ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق ئەرلەر ئاغرىققا سەل قارىماسلىقى كېرەك...
كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 2
go

ئەرلەر ئاغرىققا سەل قارىماسلىقى كېرەك...

Rank: 8Rank: 8

توردا
362سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
464 
تېما
239 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-27 23:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەرلەر يەتتە خىل غەلىتە ئاغرىققا سەل قارىماسلىقى كېرەك



1.كۆكرەك قىسمى قىسقا مۇددەت ئاغرىشبۇ ئاغرىق تېز تۇتۇپ تېز توختايدۇ . بۇ ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتى ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم .

2.چاتراق تۇيۇقسىز ئاغرىش يوتىنىڭ ئىچكى قىسمى ئاغرىپ ئىششىغان بولسا ، بۇ ئۇرۇقداندىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ ئالامىتى . بۇنداق بولغاندا ، يەنى ئۇرۇق بېغىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ ، ئۇرۇقدانغا قان يېتىشمەيدۇ ، ھەتتا ئۇرۇقدان كاردىن چىقىدۇ . بۇنداق ئالامەت كۆرۈلۈپ تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بولغان ۋاقىت 12دىن 24 سائەتكىچە سۈرۈلۈپ كەتسە ، ئۇرۇقداننىڭ فونكىسيەسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش تەس . كىيىنگەن ئىشتان بەك تار بولۇپ كەتسىمۇ ، ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىپ قالىدىغان ، ئالامەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، شۇڭا دەرھال تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .

3. دۈمبە قىسمى قاتتىق ئاغرىشئېڭىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا دۈمبە قىسمىڭىز قاتتىق ئاغرىسا ، ئىىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىردەم ئارام ئالسىڭىز ۋە ياكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچسىڭىزمۇ كار قىلمىسا ، بۇ قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان بولسا ئاغرىش دەرىجىسى بەك ئېغىر بولىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈڭ .

4. پۇت ياكى پاقالچاق سۆڭىكى داۋاملىق ئاغرىش ناۋادا پۇت ۋە پاقالچاق دائىم ئاغرىسا ، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىپ كەتسە ، ئارام ئالغاندىمۇ ئاغرىق پەسەيمىسە ، ئاغرىق توختىتىش دورىسىمۇ كار قىلمىسا ، بۇ ھەددىدىن ئارتۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھارغىنلىق خاراكتېردىكى سۆڭەك سۇنۇش . ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ ، ساقايغاندىن كېيىن كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

5. پاقالچاق قىسمى ئىششىشبولۇپمۇ بارماق ئىششىپ ، بىر نېمە تەگسە ئاغرىپ ، قىزىغاندەك ئالامەت كۆرۈلسە ، بۇ قاننىڭ چوڭقۇر ۋىنادا ئۇيۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى . بۇنىڭغا سەل قارالسا ، ئېغىر بولغاندا ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ .

6. كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىشكىچىك تەرەت قىلغاندا ئاغرىپلا قالماي ، يەنە سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ بولسا ، بۇ دوۋساق ياللۇغى ياكى دوۋساق راكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن . تاماكا بۇ كېسەلنى پەيدا قىلغۇچى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى .

7. بەل ئاغرىش بەل پىچاق تىققاندەك قاتتىق ئاغرىسا ، بۇ قورساق قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلانغانلىقىنىڭ ئالامىتى .


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
78 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-28 14:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت بىلىۋالدۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
467سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
753 
تېما
141 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-28 15:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سالامەتلىككە نىسپەتەن ھەقىقەتەن بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-18 18:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.