جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 23-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان فىلىمدا، يەمەن پىرىزدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 3 ئاي داۋالانغاندىن كېيىن يەمەن پايتەختى ساناغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. يەمەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 23-سېنتەبىر جۈمە خەۋەر قىلىپ:«پىرىزدېنتىمىز ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ رىيادتا ئۈچ ئاي داۋالانغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەن پايتەختكە بىخەتەر قايتىپ كەلدى» دەپ خەۋەر قىلغان. پىرىزدېنت سالىھ 6-ئايدا ئۆكتىچىلەرنىڭ توپ ئوقىدا يارىدار بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا داۋالانغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، سالىھ 8-ئاينىڭ بېىشىدا دوختۇرخانىدىن چىققان، ئەمما ۋاقتىنچە يەمەنگە قايتمىغان. سالىھ ئىلگىرى دۆلتىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىزچىل بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى. (نەپرەت)