بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيى

ۋاقتى:2009-10-02 16:04مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

 رابىيەم مەتسەيدى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياراملىق ئەمگەكچىلەردىن بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى كۆپچىلىكىمىز بىلىمىز. لېكىن ھازىر بەزى كىشىلەردە ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ، مەكتەپ دەرۋازىسىغا كەلگىنىمدە بىر توپ كىشى دەرۋازا ئالدىغا توپلىشىۋاپتۇ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن توپ ئارىسىغا باردىم. مەكتىپىمىز ئالدىدىكى يايمىچى بىلەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى ۋارقىرىشىۋاتقان ئىكەن. ئادەتتە خېلى قوپال گەپلەرگىمۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدىغان، ئىللىق چىراي بۇ يايمىچىنىڭ بۈگۈن تەرى تۈرۈلگەنىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئەسلىدە ھېلىقى كىشىنىڭ بالىسى كۈندە مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا دادىسىدىن پۇل ئېلىپ، بۇ يايمىچىدىن ئۇششاق – چۈششەك نەرسە ئېلىپ يەيدىكەن، يېقىندىن بۇيان ئوغلى پۇلنى كۆپ سورايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ھەتتا بەزىدە دادىسىنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئېلىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بالىدىن پۇللارنى نېمىگە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى سورىسا، بالىسى يايمىكەشتىن تاماكا ئېلىپ چېكىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ، شۇڭا بۇ دادا يايمىكەشكە ئاچچىقلىنىۋاتقان ئىكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   ئىلگىرى بىز مەكتەپكە ماڭساق ئانىلىرىمىز سومكىمىزغا چىلان، گۈلە، جىگدە، نان دېگەندەك ئۆيدە بار يېمەكلىكلەرنى سېلىپ قوياتتى، بۇلارنىڭ سالامەتلىكىمىزگىمۇ پايدىسى بار ئىدى. بىز ئەزەلدىن ھازىر بەزى دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان، ‹‹ئەخلەت يېمەكلىك›› دەپ ئاتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنى يېمەيتتۇق، مەكتەپ ئەتراپىدىمۇ ئۇنداق نەرسىلەرنى ساتىدىغان دۇكانلار، يايمىچىلار يوق ئىدى.  ئاتا – ئانىمىز خەجلەشكە بەرگەن پارچە پۇللارنى يىغاتتۇق. ھازىرقى بالىلار ئاشۇنداق ‹‹ئەخلەت يېمەكلىك››لەرگە بەك ئامراق، ئۇلار مەكتەپكە ماڭغاندا ئاتا – ئانىسىدىن دائىم دېگۈدەك  پۇل ئېلىپ ئاشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ يەيدۇ. بۇنداق ئادەت تۈزىتىلمىسە، بالىلار بەتخەج  بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يايمىكەشلەرنىڭمۇ بالىلارنىڭ كېلەچەكتە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىدا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار. ئازغىنا پايدىنى دەپ بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە زىيان سالساق بولمايدۇ. شۇڭا بىز بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشلىشىمىز كېرەك. ئادەتتە ‹‹ساغلام تەندە ساپ ئەقىل›› بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا بالىلىرىمىز ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولسا، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق.    

www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(13)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...