جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان سابىق پىرىزدېنت بۇرھانىدىن رەببانىنى دەپنە قىلغان. بۇرھانىدىن رەببانى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان ئىدى. نەچچە مىڭ ئامما قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنغان ئەلچىخانىلار رايونىدا بۇرھانىدىن رەببانىنى دەپنە قىلىشقا قاتناشقان. مېيىت كابۇلغا دەپنە قىلىنغان. ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاي 23-سېنتەبىر رەببانىنى دەپنە قىلغاندا سۆز قىلىپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كارزاي:«بۇرھانىدىن رەببانىنىڭ قېنى ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغان باشقا شېھىتلەر بىزدىن تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا» دېگەن. ئەمما كارزاي بىرلا ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇپ، تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، تىنچلىقنىڭ دۈشمەنلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەسئولىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئالىي تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، پىرىزدېنت كارزاي، ھەر قايسى مىنىستېرلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دەپنە قىلىشقا قاتناشقان. مەزكۇر ئەمەلدار بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، خەلقئارالىق ئەمەلدارلارنىڭ قاتناشقان قاتناشمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كابۇل ساقچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەچچە مىڭ ساقچى يۇقىرى دەرىجىدە ھوشيار ھالەتكە كىرگەن. ساقچىلار، ھەربىيلەر ۋە ئاخبارات مىنىستېرلىكى قوراللىنىپ تەق بولۇپ تۇرغان. ساقچىلارنىڭ بروۋنىكلىرى ۋە ماشىنىلىرى، ئالاھىدە خادىملار كوچىلارنى چارلىغان، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرگەن. چۈنكى دەپنە قىلىشقا قاتناشقان ئادەم بەك كۆپ بولغانلىقتىن، بىر پەس قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن، ساقچىلار ئاسمانغا ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. مېيىت نامىزى كابۇلدىكى بىر كىچىك تاغدا چۈشۈرۈلگەن. دەپنە قىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئولتۇرغان جايغا تاش ئاتقانلىقتىن، ساقچىلار ئاسمانغا ئوق چىقرىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان. تالىبان قەسلەشكە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستان دائىرلىرى تالىبان قەستلەش ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول دەپ گۇمان قىلماقتا. (نەپرەت تەرجىمىسى)