خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 29-سېنتەبىر خەۋىرى: دۇنيا گېزىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئوتتۇرا دېڭىزغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، قىبرىس (سىپرۇس) بىلەن تەبىئىي گازلىقنى ئېچىش ھوقۇقىنى تالاشماقچى بولغان. نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئوتتۇرا دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى زورايتىپ، ئىسرائىلىيەنى ئەدەپلەپ قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي ساھەسىدىكى تەبىئىي گاز مەنبەسىگە بولغان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تەكىتلىگەن. قىبرىس 1974-يىلى بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرۇپ كەلمەكتە. جەنۇبىي قىسىمىنى گىرىكلار كونترول قىلىدۇ ھەمدە سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى دېيىلىدۇ، شىمالىي قىسىمىنى تۈركلەر كونترول قىلىدۇ. سىپرۇس ئالدى بىلەن تەبىئىي گاز ئېچىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. سىپرۇس كېيىن ئامېرىكىنىڭ نوبلې ئېنىرگىيە شېركىتى بىلەن تەبىئىي گاز ئېچىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان، ئاتالمىش سىپرۇس دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي رايونى «12-رايون» دا سىناق خاراكتېرىدە بۇرغىلاش خىزمىتى ئېلىپ بارغان، بۇ رايون سىپرۇس بىلەن ئىسرائىلىيە دېڭىز ساھەسى چېگىرلىنىدىغان رايونغا جايلاشقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سىپرۇس مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن چېگرا ئايرىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىپ بولغان. ئامېرىكا نوبلې ئېنىرگىيە شېركىتى سىپرۇس ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەن، ئىككى دۆلەت دېڭىز ساھەسى ئىچىدە ئېچىش پائالىيىتىدە بولغان. تۈركىيە ئۆزىنىڭ قىبرىس (شىمالىي سىپرۇس) تىكى مەنپەئەتىنى تەكىتلىگەن ھەمدە بۇ گازلىققا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (نەپرەت)