yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:58:42

ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)

  ئەسلىمە يېڭىلاش
  مېنىڭ مېھمان بولغىنىم يالغان،
   بېكەتكىلا ئوخشايدۇ قەلبىڭ!
   يولۇچىمەن ساپايە چالغان،
   ئارامىمدا قويمىغاچ دەردىڭ!!!
                       ___ ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن
     نېمىشقىكىن مۇشۇنداق ئوچۇق ھاۋانى ياخشى كۆرمەيمەن، ئەزەلدىن، بولۇپمۇ قىشنىڭ ئوچۇق كۈنلىرىنى. ئاسمان لەپپىدە قىلىپ كۆپكۆك ئېچىلىپ كەتسە خۇددى قەلبىمدىكى دەرد - پىغانىممۇ تەڭلا ئېچىلىپ قالىدىغاندەك! لەزى (كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم، ئىسمى لەزىنە)دەيدۇ، بۇ سەندىكى سېپى ئۆزىدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىللىك، دەپ. ئىشقىلىپ نېمىلا دېسۇن ئوچۇق ھاۋانى ياقتۇرمايدىغىنىم راست!
   - بۈگۈنكى بۇ ھاۋادا تۇرالماي قېلىۋاتىسەن ھەقىچان كىرىپ كېتىدىغان تۆشۈك ئىزدەپ، كىنو كۆرۈپ كېلەمدۇق - يا؟!
لەزىنىڭ ئۈندىدار ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئۇدۇلۇمدىكى خىزمەتدىشىمغا قاراپ قويدۇم، ئەجەپ كىشىلەر بار، بۇ بالا بۈگۈنكى ھاۋادىن شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىۋاتىدىكىن، پەردىنى چۈشۈرۈشكە ئۇنىماي، پات - پاتلا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئاغزىنى تامشىتىپ، پاھ دېسە پاھ دەپ. مەنمۇ بېشىمنى سولغا بۇراپ كۆپكۆك ئاسمانغا، ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالارغا قارىدىم، كۈن نۇرى يېرىم چۈشۈپ تۇرغان بىنالارغا چاپلاپ سېلىنغان ئالتە - يەتتە قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئۆگزىلىرىدىكى قارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇپ قالدى. ھاۋا ئېچىلدىمۇ دەيلى، قۇياش چىقتىمۇ دەيلى ئەمما سوغۇق ھاۋانىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە ئىشى. قار يەنە يەردە شۇ پېتى، يەر سوغۇق، ئاسمان بىلەن نېمە ئىشى.
- سەن بېرىپ بېلەت ئېلىپ تۇرامسەن ئاداش، مەن قولۇمدىكى گېزىتنى چىقىرىۋېتىپلا ماڭاي!
كۈندە ئىشلەيدىغان گېزىتىم ماڭا بىر زۇلۇم. ئەمما شۇ گېزىتنى ئىشلىمە دېسە نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قېلىشتىن قورقۇپ تۇرساممۇ، مۇشۇنداق قاخشاپ قويىمەن، ئادەتمىكىن تاڭ!
- شۇنداق قىلمامدىغان، مابىتىڭ تۇرسام سېنىڭ! چاققان بول!
لەزى ئىككىمىز بەك ياخشى ئۆتەتتۇق، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى يەھيا ئەپەندىم قاچان ئارىمىزغا شۇمبىيادەك ئۈندى شۇ كۈندىن باشلاپ ئىككىمىز مۇشۇنداق خىزمەت ۋاقتىدا كۆرىشىمىز، توۋا! ئۈچىمىز بىللە چىقساق بەك خۇشچاقچاق بولمىسا، مۇئەللىملەرنىڭ بۇنچىلىك قىززىقچى بولىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن. «مالىم دېمە، ئۇ دېگەن نېمە يېتەكچى»دەمدۇ ئىشقىلىپ لەزى ئۆزىچە بىرنېمىلەرنى دەپ كېتىدۇ. مەن ئۈچۈن بەرىبىر. ئەمما پەقەت ئىككىمىزنى ئايرىم قويمايدۇ بۇ ئەپەندىم. مەندىن كۈنلەمدىكىن يا!
گېزىتنىغۇ ئىشلەپ بولدۇم، ئەمما ئىشخانىدىن بولۇپمۇ مەن مەسئۇل بۆلۈمدىكى ئون قاراكۆزنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ چىقىپ كېتىش ئاجايىپ تەس ئىش. ئۇلارغا مانداق كۆز نى چاقنىتىدىغان ئوچۇق ھاۋادا ئىچىمدىكى زەرداپ تېشىغا تېپىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن دېگىلى بولاتتىمۇ دەڭە! شۇڭا سومكىنى قولۇمغا ئېلىپ، قاپاقنى نورمال تۈرۈپ، ئۇدۇلۇمدىكى خىزمەتدېشىمغا دېگەن بولۇپ، ھەممىسىگە ئىشخانا سىرتىدا ئولتۇرغانلارغا ئېيتتىم.
- مەن تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كېلەي ئەمىسە!
ھىم، ئىش پۈتتى، مەيدىنى تىك تۇتۇپ چىقىپ كېتىمىز.
ئېگىز بىنانىڭ قايسىدۇر بىر قەۋەتلىرىدىكى ئىسسىق دېرىزىلەردىن كۆپكۆك ئاسماننى كۆرۈپ ھاۋا پەيزە دەپ ھوزۇرلىنىۋاتقانلار مەندەك بىر پەسكە چۈشۈپ باقسا بولمامدۇ دەيمەندە! بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىشىم بىلەن سوغۇق بىر ھاۋا ۋۇجۇدۇمنى چۇرماپ كەلدى. قىشتا ئاجايىپ قېلىن كىيىنىمەن ئېسكوموسلاردەك ئەمما يەنە توڭلايمەن. بۇنىڭغا ئامالىم يوق. مانداق ئوچۇق ھاۋا ھىجىيىپ تۇرغان بىلەن مۇشۇنداق جاننى ئالىدۇ سوغۇقى.
ئىدارە بىلەن كىنوخانىنىڭ ئارىلىقى ئىككى بېكەت يول، مېڭىپ كېتىۋاتىمەن. ئامالىم يوق. خۇددى يۈرۈگۈمگە كۆمۈپ قويغان ئازابلىرىمنى بىللە ئېلىپ ياشاۋاتقىنىمغا ئوخشاش، ئازابلىنىشىم مۇقەررەر، ئەمما ياشىشىم كېرەك! يۈرۈگۈمدە ئۇنىڭغا بولغان شۇنداق بىر سېغىنىش ھەرۋاقىت يۈرۈگۈمنى يەپ تۇرىدۇ. پىنھاندا، قۇياش كۆرەلمەيدىغان يەردە! ئۇنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىدىن، پىغانلىرىمنىڭ يۈرەك قەپىزىمدىن چىقىپ مېنى ھاملا قىلىپ يۈتۈۋېتىشىدىن ساقلىنىپ يۈرۈيمەن، شۇڭا قاراڭغۇلۇقنى، تۇتۇقلۇقنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق قۇياش نۇرلىرى مىڭ پارلاپ چىقسىمۇ نېمە بولماقچى دەيسىز، ھاۋانى ئىللىتمىسا يا! قىش دېگەن بەرىبىر قىش، ئۇنداق قۇياش نۇرى چىقسىمۇ ئوخشاشلا سوغ.
- ئارقىچىلاپ ماڭغان بولساڭمۇ كېلىپ بولاتتىڭ ئىشقىلىپ!
لەزىنىڭ ئۈندىدار ئۇچۇرىنى كۆرىۋاتاتتىم، پۇتۇم غىرتتىدە قىلىپ قالدى، ئاپلا مۇشۇنداق بىر يىقىلىشتىن ئەنسىرەپ يۈرەتتىم، يۈرۈگۈمدىكى ھاڭسىز ئازابتەك. شەرتلىكمۇ ياكى شەرتسىز رېفلىكىسمۇ ئىشقىلىپ تېلىفون تۇتقان قولۇمدا يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرسىنىڭ چاپىنىنى شاپپىدە قىلىپ تۇتتۇم ئاپا! دېگەچلا!
ئۆزۈممۇ خېلى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىم بىلەن تارتقاچقىمىكىن، ئۇياقنىمۇ ئۆزۈم بىلەن بىللە يىقىتىپ تاشلىدىم. قېلىن چاپان، چاپاننىڭ دوپپىسى بېشىمدا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شارپا يۆگەلگەن بولغاچقىمىكىن، ئۇياقنىڭ چىرايىنى كۆرمىدىم. ئەمما يىقىلىپ بولۇپ بىرىنچى ئويلىغىنىم يانفونۇم قېنى، نەگە تاشلىدىم. ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رەستىسىدىكى بىر تۆت دوقمۇشتا گوم قىلىپ يىقىلغاننى ئاز دەپ، ئۆرۈلۈپلا تېلىفونۇمنى ئىزدىشىم  ئۇياقنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدىمۇ قانداق بىلمىدىم، بىر نېمىلەرنى دېدى. مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ تايىنى يوق گەپلەرنى ئاڭلىغۇم كەلمەس بولۇپ قالدىمىكىن، ئىشقىلىپ قۇلۇقۇممۇ تازا ساز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە شارپا بىلەن دوپپىنى بەك چىگىۋالغاچقىمۇ ئۇياقنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىماي، ئورنۇمدىن تۇرغاچ، چاپىنىمنى دوپپىسىنى ئاستا تۆۋەنگە سېرىدىم.
- مانا يانفونىڭىز!
ھە بايا مۇشۇ بايقۇشنى تارتىپتىكەنمەندە شۇنچە ئادەم ئارىسىدىن يىقىلىشىمغا ئۈلگۈرۈپ ئۆتۈپ قالغاندىكىن بۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس.
- رەھمەت ھە! سەت بولدى!
- ھېچقىسى يوق، -دېدى ئۇياقمۇ قۇلىقىدىن نائۇشنىكنى ئالغاچ، دېمەك نائۇشنىك تاقىغان قۇلاق بىلەن شۇنچە يۇقىرى ئاۋازدا ماڭا گەپ قىلسا ئاڭلىمىغاندىكىن قۇلاقتىن خېلىلا چاتاق چىقتىمۇ نېمە -ھە! شۇلا قالغان زادى چاتاق چىقمىغان!
كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭاي دېيىشىمگە ئۇ بالا يېنىمدىن «شۈكرى ئاللاھ» دەپ ئۆتۈپ كەتمەسمۇ، نېرۋامغا چىقتى. مېنى مېيىپ دەپ قالمىغاندۇ  ما ئاداش ھە!
- يا ئاللاھ ! ئانچە مۇنچە ئوغۇللار بىلەن يۆخۈي قىلىپ قوي، ماندا چاچلىرىڭنى ئوڭشاپ ياسىنىپراق چىقىسەن تالاغا دېگەن، - دەپ قاخشاپ چاچلىرىمنى ئوڭشاپلا كەتتى لەزى.
-ۋاي خېلى يامان ئەمەس چىققان، ما قىشنىڭ كۆزى قارىغۇ دەپ ھەممە يېرىمنى ئوراپ چىقسام ئۆزۈم يولنى كۆرەلمەي يىقىلىپ دېمەيسەن...
- ھە بولدى خېنىم، ماڭە كىنو باشلاندى.
قاراڭغۇچىلىقتا ھەريان سىلاپ يۈرۈپ لەپتىكى بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇردۇق،
- ئادەم ئازراق يەرنىڭكىنى ئالساڭ بولمامدۇ، سىنىپتا دەرس ئاڭلىغاندەك لىپمۇ لىق ئادەم! -دېدىم يوغان چاپان بىلەن قولىشالماي ئارانلا جايلاشقاچ.
- ئاچا، ئۇسسۇل ئوينامتىڭ! ئاز گەپ قىلىپ ما شارپاڭنى بىر ئالە بوينىڭدىن، ئىچىمنى سىقىپ مومىيادەك قىلماي!
شارپامنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى دېمەيلا قوياي، نېمە سەۋەبتىن بۇنچىۋالا ئۇزۇراپ كەتتىكىن بۇ كاساپەت. بوينۇمدىن ئايلاندۇرۇپ بولغىچە، يېنىمدىكىنىڭ بېشىغا جەينىكىم جاڭ قىلىپلا تەگدى. بىلمىگەن كىشى بولۇپ، ئالدىمدىكى ئېكرانغا قاراپ تۇرۇۋالدىم.
- يەيدىغان بىر نەرسە ئالدىڭمۇ - يا؟!
لەزى بىر خالتىدىكى نەرسىلەرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. ھەرنىمە بولسا. ھاياتىمدىكى ياق، يېقىنقى ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش، يەيدىغان نەرسە يېگەچ كىنو كۆرۈش ۋە كىتاپ كۆرۈش بولۇپ قالدى. ھاياتقا بولغان تەلىپىم شۇنچىلىك تۆۋەنكى نەدە قانداق شارائىتتا بولىشىدىن قەتئىينەزەر شۇ بولسىلا خۇشال بولىدىغان بولۇپ قالدىم. خۇددى ئاپام ئېيتقاندەك «ئەلھەمدۇلىللاھ، مۇسۇلمان ئەھلىدىن بولسىلا بولدى» دېگەندەك.
مەن ئورۇنلىشىپ، ئۆزۈمنى راھەت تۇيغۇغا ئەكىلىپ بولغۇچە كىنومۇ باشلىنىپ بىر يەرگە بارغان بولسا كېرەك، بىر توپ پىنگىۋىنلار بىر نەرسىلەرنى يېيىشكە باشلىدى. مەنمۇ تەڭ باشلاپ كەتتىم. بىر چاغدا شۇنچىلىك ئۇسسۇدۇم. ئوڭ قول بېلىكىمدىكى تۇتقۇچقا قويۇلغان كولانى غورت - غورت قىلىپ ئىچىۋەتتىم. لەزى ئادەتتە مۇز سالماي ئىچەتتى كولاغا. بۇ كولادا مۇز تۇرىدۇ، دەپ ئويلىدىميۇ ئەمما كىچىكىمدىن يېتىلدۈرگەن پەرۋاسىزلىقىمغا ئاساسەن دىققىتىمنى ئېكرانغا ئاغدۇردۇم.
بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن  دائىم مۇشۇنداق كىنوغا كىرەتتۇق، جىققىدە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ، ھەتتا ئۆپكە - ھېسىپلەرنى ئېلىپ كىرەتتۇق. ئالدىنقى رەتنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ ۋەھشى كۆرۈپ قوياتتۇق كىنو دېگەننى. ئەسلىمە دېگەن نەرسە ئاجايىپ نەرسىكەن. ئەسلە دېگەن بولسا ئەسلىمەس بولغۇيتتۇق ھەقىچان داۋۇخور بولغاچ بەندە دېگەن.
-سەن بەك ئىچىۋاتىسەن كولانى، نەدىن ئەكىردىڭ؟ ئەكىلە! - دېدى لەزى قولىدىكى تېلىفوننى قويۇپ، بۇ بىچارە بايام ياقى ئىدارىسىدىكى باشلىقىدىن قورقۇپ، ئەمدى ئەپەندىمگە چۈشەنچە بېرىپ بولالمايلا قالغانىدى.
- سەن ئەكەلگەنسەن بۇنى! مەن نەدە يۈرۈپ ئەكىلىمەن،
- مەن بايا ئالىمەن دەپ ئۈلگۈرمىگەن، سېنىڭ بولمىسا كىمنىڭ بۇ ساراڭ! - دېدى لەزى قولۇمدىن ئېلىپ بىر يۇتۇم ئىچىپ.
- ھە... مەن ئالغان ئوخشايمەن ئەمىسە، ئۇنتۇپ قالغان چېغىم، يېقىننىڭ ياقى كاللام جايىدا ئەمەس!
شۇنداق قىلىپ بۇ كىنونىمۇ تۈگەتكەن بولدۇق، كىنوخانىغا كىرىش ئاسان چىقىش ئەجەپ تەس دەيمەن. ئالدىمىزدىكىلەر يا ماڭمايدۇ.
- نېمانداق ئاستا ماڭىدۇ؟ - دېيىشىمگە كەينىمدىن بىرىنىڭ ئاۋازى كەلدى.
- ئالدىدا كۆزەينەك يىغىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ!
- نېمە كۆزەينەك؟ - دېدىم ئالدىمدىكى لەزىگە.
- ئاداش ئا بېشىڭغا قادىۋالغان قارا كۆزەينەكنى يىغىۋالىدۇغۇ، ساڭا بېرىۋەتسە بولامتى يا!
بېشىمنى سىلاپ باقتىم، راستلا كۆزەينەك بار ئىكەن، قاچانلاردا تاقىۋالغاندىمەن توۋا!
يەلكەمنى بىرسى ئاستا چەكتى.
كەينىمدە ئېگىزلا بىر بالا قارا كۆك پوفايكا كىيىپ، نائۇشنىكىنى مەيدىسىگە ساڭگىلىتىپ تۇراتتى.
- بۇ كارتوننى بېشىڭىزدىكى كۆزەينەكنى تاقاپ كۆرەتتىڭىز ئەسلى، قارىسام كىنو تۈگىگىچە بېشىڭىزدا تۇردى.
- ئاشۇنداما، دەپ قويدىڭىز بولمامدۇ ئەمىسە! - دېدىم دەپ بېشىمدىن ئېلىپ كۆزۈمگە تاقىۋالدىم.  شۇ چاغدا ئۇ بالىنىڭ كەينىدە تۇرغان قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، نەدە كۆردۈم بۇ قىزنى، ئېسىمگە دەماللىققا ئالالماي قالدىم.
كۆزەينەكنى قايتۇرۇپ بەرگۈچە كەينىمدىكى بالىنى چاپىنىدىن تونۇدۇم.
- ۋوي، ھە! سىزكەنسىزغۇ!
- ھەئە مەن، قۇلىقىڭىز ئاڭلايدىكەن ئەسلى ھە! ھە راست، بايامقى كولامۇ مېنىڭكىتى.
لەزى ئىككىمىز ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالدۇق.
ئۇ ئىككىسى كەتتى. توۋا! بارچە قىزلار يىگىتلەرگە قارىسا مەن كوچىدا قىزلارغا سەپ سالىمەن، يۈرۈگۈڭىزنىڭ بىرسى ئىگىلەپ بولغاندىكىن، باشقىلارغا قارىسىىڭىزمۇ شۇنىڭ سىمايى كۆرىنىدىكەن. شۇڭا قىزلارغىلا قارايدىغان بولۇپ قالدىم. بايا يىقىلغاندا شۇ قىزنىڭ قىزىل چاپىنىنى كۆرگەندەك قىلغانتىم. تېلىفون ھەلەكچىلىكىدە ئۇنتۇپتىمەندە!
- مۇشۇنداق بالىلارغا ئەقلىم ھەيران، قىز دوستى تۇرۇپ باشقا قىزلارغا شۇنداق گەپ قىلىپ كېتىدىكەن، بۇنداق بالىلارنى پۇت - قولىنى باغلاپ دەرياغا تاشلىۋەتسە بولىدۇ...
لەزى بەك قاخشايدۇ، يېنىدا قىز دوستى تۇرۇپ باشقا قىزلارغا قارىغان ئوغۇللارنى، گەرچە يېنىدىكى قىزنىڭ نېمە سالاھىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ ئاجايىپ تىللاپ كېتىدۇ.
- ۋاي، ئاچىسىمۇ، سىڭلىسىمۇ، ساۋاقدىشى دوستىمۇ سەن نەدىن بىلىسەن، قىززىق گەپ قىلدىڭ! - دەپ قويساممۇ قايىل بولمايدۇ. قارىغاندا يەھيا ئەپەندىم بۇنىڭغا  بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىسە كېرەك، ئەمما بۇ ئوچۇق ھاۋادىن قورقمايدۇ.


داۋامى بار. ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.

   

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:29:11

ئاتتەك بالىلار پەيدا بولۇپتۇ يەنە،بەھۇزۇر ھە بەھۇزۇر:P:P

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:37:25

داۋامىغا تەشنامەن.
ئىملاغا بەك دىققەت قىلىدىغىنىڭىزغا قاراپ، راستىنلا گېزىتخانىدا ئىشلەيدىكەن دېدىم سىزنى، تەكلىپ: «يۈرۈگۈم، قۇلۇقۇم» لارنى «يۈرىكىم، قۇلىقىم» دەپ يازسىڭىز.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:38:43

داۋامىنى كۇتىمىز .

ھېلىقى راڭپىزىچىنىڭ ھىكايىسى سىزنىڭما .

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:46:00

ھەجەپ ھوزۇرلۇق يازمىكەن

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:58:47

خەت رەڭگىنى قاچان بىر قارا قىلىشنى ئۈگىنەر دەيمەن مۇشۇ يۇسراننى،ئوقۇماي دېسە تېخى،ئوقۇسا كۆزگە جاپا(ئاتتەك بىر قارا قىلىشنى ئۈگۈنۇڭلار مۇنداق):shutup::shutup::shutup:

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 12:24:59

مەن بەك داۋۇخورمىكىن دېسەم ئەسلى بىزنىڭ قېنىمىزدا بار ئوخشايدۇ، توي دەپ تۇرسىمۇ تويماي قىلىۋاتىمىز توي دېگەننى. بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق جىق توي بار بولغۇيمىتى، دەپ ئويلاپ قالىمەن جۇمۇ! يا مۇشۇ 80 - كېيىنلەر چىققاندىن كېيىن توي ئالاھىدە جىقىيىپ كەتتىمۇ، يا لەزىنىڭ گېپى بويىچە:
- ئاداش، بۇ تويلار نېمىدەپ جىقىياتتى، توي قىلىپلا ئاجرىشىدىكەن. بالىسىنىڭ بۆشۈك تويىنى بىللە قىلالمىغانلار ئاجرىشىپ ئىككىسى ئىككى قېتىم قىلىدىكەن يېڭى توي قىلغان جۈپلىرى بىلەن،  ئاندىن چوڭلىرىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداق توي چاي قىلىپلا پېنسىيە يېشىنى توشقۇزىدىكەن....
شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداق تويدىن بىرىگە كەلدۇق، دېسەم گەپ ئۇزۇن. قىز تەرەپ ساۋاقدىشىمىز، بۇ دوستىمىزنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ساۋاقدىشىمىز، بۈگۈنكى تويغا كېلەيلى دېسەك تېخى، كەلمەيلى دېسەك تېخى، ئۇ ئوغۇل ساۋاقدىشىمىزنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ماۋۇ بالىغا يىگىت بېشى بولغاننى بىلگەندىن كېينلا ئاندىن قاتتىق قېتىپ كېلىشىمىز ماۋۇ.
ئەمما ماڭا مۇشۇنداق قىززىق ئىشلارمۇ ئانچە بەك تېتىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇلاردا يۈرەك بارمىدۇر دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئازابلانغىنىنى پەقەت بىلگىلى بولمايدۇ. ياكى بېلىقتەكلا تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى بولسا كېرەك!
مېنى دوستلىرىم ئەسلىمىلىرىڭنى تاشلاپ بىز بىلەن ياشىغىن، رېئاللىققا قايتىپ كەل دەيدۇ، ھەتتا قىززىقچىلىق قىلىپ ئىچىملىك بوتۇلكىلىرىنى ماڭا توغۇرلاپ: «ھەسەل، ھەسەل» دەپ توۋلاپ باقىدۇ. (ئىسمىم گۈلھەسەل، قىزلار ئادەتتە ھەسەل دەيدۇ) بولمىسا ئادەتتە ئىنتايىن خۇشئاۋاز قىز مەن، ئەمما بەلكىم شۇ ئۆتكەن كۈنلەر شاھىدى بولغان يۈرىگىمنىڭ زەردابلىرى كۆزلىرىمگە تەپكەن بولسا كېرەك، كۆزلىرىم غەمكىن.
دەھشەت ھەشەمەتلىك قىپتۇ بۇ توينى. ئىككىنچى قېتىم بولسا توي دېگەننىڭ ئەسلى دەرىجىسى ئاشىدىكەندە! ھىم بىلدىم. شۇڭا بىزدەك بىر قېتىممۇ قىلمىغانلارنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بولامدۇ يا!
- ھەسەل، ھەي..... ئاداش!
پەستە تۇرۇپ ماڭا قول پۇلاڭلىتىۋاتقان ئالىپتە كىيىنگەن بىرىنى تونىغاندەك قىلدىم.
ھىم، بۇ ياق يۈزدە يۈز پىرسەنتلىك يۈرۈگى يوقلار قاتارىغا كىرىدىغان ساۋاقدىشىم ئايچېھرى. بۇ ساۋاقدىشىم قاچانلا قارىسىڭىز ئاجايىپ بىر ھېسلارغا چۆمۈلۈپ يۈرۈيدىكىن، پەقەت تىرىنى يوق تۇيغۇلار ئىچرە ئۆز ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نەدە ئۇچراتقىنىمنى ئويلاپ ئېسىمگە كېلىپ بولغىچە يېنىمغا چىقىپ بوپتۇ.
- كىمكىن دەيمەن، ئالتۇن نۇرلىرىڭنى چاچرىتىپ يۈرگەن! ھاھا ئاداش بۇ كۆينىڭىڭ بەك يارىشىپتۇ جۇمۇ، كېلەر بىر رەسىمگە چۈشۈۋېتەيلى!
بۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئالىپتىچىلىكنىڭ ئىچىدىن چىقىپ بولغۇچە چاراس - چۇرۇس قىلىپ نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈپ بولدۇق.
- سالام سائەت قىلىشمايدىغان بولۇپ كەتتۇقمۇ ئاداش، ماڭا بىر قاراپ گەپ قىلساڭ! - دېدىم ئۇنىڭ يانفونغا قاراپ ھېرىسمەنلەرچە ھىجارىشىدىن زېرىكىپ.
- رەسىمىمىزنى چىقىرىپ قويدۇم، شۇ يەردىلا گەپ قىلە ئاداش. مەن پەسكە چۈشۈپ چىقاي ھە!
يانفونۇمنى ئېچىپ ئۇنىڭ چىقارغان سۈرىتىنى كۆرۈپ، ئاستىغا يېزىپ قويدۇم. «ياخشى تۇرۇۋاتقانسەن؟»
سېكونت ئۆتمەي جاۋاب خەت كەلدى. «ئ.اداش كۆڭلۈم يېرىم، يېقىننىڭ ياقى ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا مەنلا قالغاندەك قىلىمەن»
ئۇنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ ئورنىمدىن تۇرۇپلا پەسكە قارىدىم، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ - بۇنىڭ بىلەن خۇشال سالاملىشىپ، بىردىن ئىككىدىن رەسىمگە چۈشۈپ يۈرۈۋاتاتتى، قانداق ۋاقىتتا يازغاندۇ ما جاۋابنى توۋا يا كاتىپى بارمۇ يا بۇنىڭ!
- نېمە ئىشلارغا ئەقلىڭنى لال قىلىپ يۈرۈيسەن، ھەي خىيالى، يازغۇچى خىيالى بولىدۇ دېسە پەقەت ئىشەنمەيتتىم، دەھشەت بىر خىيالپەرەس قىزبالا بولدۇڭ سەن!
لەزىگە بولغان ئىشنى دەپ بېرىشىمگىلا،
- ئاداش مۇشۇ قىزنى بىر زىيارەت قىلساڭلا بولاتتى، خەت بېسىش سۈرئىتىنى دېمەيلا قوياي،  ساڭا قاراپ تۇرۇپ خەت باسالايدىكەن قارا. ئالدىنقى قېتىم نەدە ئۇچراتتىم بۇنى، ئىشقىلىپ بىر يەردە ئۇچراتقان، شۇ ۋاقىتتا مەن بىلەن سالاملىشىپ ئولتۇرغاندەك قىلغان. قارىسام ساۋاقداشلار توپىغا بىرمۇنچە ئازابلىق ئىبارىلەرنى ئەۋەتىپتۇ. ئىملاسىغۇ ۋەھشىكەن، ئەمما ئىشقىلىپ شۇنچىلىك كارامىتى باركەن.... يۈرە پەسكە چۈشەيلى ئەمدى. قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىدىكەن. بۇ يۈزغۇ ئېچىق يۈزتى شۇنداق بولسىمۇ يۈرە ئەمدى، ئاچقاننى كۆرمىسەك سىنغا چىقمايمىز! - دېدى لەزى قولۇمدىن تارتقاچ.
داۋامى بار.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:13:14

بۇنىڭ ئاخىرى تۇگىمەيلا يۇسراننىڭ ئىشى چىقىپ قالىدۇ.:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:53:01

ئاتتەك ھە :lol

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:01:00

ئالە شەرىڭنى .....يۇسران پەيدا بوپ قالدىغۇ ئەمدى

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:26:26

ئەلا، ئەلا كىتاپ ئوقۇپمۇ ئىشما؟ قاچان چىقىدۇ داۋامى...؟

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:31:52

يازمىنىڭ تىلى يەڭگىل،چۈشىنىشلىك ،مۇرەككەپ ئىبارىلەردىن مۇستەسنا چىقىپتۇ، مەنمۇ شۇنى بايقىدىمكى يۇسران ئىملاغا بەك دىققەت قىلىدىكەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:51:21

تەبىئىي ھەم يالىڭاچ خارەكتىر تەسۋىرلىرى، زاماننىڭ ئەسەر تىلىغا ئەپچىللىك بىلەن يۇشۇرىلىشى مېنى مەھلىيا قىلدى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:52:23

سۇنئىي ۋەقەللىك ئۈچۈن زورقۇش يوق، زادى ئاتتەك {:92:}

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:06:37

تازا ھوزۇر ئالدىم. تولا كۈلۈپ يۈزۈمگىمۇ قورۇق چۈشۈپ كېتىدىغان بولدىدە{:194:}

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:07:14

تىمسىنى ئەسلىمە دەپ قويىۋاپتۇ،-يۇ بۈگۈننى يېزىپتۇ..
ئۈرۈمچىنىڭ بۈگۈنكى ساز ھاۋاسىنى ياخشى كۆرمەي ، تېخى يىقىلسا بىرىنچى بولۇپ تېلفۇنىنى ئىزلەيدىكەن ...
ئورخان پامۇك چاقىرمىسا كىرمەيتتىم دىيىشتىن يانمايدۇ-ھىلى بەلكىم.
ئىشقىلىپ تاققا-تۇققا بىر نەرسە ئىكەن بۇ. يەنە يېزىۋەرسە ئاۋۇ قىزىل كىيىملىك قىزنى تارتىپ قارغا تاشلىۋېتىپ كولا ئېلىپ بەرگەن{:92:} يىگىتنى قولتۇقلاپ كېتىۋېرەمدۇ-تېخى.
ۋۇييۇ ...

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:09:47

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 12:24 static/image/common/back.gif
مەن بەك داۋۇخورمىكىن دېسەم ئەسلى بىزنىڭ قېنىمىزدا بار  ...

داۋامى، داۋامى داۋامى....

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:43:42

داۋامى كېلەركى ساندا، بۇنىغۇ بىلدۇق، لېكىن قوش ئايلىق ياكى پەسىللىك بولۇپ قالمىسىلا بولاتتى ئىشقىلىپ...

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:02:12

ئاتتەك يازمىكەن!

ماۋۇ ئاتتەك دېگەن گەپنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى تۇرۇپتىكەنمىز.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:05:25

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 16:02 static/image/common/back.gif
ئاتتەك يازمىكەن!

ماۋۇ ئاتتەك دېگەن گەپنىمۇ ئۇنتۇپ قال ...

ھەممىڭلارنىڭ ئىسىگە مەن سالدىم ھەقىچان :lol
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)