1. مۇۋاپىق خىزمەت مۇھىتى يارىتىش. ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، بەك يورۇق ياكى بەك گۇڭگا بولماسلىقى كېرەك. ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قۇياش نۇرىنىڭ ئېكرانغا بىۋاسىتە چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئېكران بەك يورۇق بولماسلىق، يېشىل رەڭنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيلەردە چوقۇم ھاۋانى دېزىنفېكسىيەلەش، پات – پات ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.
2 . توغرا ئولتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئامال بار ئېگىزلەتكىلى – پەسەيتكىلى بولىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش ھەم ئەركىن – ئازادە ئولتۇرۇپ ئىشلەش، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ مەركىزى بىلەن مەشغۇلات ئىلىپ بارغۇچىنىڭ كۆكرەك قىسمى بىر تۇز سىزىقتا بولۇشى، كۆز بىلەن ئېكران ئارىلىقى تەخمىنەن 40 – 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. مەشغۇلات جەريانىدا چوقۇم پات – پات كۆزنى يۇمۇپ، كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
3. كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۈچەپ باسماسلىق، مۇسكۇللارنى ئەركىن قويۇۋېتىش. بېغىشىدا كېسەل ياكى بارماق ياللۇغى بارلار چوقۇم بېغىش بىلەن بارماق بوغۇملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، بېغىشنى ئامالنىڭ بارىچە ئۈستەلنىڭ قىرىغا تىرىۋالماسلىقى لازىم.
4. كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك لازىم. كومپيۇتېردا ئۇدا بىر نەچچە سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن چوقۇم 10 – 15 مىنۇت ئارام ئېلىش، ئارام ئالغاندا چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، پۇت – قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.
5. دائىم يۈز – قولنى يۇيۇپ تۇرۇش. كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن ئېلېكتىرون بولۇپ، ئاسانلا چاڭ – توزاننى ئۆزىگە يېپىشتۈرۈۋالىدۇ، مەشغۇلات جەريانىدا مەشغۇلاتچىنىڭ يۈز – قولى قاتارلىقلار ئاسانلا بۇ بۇلغانمىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يۈزنى يۇيۇپ تۇرمىغاندا بۇنىڭ تەسىرىدە يۈزدە داغ – سەپكۈنلەر پەيدا بولۇپ قېلىشى، ئېغىر بولغاندا تېرە پىگمېنتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
6. تەركىبىدە ۋىتامىن A مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن: سەۋزە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، چىلان، ھايۋان جىگىرى قاتارلىقلار. يېشىل چاينى كۆپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، يېشىل چاي تەركىبىدە فىنولىن كۆپ بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېر پەيدا قىلىدىغان بەزى زىيانلىق ماددىلارغا قارشى تۇرالايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھۆسناجى ئابدۇرېھىم تەييارلىغان بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن