ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق ئەرلەر يەتتە خىل غەلىتە ئاغرىققا سەل قارىما ...
كۆرۈش: 465|ئىنكاس: 2
go

ئەرلەر يەتتە خىل غەلىتە ئاغرىققا سەل قارىماسلىقى كېرەك

Rank: 8Rank: 8

توردا
119سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
190 
تېما
45 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-28 22:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
   1.كۆكرەك قىسمى قىسقا مۇددەت ئاغرىش. بۇ ئاغرىق تېز تۇتۇپ تېز توختايدۇ . بۇ ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتى ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم .

   2.چاتراق تۇيۇقسىز ئاغرىش.يوتىنىڭ ئىچكى قىسمى ئاغرىپ ئىششىغان بولسا ، بۇ ئۇرۇقداندىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ ئالامىتى . بۇنداق بولغاندا، يەنى ئۇرۇق بېغىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ ، ئۇرۇقدانغا قان يېتىشمەيدۇ ، ھەتتا ئۇرۇقدان كاردىن چىقىدۇ . بۇنداق ئالامەت كۆرۈلۈپ تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بولغان ۋاقىت 12دىن 24 سائەتكىچە سۈرۈلۈپ كەتسە ، ئۇرۇقداننىڭ فونكىسيەسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش تەس . كىيىنگەن ئىشتان بەك تار بولۇپ كەتسىمۇ ، ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىپ قالىدىغان، ئالامەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، شۇڭا دەرھال تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .

  3.دۈمبە قىسمى قاتتىق ئاغرىش. ئېڭىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا دۈمبە قىسمىڭىز قاتتىق ئاغرىسا ، ئىىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىردەم ئارام ئالسىڭىز ۋە ياكىئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچسىڭىزمۇ كار قىلمىسا ، بۇ قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى ياكىبۆرەكتە تاش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان بولسا ئاغرىش دەرىجىسى بەك ئېغىر بولىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈڭ .

   4.پۇت ياكى پاقالچاق سۆڭىكى داۋاملىق ئاغرىش. ناۋاداپۇت ۋە پاقالچاق دائىم ئاغرىسا ، ھەرىكەتقىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىپ كەتسە ، ئارام ئالغاندىمۇ ئاغرىق پەسەيمىسە ، ئاغرىق توختىتىش دورىسىمۇ كار قىلمىسا ، بۇ ھەددىدىن ئارتۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھارغىنلىق خاراكتېردىكى سۆڭەك سۇنۇش . ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ، ساقايغاندىن كېيىنكۈچەپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

   5.پاقالچاق قىسمى ئىششىش. بولۇپمۇ بارماق ئىششىپ ، بىر نېمە تەگسە ئاغرىپ ، قىزىغاندەك ئالامەت كۆرۈلسە ، بۇ قاننىڭ چوڭقۇر ۋىنادائۇيۇپ قالغانلىقىنىڭئالامىتى . بۇنىڭغا سەل قارالسا ، ئېغىر بولغاندا ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.

   6.كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش.كىچىك تەرەت قىلغاندا ئاغرىپلاقالماي ، يەنە سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچبولسا ، بۇ دوۋساق ياللۇغى ياكى دوۋساق راكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن . تاماكا بۇ كېسەلنى پەيدا قىلغۇچى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى .

   7.بەل ئاغرىش. بەل پىچاق تىققاندەك قاتتىق ئاغرىسا ، بۇ قورساق قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلانغانلىقىنىڭ ئالامىتى
.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

ئېلىنغان مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/156019/15152698.html

توردا
46سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
375 
تېما
121 
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 18:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە.
بىلۋىلىشقا تىگشلىك مەزمۇنلار ئىكەن .

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
122 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 23:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۈالدىم رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-18 18:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.