ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش ئىلتىماسى تەتۈر ساناققا كىردى

2011-يىلى09-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورى 23 - سېنتەبر خەۋىرى: پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 23 - سېنتەبر ب د ت نىڭ رەسمى ئەزاسى بولۇش ئىلتىماسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان. شۇبھىسىزكى، بۇ ب د ت يىغىنىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇق
  

جۇڭگو ئاخبارات تورى 23 - سېنتەبر خەۋىرى: پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 23 - سېنتەبر ب د ت نىڭ رەسمى ئەزاسى بولۇش ئىلتىماسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان. شۇبھىسىزكى، بۇ ب د ت يىغىنىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان. بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە پەلەستىنگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىلتىماس سۇنۇشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان، ھەمدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىندىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان، ئەمما پەلەستىن ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇش قارارىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، ھەمدە بانكىمون ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىلتىماسنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشىنى، كەينىگە سۈرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئابباسنىڭ بۇ قارارى پەلەستىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نام - ئابرويى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن، بۇ پەلەستىننىڭ 44 يىلدىن بۇيانقى مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىنى  ئەكس ئەتتۈرگەن، شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قەتئىي يوقلۇقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئامېرىكا تەرەپ ئىزچىل تۈردە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى، سۆھبەتلىشىش ئىكەنلىكىنى دېگەن، ئەمما پەلەستىن ب د ت ئارقىلىق مۇستەقىل بولۇشنى ئاشۇرماقچى بولغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوۋباما 21 - سېنتەبر ئابباس ۋە ئىسرائىلىيە مىنىستىرى نېتانىياخۇ بىلەن پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان. ئامېرىكا پارلامېنتى ھىلارىمۇ ئوخشاش سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەن. پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇشىنى ئەرەب دۆلەتلىرى قىزغىن قوللىغان. لېكىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ پوزىتسىيىسى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر تەرەپتە يالغۇز قېلىشىغا سەۋەب بولغان. پەلەستىن ئامېرىكىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقىغىمۇ تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى لايىھىسىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى «كۈزەتكۈچى» لىكتىن «كۈزەتكۈچى دۆلەت» كە ئۆستۈرۈلمەكچى بولغان. ئەگەر ئاۋاز بېرىشتىن كۆپ سان بىلەن ئۆتسە، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ قارشى چىقىش ھوقۇقى بولمايدىكەن. ( mehray)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!