ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بان كىمون ئۇكرائىنانىڭ سابىق باش مىنىستىرى تېمىشۇنكوغا كۆڭ

2011-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ئۇكرائىنا سوتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تېموشىنكوغا جىنايەت بېكىتىلگەنلىكى ھەمدە جازا ھۆكۈم قىلىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى.

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېف شەھرى پىچىئېرسى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى 11-ئۆكتەبىر: 2009-يىلى رۇسىيە بىلەن گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا، شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر تېموشىنكو باش مىنىستىرنىڭ ھۇقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ جىنايىتى بىكىتىلدى، تېموشىنكوغا يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى دەپ جاكارلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتى بۇ كېسىمدىن ناھايىتى ئۈمىتسىزلەندى ۋە ئەپسۇسلاندى، رۇسىيە، ئامېرىكا ھەمدە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى ئارقا-ئارقىدىن كېسىمگە نارازىلىق بىلدۈردى.


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!