تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى بىر قەۋەت تۇخۇم ئېقىنى چىقىرىپ، بىر قوشۇق سۈت پاراشوكى ۋە بىر قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كېيىن ، ئۇخلاشتىن ئىلىگىرى يۈزىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ، يۈزگە تەكشى سۈرۈپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ھەر كۈنى كەچتە شۇنداق قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرسى سىلىق بۇلىدۇ .
2. بالىلاردىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسەللىكىنى ساقايتالايدۇ
تۇخۇم شاكىلىدا90پىرسەنىت تىن كۆپ كالتىسىي كاربونات ۋە ئاز مىقىداردا ناترىي كاربونات، ھىدروفوسفات قاتارلىقلار ماددىلار بار . شۇڭا تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ تالقانلاپ ، بالىغا ئىچۈرگەندە بالىدىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسلىگە شىپا بولىدۇ .
3. ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتەلەيدۇ
تۇخۇم شاكلىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاقلاپ ، بوش ئوتتا سارغايغۇچە ( كۆيدۈرۈۋەتمەي ) قۇرۇغاندىن كېيىن تالقانلاپ ، ھەر كۈنى بىر تۇخۇم شاكىلغا تەڭ مىقىداردا ئېلىپ، 2-3قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچكەندە، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي جاراھىتگە ئاشقازان ئاغرشقا ، مەيدە ئېچىشىشقا شىپا بولىدۇ .
4. ياللوغىنى يوقىتىپ ، ئاغرىق توختىتالايدۇ
تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ ، تالقانلاپ يارىلانغان جايغا سەپكەندە، يارىلانغان جاي ياللۇغلىنىپ ،قالماي تېز ساقىيىدۇ .
5. كۆيۈكنى ساقايتالايدۇ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى نېپىز پەردىنى چىقىرىۋېلىپ ، كۆيگەن جايغا چاپلاپ قويغاندا، كۆيگەن جاي 10 كۈن ئەتراپىدا ساقىيىىپ كېتىدۇ، چاپلانغان ھامان ئاغرىقىنمۇ توختىتىدۇ.