جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران پىرىزدېنتى ئەخمەد نىجاد 9-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇيوركتا ئېچىلغان 66-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتى ۋە قىممەت قارىشىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئامېرىكىنىڭ سۈيقەستى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كېتىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن، نيۇيوركتىكى نۇرغۇن ئىران مۇھاجىرلىرىدىن بولغان ئامېرىكلىقلار ب د ت يىغىن مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ ئەخمەد نىجادنىڭ نۇتۇقىغا قارشى نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا «ئىراننى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان، نامايىشچىلار سۇرىيە ۋە ئىراننىڭ ئىتتىپاقىنى مەسخىرە قىلغان. بەزى بالىلارمۇ نامايىشقا قاتناشقان، ئەخمەد نىجادنىڭ سۈرىتىنى يەرگە ئېتىپ چەيلىگەن. نامايىشچىلار يەنە يادرو قورالى ياساشنىڭ سىمۋولى ئۇرانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تورت تارقاتقان. يەنە بىر قىسىم نامايىشچىلار مىسىر پىرىزدېنتى مۇبارەك سوتلانغان قەپەزگە ئوخشاش قەپەز ياسىغان بولۇپ، بىر نامايىشچى ئەخمەد نىجادقا ئوخشاش ياسىنىپ قەپەزگە سولانغان. ئىران مۇھاجىرىدىن بولغان ئامېرىكىلىق:«مەن ئەخمەد نىجادنىڭ بۇ قەپەزگە بالدۇراق كىرىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا قارشى جىنايىتى ئۈچۈن سوتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)