جۇڭگو ئادەملىك ئالەم كىمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 20-سېنتەبىر مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو 27-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قۇيۇپ بېرىش مەركىزىدە «تيەنگۇڭ 1-نومۇر»نى قۇيۇپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، «تيەنگۇڭ 1-نومۇر» نىشانلىق ئۇچقۇ، «ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر F» راكىتا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قۇيۇپ بېرىش مەركىزىدىكى قۇيۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كىلىندى.
مەنبە؛ "شىنخۇا تورى".