جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
لوس ئانژىلېسنى ئىگىلىۋېلىش نامايىش ھەرىكىتىنىڭ داغدۇغۇسى 11-ئۆكتەبىر داۋاملىق ئەۋجىگە چىقتى، نامايىشچىلار ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشنى تەشكىللىگۈچى جوۋ بۇرىستول ئاۋنىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە نامايىش ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ تەلىپى ئوخشىمىغاچقا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن نامايىشچىلار بىرلىككە كەلگەن مەخسەتتە ھۆكۈمەت ۋە چوڭ شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىشقا تىرىشىدۇ.