يىقىلىپ زەخمىلەنگەن جاينى ئۇۋلاشتىن ھەزەر ئەيلەڭ كىشىلەر يىقىلىپ زەخمىلەنگەن جاينى دەرھاللا قولى بىلەن ئۇۋۇلاشقا ئادەتلەنگەن. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قىلچىمۇ ئىلمىيلىكى يوق، بەلكى خەتەرلىكتۇر.
ئەمدىلا يىقىلىپ زەخمىلەنگەن جاينىڭ ئىچكى قىسمىدا قان ئۇيۇپ كىتىدۇ. ئەگەر زەخمىلەنگەن جاينى ئۇلىغاندا قان تىخىمۇ كۆپ ئۆتۇپ كىتىدۇ. مۇبادا زەخمىلەنگەن جاي ئىغىرراق بولۇپ ئۇستىخانغا دەز كەتكەن بولسا بۇ چاغدا ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئۇۋلاۋەرمەسلىك كىرەك ، بولمىسا سۇنغان جاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قان تومۇرى ، نېرۋا قاتارلىق نازۇك گۇرىپىلار زەخمىگە ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە زەخمىلەنگۈچىنىڭ ئازابىنى ئېغىرلىتىپ قويىدۇ. ھەتتا جىم بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋاللارغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل زەخمىلىنىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى شۇكى ، زەخمىلەنگەن جاينى جۈپتەك ياغاچ بىلەن مۇقىم ھالدا تاڭغاندىن كىيىن دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بىرىپ داۋالىتىش كىرەك .
|