ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيە يادرو ئېلېكتىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

2011-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 11-ئۆكتەبىر ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى دوكىلاتنى ئېلان قىلدى. دوكىلاتتا ئەنگىلىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى پىلانىدا فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئوخشاش مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، ئەنگىلىيە يادرو ئېلېكتىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ دەپ ھىساپلاندى.

دوكىلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: گەرچە ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئېغىر ۋەقە كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگىلىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمىدى. شۇڭا، ئەنگىلىيەنىڭ ھازىرقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئايلىنىشىغا چەك قويۇش ھاجەتسىز، ئەنگىلىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش پىلانىنىمۇ ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز. دوكىلاتتا فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسىدىن ساۋاق ئېلىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!