- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-8-22
- تىزىملاش
- 2010-8-22
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 0سائەت
- جۇغلانما
- 9
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 31
- تېما
- 29
- توردا
- 0سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 0
- يازما
- 31
- تېما
- 29
|
1.لۇبۇبى كەبىر
تەسىرى: بۆرەكنى قىزتىدۇ، سەمىرتىدۇ، مەنىنى زىيادە قىلىدۇ.ئىشلىتىلىشى: بۆرەك، يۈرەك، مېڭە كېسەللىكلىرىگە، جىنسىي ئاجىزلىققا، دىلنى خۇش قىلىشقا، سەمىرتىشكە، پەيلەرنى چېڭىتىشقا، بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
2.ماددەتۇل ﻫايات
تەسىرى: مېڭە، بۆرەك، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى ئارتۇق ﻫۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنى كۆپەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.ئىشلىتىلىشى: مېڭە، پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە، ئاشقازان-ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتاﻫا ئىچىش، تىلدىكى ئېغىرلىق، سۈيدۈكنى تېمىپ كىلىشىنى يوقۇتۇش، بەدەندىكى ئارتۇق ﻫۆللۈكنى چىقىرىش،بەل ۋە بۆرەك ئاغرىقى، مۇپاسسىلنى داۋالاش، جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش،خۇشخۇي قىلىش، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئېغىزدىكى پۇراقنى يوقۇتۇش،چىشنى چىڭىتىش، يەلدىن بولىدىغان قۇلىنجىنى يوقىتىش قاتارلىق شىپالىق خاسىيەتلەرگە ئىگە دورا بولۇپ ئاساسەن سوغۇق مىجەزلىكلەرگە ماس كىلىدۇ.
3.داۋائىل مىشكى
تەسىرى: يۈرەك كېسەللىكلىرىنى ساقايتىش، قان تومۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئىچىش، يۈرۈك مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە.ئىشلىتىلىشى: ﻫەر خىل يۈرەك، مېڭە كېسەللىكلىرى، يۈرەك ئاجىزلىق، يۈرۈك سانجىقى، مېڭە قان -تومۇر كېسەللىكلىرى، مېڭە قان -تومۇرلىرىغا قان نوكچىسى كەپلىشىۋىلىش كېسەللىكلىرى، پالەچ، ئىستىرخا كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.
4.جاۋارىش ئامىلە (ئامىلە نۇشدارى)
تەسىرى: يۈرەك ،جىگەر، ئاشقازاننى كۈچەيتىش، ئىشتىﻬانى ئىچىش، قان كۆپەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.ئىشلىتىلىشى: باش ئاغرىش، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، كەم قانلىققا ئىشلىتىلىدۇ.
5.جاۋارىش ئەنبەر
تەسىرى: ئاشقازاننى قىزتىدۇ، ئاشقازاندىكى ، جۈملىدىن بەدەندىكى قويۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان كېسەللىكى ۋە ئومومى بەدەن ئاجىزلىقى، مېڭا يۈرەك كېسەللىكلىرى، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىشنى داۋالايدۇ.
6.جاۋارىش كۇمۇنى
تەسىرى:ئاغرىق قالدۇرىدۇ ،ئىشتىﻬانى ياخشىلايدۇ.ئىشلىتىلىشى: ﻫەر خىل تىپتىكى ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى، ئاياللارنىڭ يەل خاراكتېرلىك بالياتقۇ ئىششىقى، يېڭىدىن بولغان سىرىق ئەتنىڭ يېرتىلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بىرىلىدۇ.
7.قۇرسى كاكىنەچ
تەسىرى: سۈيدۈكنى راۋان قىلىش،سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغ-جاراﻫەتلەرنى ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.ئىشلىتىلىشى:بۆرەك دوۋساق جاراﻫەتلىرى، سۈيدۈكنىڭ تېمىپ كېلىشى،قان سېيىش، سۆزنەك كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
8.قۇرسى كەﻫرىۋا
تەسىرى: قان توختىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىشئىشلىتىلىشى: ئۆپكە ، ئاشقازان، ئۈچەيلەردىن كەلگەن قاننى توختىتىش، ﻫەر خىل بۇرۇن قاناش...
9.لۇئۇقى سەرپىستان
تەسىرى: يۆتەل پەسەيتىدۇ، كۆكرەك ۋە بەلغەمنى بوشتىدۇ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.ئىشلىتىلىشى: نەپەس يوللىرى كېسەللىكلەرگە بىرىلىدۇ.
10.سۇپۇپى ئىﻬتىلام
تەسىرى : كۆپ ئىﻬتىلام بولۇشنى كونترۇل قىلىدۇ.
11.سۇپۇپى سەيلانى
تەسىرى: مەنى ئېقىش، سۈيدۈك تېمىپ كېلىشنى داۋالايدۇ.ئىشلىتىلىشى: مەنى ئېقىش، مەزى بېزى ياللۇغى، دوۋساق ئىستىرخاسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
12.سۇپۇپى سۆرۈنجان
تەسىرى: بوغۇم ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇغى، يانپاش ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.
13 سۇپۇپى ﻫەجەرۇل يەﻫۇد
تەسىرى: بۆرەك، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىدىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ.
14.سۇپۇپى شورا
تەسىرى: سۈيدۈكنىڭ تېمىپ ۋە ئىچىشىپ كېلىشىنىياخشىلايدۇ، جىنسىي ئەزانىڭ قىچىشىشىنى ياخشىلايدۇ.ئىشلىتىلىشى:ئەر ئاياللاردىكى يەل كېسەللىكلىرى، بولۇپمۇ سۆزنەك كېسەللىكلىرى، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
15.سۇپۇپى كۈنجۈت
تەسىرى:باﻫنى كۈچلەندۈرىدۇ، مەنىنىڭ سۇيۇقلىشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان مەنى تېز كېتىشنى داۋالايدۇ.
16.شەربىتى ئەبرىشىم
تەسىرى: يۈرەك ، مېڭە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.ئىشلىتىلىشى: ﻫەر خىل قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان نېرۋا، يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، ئۈچەي ، جىگەر كېسەللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
17.شەربىتى بادرەنجى بۇيا
تەسىرى: تىنىچلاندۇرۇش،نېرۋا،يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش، يۈرەك ﻫەركىتىنى نۇرماللاشتۇرۇش خۇسۇسىتىگە ئىگە.ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزىلىقى، يۈرەك ﻫەركىتى قالايمىقانلىشىش، ئۇيۇقسىزلىقنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
18.شەربىتى ئەنجىباﻫار
تەسىرى:ئۆپكە ، ئۈچەي ، بالياتقۇدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.ئىشلىتىلىشى:ئۆپكە كېسەللىكلىرىدە قان كېتىش، ئاشقازان - ئۈچەيلەردىن قان كېتىش، ئاياللارنىڭ بالياتقۇسىدىن پائالىيەتچان قان كېتىشلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
19.شەربىتى زەبىب
تەسىرى:نېرۋىنى پەسەيتىش، ئاجىزلىقنى قۇۋۋەتلەش،ئاغرىق پەسەيتىش، تېرىگە رەڭ بېرىش، قاننى قىزىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.ئىشلىتىلىشى: ئومومى بەدەن ئاجىزلىقلىرى، جىنسىي ئاجىزلىق، نىرۋا ئاجىزلىقى، بەرەسكە ئىشلىتىدۇ.
20.شەربىتى خەشخاش
تەسىرى:تىنىچلاندۇرۇش، نەپەس سىقىلىشنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش، ئىسسىقتىن بولغان كونا-يېڭى زىققە-نەپەسنى داۋالاش.ئىشلىتىلىشى: ﻫۆل ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، باش ئاغرىقى، سۈيدۈك كۆيۈپ كېلىش، ئۇيقۇسىزلىققا بېرىلىدۇ.
مەنبە: بىر زات بىلوگى |
-
ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 2
باھا خاتىرىسى
|