۆلەت ئۆز تېخنىكىسى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. رۇسىيە «خەۋەرلىرى گېزىتى»دە پۇتىننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە ترانسىپورت تەرەپلەردە بىر تۈركۈم زور تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىككى تەرەپ يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش لىنىيىسى قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بوسۇغۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى بىرلىشىپ ئېچىش ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىششىقلاپ ئىشلەشنى پىلانلىدى. رۇسىيە تور تاراتقۇسى «ھەپتىلىك ئىسپات تورى» دا مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن 11-ئۆكتەبىر ۋېن جياباۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ مەبلەغ سېلىش، مېتاللۇرگىيە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.