ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كازافىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
       كازافىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى سائادىي    جۇڭگو ئاخبارات تورى 29–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 29– سېنتەبىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ تەشكىلات لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› نىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرگە قىزىل ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنى كازافىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى سائادىينى تۇتۇشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلغان . خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى سائادىينىڭ نىگېر چېگرىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەن . شۇڭا لىۋىيە بىلەن نىگېرغا قوشنا دۆلەتلەر ۋە بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن قاتناش ئالاقىسى بار بارلىق دۆلەتلەرنىڭ سائادىينىڭ ئىز–دېرىكنى قىلىشقا ھەمدە ئۇنى تۇتۇشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلغان . ئىگىلىنىشىچە ، لىۋىيە باش تەپتىش ئىشخانىسى سائادىينى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان .

   خەۋەر قىلىنىشىچە ، سائادىي ‹‹ زورلۇق ئىشلىتىپ بايلىق يۇتۇۋالغان ›› ھەمدە لىۋىيە دۆلەت پۇتبول ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە ‹‹ باشقىلارنى قورال ئارقىلىق قورقۇتقان ›› دەپ ئەيىبلەنگەن . بۇ يىلنىڭ بېشىدا ، ئۇ ب د ت نىڭ ساياھەت قىلىشنى مەنئىي قىلىش جازاسىغا ئۇچراپ ، بارلىق مال–مۈلكى توڭلىتىۋېتىلگەن .

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن سائادىي بۇرۇن لىۋىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە ئىتالىيەنىڭ A دەرىجىلىك كۇلۇبى پىرۇگىي ، ئۇدىنىس ۋە سامپۇتۇلىيە قاتارلىق كوماندىلىرىغا قاتناشقان . لېكىن چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ كازافىنىڭ ئوغلى بولغانلىقىدا ، دەپ قارىغان .

   دادىسى ۋە ئاكىسى سيف بىلەن سىياسىي مەيدانى ئوخشاش بولمىغان سائادىي بۇرۇن لىۋىيەدىكى كازافىغا قارشى كۈچلەر ( لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› ) بىلەن تەسلىم بولۇش توغرىسىدىكى ئىشلارنى كېڭىشىش ئۈچۈن ئالاقىلاشقان .

   بۇ يىل 11–سېنتەبىر ، نىگېر تەرەپ سائادىينىڭ بۇ دۆلەتكە كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ ، نىگېر تەرەپ پەقەت ئۆزىنىڭ  ‹‹ ئىنسانپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتى ›› نىلا ئادا قىلىدىغانلىقىنى ، لېكىن سائادىينىڭ مۇساپىرلارغا بېرىلگەن ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .   

   بۇنىڭدىن باشقا ، مۇشۇ ئاينىڭ 9–كۈنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى 188 ئەزا دۆلەتكە قىزىل ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەردىن لىۋىيە رەھبىرى كازافى ، ئۇنىڭ ئوغلى سيف ۋە سابىق ئاخبارات تارمىقىنىڭ مەسئۇلى سېنۇسنى تۇتۇشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلغان .

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئىمزالىغان خەلقئارالىق ئۇقتۇرۇشنىڭ يەتتە خىل تۈرى بار ئىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىزىل ئۇقتۇرۇش بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق ئۇقتۇرۇشى بولۇپ ،  ئۇقتۇرۇشتا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىن مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى ياكى خەلقئارا سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى ھەمدە ئۇلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىكەن .

   بۇ يىل 3–ئايدا ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بۇرۇن كازافى ۋە ئۇنىڭ 15 نەپەر ئائىلە ئەزاسى ياكى ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىگە سېرىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، بۇ ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەرنى كازافى ۋە ئۇنىڭ مال–مۈلكىنىڭ ئېقىشى ئېلىپ كېلىدىغان خەتەردىن ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەلگىلىگەن جازالاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەملىشىپ ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى سوتىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن .

   27–ئىيۇن ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەپتىش مورېنو ئوسامپو ( moreno-ocampo ) ئوتتۇرىغا قويغان ئىلتىماسنى تەستىقلاپ ، كازافى قاتارلىق ئۇچ كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ، ئۇلارنى ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن . تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تارىخىدىكى دۆلەت باشلىقىغا چىقىرىلغان 2–قېتىملىق تۇتۇش بۇيرۇقى ھېسابلىنىدىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!