جىگدە مېۋىسى بەدەن ئاجىزلىقىغا، ئاشقازان ئاجىزلىق كېسىلىگە، سەپرادىن بولغان تولغاققا، بېشى قېيىش، قۇسۇش كېسىلىگە، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش كېسىلىگە، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە، جىنسىي كېسەللىككە شىپا قىلىدۇ.
جىگدە مېۋىسىنى سىركىگە چىلاپ، كۈندە ئۈچ – تۆت قېتىمدىن ئاز مىقداردا
سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ئاشقازان كېسەللىكى، ئىچى سۈرۈشكە
ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ؛ جىگدە گۈلىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ،
يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ جىگدە گۈلىنى شەربەت قىلىپ ئىچىپ بەرسە،
كۆكرەك ئاغرىقى، نەپەس سىقىلىش ۋە ئۆپكە كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ،
جىگەر، تالدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بەزگەك كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ .