ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق ئەيدىزگە داۋا تېپىلدى
كۆرۈش: 2164|ئىنكاس: 24
go

ئەيدىزگە داۋا تېپىلدى    

Rank: 8Rank: 8

توردا
251سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
484 
تېما
209 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-5 23:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەيدىزگە داۋا تېپىلدى

داڭلىق ئىسلام دەۋەتچىسى، قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئىلمى مۆجىزە تەتقىقات ھەيئىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىمان ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ رەئىسى يەمەنلىك پروففىسور شەيخ ئابدۇلمەجىد ئەز-زىندانى، يېقىندا ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىگى ئاستىدىكى تېببى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ھازىرغىچە دورىسى تېپىلمىغان كېسەل ئەيدىزغا دورا كەشپ قىلغانلىغىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر يېقىندىن بېرى پۈتۈن خەلقارا ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈردى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېلىۋىزۇر، رادىئو، گېزىت-ژورناللىرىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىندى. پروففىسور شەيخ ئابدۇلمەجىد ئەز-زىندانىنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى بۇ نەتىجە 15 يىللىق تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنىڭ مېۋىسى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھېسالامنىڭ «بىر كېسەلنى چۈشۈرگەن ئىكەن ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ بىرگە چۈشۈرىدۇ، ئۇنى بىلەلىگەنلەر بىلىدۇ، بىلەلمىگەنلەر بىلەلمەيدۇ» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، چوقۇم بۇ كېسەلنىڭمۇ دورىسى بارغۇ دېگەن ئىزگۈ-ئۈمۈت بىلەن تەتقىقاتنى باشلىغان ئىكەن. كەشپ قىلىنغان دورىنىڭ تەركىۋى قىسمى توغرۇلۇق قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، بۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن دورىلار پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم تىببى ئۆسۈملۈك ۋە باشقا ئەشيالاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خەلقارا دورا ئىشلەش ئۆلچىمى ۋە قانۇن پىرىنسىپلىرىغا تامامەن رىئايە قىلىنغان ، ئەمما كەشپ قىلىنغان دورىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى تېخى قانۇنى جەھەتتىن كاپائەتلەندۇرۇلمىگەچكە بۇ ھەقتە ئارتۇق مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە دۇنيادىكى بارچە دورا ئىشلەش شىركەتلىرى ۋە ب.د.ت غا قاراشلىق سەھىيە ئىشلىرى تەشكىلاتى دورىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە بۇ دورا بىلەن داۋالانغان كىشىلەرنىڭ خەلقارادىكى ئەڭ ئىلغار لابىراتۇرىيەلەردە ئېلىپ بېرىلغان، داۋالانغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەمەننى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى. ئىگەللىنىشىچە، بۇ دورا بىلەن داۋالانغاندىن كېيىن ئەيدىس ۋېرۇسىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ، ساغلاملىغى ئەسلىگە ھالىتىگە قايتقانلار 20 كىشىگە يەتكەن. شۇنداقلا بۇ دورىنىڭ يەنە (B،C ) تىپلىق يۇقۇملۇق جىگەر كېسەللىكلىرى ۋە شىكەر كېسىلىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈم بەرگەنلىگى ئىسپاتلانغان. ھازىرغىچە بۇ خىلدىكى كېسەللەرنى داۋالاش مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولۇشىغا قارىماستىن ھەقسىز ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىسلامغا ھەر خىل تۆھمەتلەت توقىلىۋاتقان، مۇھەممەت ئەلەيھېسسالامغا ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملار قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق جىددى بىر پەيتتە، خەلقارادا رادىكاللىق ۋە تېرورچىلىق بىلەن ئەيىپلىنىپ ب.د.ت نىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بىر شەيىخ تەرىپىدىن، ئۆلۈم گىرداۋېدا ئەجىلىنى كۈتۈۋاتقان مىليۇنلارچە ئىنسانغا شىپا بېغۇشلىغۇچى بىر دورىنىڭ ئىجات قىلىنىشى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقەتەن بارچە ئىنسانىيەتكە رەھمەت، مىھرى-شەپقەت بېغىشلۇغۇچى بىر دىن ئىكەنلىگىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەتكە نەقەدەر كۆيۈمچان كىشىلەر ئىكەنلىگىنى دۇنياغا يەنە بىر جاكارلىدى.
مەنبە؛بىلىك تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
281سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
720 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-5 23:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇ نىجىس كىسەلدە ئاچچىق تولغىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ كىسەلدىن بالدۇر مۇستەسنا بولىشىغا تىلەكداشمەن~! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-5 23:30

توردا
264سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
285 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-5 23:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش summayya نىڭ يازمىسى

شۇنداقمۇ-؟
ھەركىم ئۆز قىلمىشنىڭ جازاسىنى تاتىدۇ . دۇنيادا نىمە كۆپ ؟ زىنا كۆپ ئاللا تالانىڭ زىناخۇرلاغا بەرگەن مۇكاپاتى ...
ھەم قىيامەت كۈنى يىقىنلاشقاننىڭ دەلىلى . بولدى كۆپ سۆزلىمەي

Rank: 8Rank: 8

توردا
281سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
720 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-5 23:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش mardan0996 نىڭ يازمىسى

راست دەيسىز،‹اللە›ھەرقانداق گۇناھنى كەچۈرگەن بىلەن زىناخورلۇقنى كەچۈرمەيدۇ،

Rank: 8Rank: 8

توردا
251سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
484 
تېما
209 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 01:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇ كېسەل ئازابى بىلەن قانچىلىغا ن كىشىلەر ۋاقىتسىز بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى.بالدۇرراق بۇ داۋالاشنىڭ ھەممە يەرگە كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

توردا
871سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
1072 
تېما
113 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 04:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاخىرى دورىسى چىقىپتۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
799سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1638 
تېما
69 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 09:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممىلا ئادەم زىناخۇرلۇق بىلەن بۇ كىسەلگە مۇپتىلا بولغانمۇ ئەمەس، ئاللا ئىگەم ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن..
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
75سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
661 
تېما
119 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 10:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاشۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تىزراق ساقىيىشىغا تىلەكداشمەن

توردا
95سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
340 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 11:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش mamatjan005 نىڭ يازمىسى

شۇ ئەمەسمۇ .بۇ نىجىس كىسەل ئۇنداق نىجىس يول ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى كۆپ كىشىلەر يامان يوللار بىلەن يۇقتۇرۋىلىپ مەن تارتقاننى سەنمۇ تارتىپ باق دەپ،ئۆز قىرىندىشىغا يۇقتۇرغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس ئارىمىزدا.ئاشۇ بىگۇناھلارمۇ بۇ نىجىس كىسەلنىڭ دەردىدە زار -زار قاخشىماقتا.ئاشۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كىسىلىنىڭ بادۇراق ساقىيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ئەمدى ئىسلام دىننىنىڭ بىر مۇقەددەس دىنلىقى ئاشكارلىنىپتۇدە. تولىمۇ خۇرسەنمەن.

توردا
46سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
375 
تېما
121 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 14:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالدى بىلەن مۇشۇ كىسەلنىڭ داۋاسنى تاپقان ئاشۇ قەلبى ئاتەش،ساپ قەلىبلىك كىشىگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۇرمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-18 18:42

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.