ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈرك-ئىسرائىلىيە سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى

2011-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
ئىسرائىلىيىنىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغاندا قەستەن پەس ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇشى تۈركىيىنىڭ قاتتىق قارشىلىققا سەۋەب بولدى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى (AKP) ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئەردوغان 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپلا ئىسرائىلىيىنىڭ گاز
  


ئىسرائىلىيىنىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغاندا قەستەن پەس ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇشى تۈركىيىنىڭ قاتتىق قارشىلىققا سەۋەب بولدى


ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى (AKP) ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئەردوغان 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپلا ئىسرائىلىيىنىڭ گازا رايونىنى قامال قىلىۋېلىشىنى ئەيىبلەپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يەھۇد باراك ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەندە ئەردوغان ئۇنىڭغا دوستانە بولمىغان پوزىتىسىيە بىلدۈرگەن، بۇ ئەنقەرەنىڭ ئېرۇسالىمغا بەرگەن بىرىنچى قاتتىق ئىنكاسى ئىدى.

2008-يىلى ئىسرائىلىيە گازاغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي شۋېتسارىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن داۋوس مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا ئەردوغان ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى شىمون پرېسنى - ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىسرائىلىيە سىياسىئونلىرىنىڭ ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى دەپ قارىلاتتى - قاتتىق ئەيىبلەپ، يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. تۈركىيىگە قايتقاندا داۋوس قەھرىمانى دەپ قارشى ئېلىنغان ئەردوغان خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن ئىسرائىلىيىگە قارشى مەيدانىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەرەب ئەللىرىدە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان رەھبەرگە ئايلاندى.

كېيىن ماۋى مارمارا ۋەقەسى يۈز بەردى: ئىسرائىلىيە پۈتۈنلەي ئورۇنسىز قان تۆكتى. ئۇلار تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى تەشكىللىشىدىكى خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم پاراخوت ئەترىتىنى ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەستىن ئوچۇق دېڭىزدا ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئوققا تۇتۇپ 9 نەپەر تۈركنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە ئىككىنچى چوڭ خاتالىقنى ئۆتكۈزدى: كېمىدىكى بارلىق خادىملارنى تۇتۇپ ئىسرائىلىيىگە ئېلىپ كېتىپ سوراق قىلدى ۋە تۈرمىگە تاشلىدى. پاراخوتتا قورالسىز كىشىلەرگە ئوق چىقارغان ئەسكەرلەر بولسا ھېچقانداق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىمىدى. ئىسرائىلىيە ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقە ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمىدى، ئىسرائىلىيىدە ھېچكىم بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلمىدى، ھېچكىم خىزمىتىدىن ئايرىلىپمۇ قالمىدى. 

تۈركىيە ئىزچىل ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋە تۈركىيىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تۈركىيىدىن كەچۈرۈم سوراش گازا قامىلىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئىسرائىلىيە ئىزچىل بۇ تەلەپنى رەت قىلىۋاتىدۇ. نېتانىياخۇ ھۆكۈمىتى بىر نەچچە قېتىم ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ۋەقەدە ھېچقانداق خاتالىقى يوقلىقىنى تەكرارلىدى. مۇشۇنداق تىل ئۇرۇشلىرى ئارقىسىدا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تىنچلىق ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارنىمۇ كۆرسەتتى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ مەخسۇس بۇ ۋەقە ئۈچۈن تەكشۈرۈش ۋە ياراشتۇرۇش ئۆمىكى تەشكىللىدى. نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە يېقىندا ئاشكارىلانغان ب د ت ماۋى مارمارا ۋەقەسى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەقىقەتەنمۇ چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت دەپ باھالاندى، گەرچە دوكلات گازا قامىلىنى قانۇنلۇق دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ.

ئەردوغان داۋوس مۇنبىرى يىغىنىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى


ئىسرائىلىيە تەرەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرماننىڭ تۈركىيىگە بولغان قاتتىق پوزىتىسىيىسى ۋەقەنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتمەكتە. تۈركىيىمۇ ئىسرائىلىيىدىن گۇناھىنى تونۇشىنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش مەيدانىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكرار ئېلان قىلدى. 2010-يىلى دېكابىردا ئىككى تەرەپ ئاخىرى بىر تۈرلۈك چۈشىنىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلاندى: ئىسرائىلىيە كەچۈرۈم سوراشقا ۋە تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ ۋەقەنى كېلىشىمدە ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى دەپ بېكىتىشنى شەرت قىلىۋالدى. ئاقىۋەتتە سۆھبەت بۇزۇلدى. بۇ نەتىجىسىز سۆھبەت ئىككى دۆلەت تىنچلىق مۇساپىسىگە كۈچ چىقارغۇچىلار ۋە بۇنىڭغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.

بۇ بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېلىپ چىققان ئەڭ مۇھىم نەتىجە شۇكى، تۈركىيە تەرەپنىڭ مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئەكسىچە ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتىسىيىسى تۈركىيىنى بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ ئورۇنغا چىقىرىپلا قالماستىن يەنە ئەنقەرەنىڭ رايون دىپلوماتىسىيىسىدىكى ئورنىنىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. تۈركىيىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى. نەتىجىدە تۈركىيە بۇ ئاساسلىرىغا تايىنىپ ئىسرائىلىيىدىن كەچۈرۈم سوراش ۋە تۆلەم تۆلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭراق بىر مەسىلىنى، يەنى گازا قامىلىنى شەرتسىز ۋە دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ تەلەپنى تېخىمۇ قوبۇل قىلماسلىقى، بەلكى قىلالماسلىقى مۇمكىن. گازا قامىلىنى بىكار قىلىش، بۇ مەسىلىگە ئوتتۇرا شەرقتە تېخى ھېچقانداق بىر دۆلەت كۈچ چىقىرىپ باقمىغان، ھەتتا تىلغا ئېلىپمۇ باقمىغانىدى. تۇنجى قېتىم بۇ مەسىلىنى كۆتىرىپ چىققان ئەردوغان يەنە بىر قېتىم رايوننىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىغا ئايلاندى.

ئەمەلىيەتكە قايتىپ كەلسەك، بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ئەردوغاننىڭ تۈركىيىسىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى جەھەتتە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك ھالەتكە كەلتۈردى. ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيە كىرىزىسلىرى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەردوغاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى دۆلەت ئىچىدىكى كەڭ ئاساسىغا تايىنىپ ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. سايلامدا ئۇدا غەلىبە قىلىپ، جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تىنچ سايلام ئارقىلىق ئۇدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان تۇنجى ھۆكۈمەت بولۇپ قالدى. دۆلەت سىرتىدا ئىسرائىلىيە كىرىزىسى يەنە تۈركىيىنىڭ رايوندىكى كۈچىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇردى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە چېگرا ئاتلاپ زەربە بېرىشتىمۇ ئىككىلەنمەيدىغان بولدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا تۈركىيە بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا كۈچەيدى.

بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشتا ئامېرىكا ئامىلىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئىسرائىلىيە تارىختىن بۇيان ۋاشىڭتوننىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى. ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنى بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. نېتانىياخۇ ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەردە كەتكۈزۈپ قويدى، لېكىن ۋاشىڭتون يەنىلا ئېرۇسالىمنى قوللايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ قوللىشى ئىسرائىلىيىنىڭ تۈرك-ئىسرائىلىيە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئىزچىل قاتتىق پوزىتىسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر. لېكىن ئاقساراي شۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشى كېرەك: ئامېرىكا ھازىر بۇ ئىككى ئىتتىپاقدىشى ئارىسىدا ئىككىدىن بىرنى تاللاشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. قايسى بىرىنىلا تاللىسا ئىككىنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.

يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پەلەستىن دۆلەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ھەتتا بۇنى نەتىجىنى بەلگىلەيدىغان ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى نۆۋەتتە نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزىلىۋاتقان 66-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش تەلىپىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدىغانلىقىنى جاكارلاپ بولدى. بۇنىڭغا ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغان تەرەپ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بولسا، پەلەستىن دۆلەتچىلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى تۈركىيە بولدى. دېمەك ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككىدىن بىرنى تاللاش سوئالىغا رەسمىي جاۋاب بېرىدىغان ۋاقتى كەلگەندەك تۇرىدۇ. (Hechkim)

باشقا تورلارغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ


ئاپتور ھېنرىي باركېي باش شىتابى ۋاشىڭتونغا جايلاشقان كارنېگ خەلقئارا تىنچلىق فوندىنىڭ ئەزاسى. ئامېرىكا لېھاي ئۇنىۋېرستېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى.
بۇ يىل 2-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىگە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلان قىلدى: تۈركلەر ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنى قوغلىۋەتتى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش كاتىپ دەرىجىسىگىچە تۆۋەنلەتتى، ھەربىي مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقى ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى دەرھاللا جىددىيلىشىپ كەتتى. ئوبامانىڭ رايون ئىستېراتېگىيىسىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىدى. ئەردوغان يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ۋاشىڭتونغا ئىزچىل بىر ئەمەلىيەتنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، يەنى ئوباما ھازىر قىيىن بولغان تاق تاللاش سوئالىغا دۇچ كەلدى: ئەنقەرە ياكى ئېرۇسالىم.

ئەرەب باھارى، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەر ئىككى دۆلەتكە قوشنا بولغان سۈرىيىدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنىڭ ئىجرا باسقۇچىغا كىرىشى تۈركىيىنىڭ رايوندىكى مۇھىملىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبى ياۋروپا رايونى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇھاپىزەت قالقىنىنى تۈركىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ئەنقەرەنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىستېراتېگىيىسىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىيە كىرىزىسى ئەمەلىيەتتە خېلى بۇرۇنلا - ئەردوغان تەختكە چىققاندىلا - باشلانغان. ئۆتكەن يىلى ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ گازا قامىلىغا جەڭ ئېلان قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانىي ياردەم ئېلىپ ماڭغان تۈركىيە پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىپ توققۇز نەپەر تۈركنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىدى. 2-سىنتەبىر تۈركىيىنىڭ ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنى قوغلىشىنى بۇ دىپلوماتىيە ئۇرۇشلىرىنىڭ كۇلمىناتىسىيە نۇقتىسى دېيىشكە بولىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!