تاماكا قالدۇقى ئاممىۋى ئاپتوبوستا بىر ئەر تاماكىسىنى بەخىرامان چىكىپ ئولتۇرۇپ،ئوچۇق دىرىزىدىن تاماكا قالدۇقىنى كوچىغا قارتىپ شۇنداق بىر ئىتىۋىدى،ئۆچۈرۈلمىگەن ئوت بوشلۇقتا ياي شەكىللىك قىزىل سىزىق ھاسىل قىلىپ،شۇنچىلىك نازاكەت ئۇچتى. ئىككى سىكۇنتتىن كىيىن،ئۇچقاندەك كىلىۋاتقان بىر تاكسى ئۇشتۇمتۇت رولنى بۇراپ،يول ياقىسىغا ئۈستى. يىرىم ئايدىن كىيىن ،بىر زاۋۇتقا ئوت كەتتى،نەچچە ئون مىليۇن سوملۇق مۈلۈك كۆيۈپ ،ھەش-پەش دىگۈچە كۈلگە ئايلاندى. بىر ئايدىن كىيىن،ئەينى چاغدا تاماكا قالدۇقىنى كوچىغا ئاتقان ئەر تاماكا تاشلىدى.چۈنكى ئۇ ئىشسىز قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىشسىز قىلىشىدىكى سەۋەبى،ئۇ ئىشلەۋاتقان زاۋۇت ۋەيران بولغانىدى. زاۋۇتنىڭ ۋەيران بولىشىدىكى سەۋەبى،يىرىم ئاي ئىلگىركى ئوت ئاپىتىدىن بولغانىدى. زاۋۇتقا ئوت كىتىشتىكى سەۋەپ،بىر ئاي ئىلگىرى زاۋۇتنىڭ ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى يىڭىلاش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئىنژىنىرماشىنا ھادىسىگە يولۇقۇپ دوختۇرخانىدا `يىتىپ قالغانىدى. ئىنژىنىرنىڭ ماشىنا ھادىسسىگە يولۇقۇش سەۋەبى،ئۇ ئولتۇرغان تاكسى ئۇشتۇمتۇت يول ياقىسىغا ئۈسكەنىدى. تاكسىنىڭ يول ياقىسىغا ئۈسۈش سەۋەبى، ئوتى ئۆچىگەن تاماكا قالدۇقى ئۇشتۇمتۇت تاكسى شۇپۇرىنىڭ ياقىسىغا كىلىپ چۈشكەنىدى. ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن تاماكىنى چەكمەڭ! چىكىۋاتقان بولسىڭىز تاشلىۋىتىڭ.بۇ قىممەتلىك بىباھا ھاياتلىقىڭىزنى ھەدىرلەڭ.ئۇنى ئۆزىڭىز قەدىرلىمىسىڭىز ئاسىرمىسىڭىز ھىچكىم ئۇنداق قىلالمايدۇ.تاماكىدىن ئىبارەت بۇ ئىجىستىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئۇسىزنىڭ بۇ پاك قەلبىڭىزنى بۇلغىمىسۇن.گۈزەل ھىسلارغا تولغان كەلگۈسىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئويلاپ قويۇشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ قىرىندىشىم! مەنبە-خاتىرەم |