ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

گوگېلنىڭ باش بېتىدىكى ‹پۇرچاق يېيىش› ئويۇنى 120 مىليون دوللارغا زىيان سالدى

2010-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:سىنا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى گوگېل ئىزدەش تورىنىڭ باش بېتىگە پۇرچاق يېيىش ئويۇنى نى قويۇپ قويغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 5 مىليون سائەتلىك ئىش ۋاقتىنىڭ مۇشۇ ئويۇننى ئويناشقا سەرپ
  

如果以每小时平均工资25美元计算的话,人们因《吃豆人》logo都投入的时间相当于1.2亿美元

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى گوگېل ئىزدەش تورىنىڭ باش بېتىگە <پۇرچاق يېيىش ئويۇنى> نى قويۇپ قويغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 5 مىليون سائەتلىك ئىش ۋاقتىنىڭ مۇشۇ ئويۇننى ئويناشقا سەرپ قىلىنغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان . تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇنچىلىك ئەمگەك ۋاقتىدا يارىتىلىدىغان بايلىقنىڭ قىممىتى 120 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن .

كلاسسىك ئېلكترون ئويۇنى <پۇرچاق يېيىش> ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن گوگېل تورى 21-مايدىن باشلاپ مەزكۇر ئويۇننى باش بېتىگە قويۇپ قويغان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى گوگېل تورىغا چىقىدىغان ئابونتلارنىڭ باش بەتتە توختاش ۋاقتى ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن 36 سېكۇنت ئۇزارغان . بۇ سانغا ھەر كۈنى گوگېل تورىنى زىيارەت قىلىدىغان 500 مىليون ئادەمنى كۆپەيتكەندە جەمئىي ئىسراپ بولغان ۋاقىت 5 مىليون سائەت ، يەنى 549 يىل بولىدىكەن .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!