جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىسرائىلىيە كابىنتى 12-ئۆكتەبىر سەھەردە جىددىي يىغىننى ئاياغلاشتۇرۇپ، 26 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 3 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرىشىدەك نەتىجە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن ھاسىل قىلغان ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە تۈرمىگە قاماقلىق 1027 پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بېرىپ، خاماس ئەسىرگە ئالغان ئىسرائىلىيە ئەسكىرى شالىت بىلەن ئالماشتۇرىدۇ.
2006-يىلى 25-ئىيۇن گازا رايونىدا پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قېتىملىق چېگرا ھالقىپ ئېلىپ بارغان تۇيۇقىسز زەربىسىدە شالىت ئەسىرگە چۈشكەن. شالىت ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق شالىتنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.