ئاينۇر قاسىم
بىز ئادەتتە بالىلارنىڭ مېڭىسىدە تۇغۇلغان، يېشىلمىگەن ساناقسىز سوئاللاردا پەلسەپىۋى پىكىر بار، دەپ قارايمىز. ‹‹مېنىڭ بالام چوڭ ئادەملەردەك گەپ قىلىدۇ›› دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. مېنىڭچە، بۇ، بالىلاردا پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بالىلار بۇ دۇنياغا قىزىقسىنىپ باقىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ھەر بىر كۈن يېپيېڭى تۇيۇلىدۇ. شۇنىسى، ھازىر بالىلار قىزىقىپ سورىغان سوئاللارغا بەزى چوڭلار لايىقىدا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ‹‹سوراۋەرمە، چوڭ بولغاندا بىلىسەن››دېگەندەك تومتاق جاۋاب بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ. بۇنداق مۇئامىلە بالىلارنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۇرى ۋە قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سېپىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى بوغۇپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا پەلسەپىۋى تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان بوشلۇق بېرىش كېرەك. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل شۇكى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنى ئۇلار بىلەن بىللە مۇھاكىمە قىلىشتۇر. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئادەتتە، بەزى ئاتا – ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەرىدە ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇشتىكى بىرىنچى شەرت ‹‹گەپ ئاڭلايدىغان بالا›› بولۇشتۇر. شۇڭا ئىتائەتمەن بالىلار تېخىمۇ كۆپ ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ كەپسىز بالىلار بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى زورىيىدۇ. ‹‹گەپ ئاڭلايدىغان بالىلار››ئىتائەتچان كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولىدۇ، ‹‹بولمىغۇر›› سوئاللارنى كۆپ سوراپ ئادەمنى بىزار قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ياشنىڭ چوڭىيىشى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ پەلسەپىۋى تەپەككۇر، قىزىقىش بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىدە ئوقۇتقۇچى ھەم ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇئەييەن مەسئۇلىيىتى بار. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلار سورىغان سوئالغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۇلارنى كەلسە – كەلمەس گەپ قىلما، دەپ ئەيىبلەپ، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، مۇنداقلا جاۋاب بىلەن بالىلارنىڭ زور ئۈمىد بىلەن سورىغان سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرىدۇ. 21 – ئەسىر بىزدىن بالىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇستازى بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ سىرداش دوستى، ئۇستازى ئورنىدا تۇرۇپ، بالىلاردىكى پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ قاناتلىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشايلى. ئىز تورى بەك ياخشى