ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

روسىيە ئىراننىڭ S-300 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىن تۆلىگەن پۇلىنى

2011-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئېكىسپورت شېركىتىنىڭ دېرىكتورى ئانتونىي ئىسايكىن روسىيە سودىگەرلەر گېزىتى نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، روسىيەنىڭ ئىرانغا S-300 باشقۇرۇلىدىغا
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئېكىسپورت شېركىتىنىڭ دېرىكتورى ئانتونىي ئىسايكىن روسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، روسىيەنىڭ ئىرانغا S-300 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەمىنلەش توختامىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تېھراننىڭ ئالدىن تۆلىگەن 167 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر توختام 2007-يىلى ئىمزالانغان. توختامدا روسىيە ئىرانغا 5 دانە S-300PUM-1 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەمىنلەيدىغانلىقى، سېتىش قىممىتىنىڭ 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. روسىيە پىرىزدېنتى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1929-نومۇرلۇق قارانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەدبىرگە ئىمزا قويغان. مەزكۇر قارارنى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ماقۇللىغان. پىرىزدېنت مېدىۋىدېۋ ئىرانغا S-300 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، بروۋنىك ئەسلىھەسى، ئۇرۇش ئايروپىلانى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى قاتارلىق قورال-ياراغ سېتىشنى چەكلىگەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!