konakitabchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 04:55:04

بىلدۈرگۈ

مۇنۇ تېمىغا‹‹ئاتتەك››،تىن باشقا ئىنكاس يېزىشقا مۇمكىن ۋە رۇخسەت بار ئەمەس:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 10:04:46

بۇگەن ئازراق ئوقۇۋالدىم…ئەتىگىچە بىلىملىك يۇرىيدىغان بولدۇمدە{:92:}{:92:}{:92:}
ماۋۇ ئىنكاسچىلا ئەلانىمۇ بىسىپ قويۇڭلا   جىقراق ئادەم بىلىملىك بولىدۇ ئاندىن

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:02:18

پۈتۈن دۇنيا مەندىن ۋاز كەچسىمۇ، مەن يەنىلا ئۆزۈمگە ئىشىنىپ كېلىۋاتىمەن، باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن كارىم يوق. باشقىلارنىڭ ھاياتىمنى سىرتتىن كۆرۈپ تۇرغۇچىلارنىڭ گېپى قۇياشلىق كۈندىكى چاڭ توزاندەكلا. سەللا شامال چىقسا نەلەرگە كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىغا ھازىرغا قەدەر بىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ باقمىدىم. ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىم ئۆزۈمچىلىك مۇھىم ئەمەس. ئازابلانغان چېغىمدا پەرياد ئۇرۇپ جان جەھلىم بىلەن يىغلىدىم، يېشىم قۇرىغاندا بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئېچىلىپ كۈلدۈم. مانا مۇشۇنداق ئىزچىل ئالغا قاراپ مېڭىۋاتىمەن، ھاياتلىق بەخشەندە ئەتكەن بارلىق قىزغىنلىقىمنى بۇ يولغا سەرپ قىلىۋاتىمەن. ياشلىقىمدا يىقىلىشتىن ھېچبىر قورقۇپ باقمىدىم. چۈنكى مەن مەڭگۈلۈك گۈزەل ھاياتلىققا ئىشىنىمەن.
بۈگۈن بۇرۇنقى قوليازمىلىرىمنى رەتلەۋېتىپ، بۇ قۇرلارغا كۆزۈپ چۈشۈپ قالدى. بەلكىم ئۇ چاغلاردا بۇنداق بىر ئىشلارنىڭ مېنىڭ بېشىمنى ئەگىپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولغۇيتتۇم، ئازاب دېگەننى،  يوقىتىش دېگەننى تېتىپ باققان ئادەم بىلمىسە، ئاڭلىغان ئادەم مەڭگۈ بىلىپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئازابلىرىمنى، كۆڭۈل ئاغرىقىمنى ۋە ياكى خۇشاللىقىمنى بىرىگە دەپ كەتمەيمەن.
-ساماۋەر شورپىسى يەمسەن؟
لەزىنىڭ ئۈندىدار ئۇچۇرى.
بېشىمنى لەپپىدە قىلىپ تۇمان بولۇپ كەتكەن تالاغا قاراپ، يۈرۈگۈمدە ئۇققىلى بولمايدىغان بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇسى قاپلىدى.
- ھىم.
-كونا جايدا كۆرىشەيلى!
-يېرىم سائەتكىچە بارىمەن.
ب ر ت غا چىقىش كىچىك بىر بازار چۆگلىگەندەك ئىش. نەچچە  بېكەتلىك يول ئۇيغۇرلار رايونى بولغاچقا، ب ر ت نىڭ نەچچە كونۇپكىسى پەيشەنبە جۈمە كۈنلۈك بازاردەك قىزىپ كېتىدۇ. كىملەردۇر تېل سۆزلىشىپ ئاز قالغانلىقىنى دېسە، كىملەردۇر بۈگۈن نەدە قانداق نەرسىنى ئەرزان ساتقانلىقى، يەنە كىمدۇر بىرى توينىڭ گېپى، يەنە بىرى ئاخشام كۆرگەن كىنونىڭ گېپى. ھاۋارايى توغۇرلۇق سۆزلىشىپ قويدىغان ئىلمى ئادەملەرمۇ ئۇچرايدۇ بەزىدە، ئەمما يەنىلا ئوقۇغۇچى ياش باللا كۆپ. ياخشى كۆرىمەن ب ر ت نى. ئىچى يورۇق، ھەممىمىزنى بىر ئوچۇقچۇلۇققا قويۇپ قويغاندەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا ب ر ت غا چىقىپلا قولايلىق يەردىن بىرىگە جايلىشىپ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ قويىمەن. بۇ ئادىتىمنى قانداق قىلسام بولىدىكىن تاڭ!
ئارقا ئىشىك تەرىپى بەكرەك قىزىيدۇ ب ر ت نىڭ، شۇڭا ئارقا ئىشىكتىن چىققاندىكى سول تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا جايلىشىپ ئولتۇردۇم. كىشىلەر مەندىن ئانچە ئېھتىيات قىلمامدۇ، ۋە ياكى نائۇشنىكىمغا شۇنچە ئىشەنچ قىلامدۇ ۋە ياكى ھازىرقى ئادەملەر بىر خىل ئېچىلىپ كەتتىمۇ مەن بىلمىدىم. ئىشقىلىپ كىشىلەر ھەممە شەخسى تۇرمۇشلىرىنى تېلىفون ئارقىلىق بىر-بىرىگە مەلۇم قىلغاننى ئاز دەپ، ئەتراپىدىكى ھېچقانداق بىر ئادەمدىن ئەيمەنمەس، ھەزەر ئەيلىمەس بولۇپ كەتتى.
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلاشقان ئاۋات يەرلىرىدىن بىرىگە جايلاشقان بۇ ساماۋەر شورپىخانىسىنى لەزى ئىككىمىز ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم يوقلىۋېتەتتۇق، شۇڭلاشقىمىكىن، لېفىتتىن چىقىپ مۇشۇنداقلا ئەگىلىشىمگىلا تونۇش چىراي مۇلازىم باشلىقى تېخىمۇ تونۇش چىراي كۈلكىسى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن ئاغزىمدىن بىر ئېغىز گەپ چىقارغۇزماي لەزىنىڭ يېنىغىلا ئەكىلىپ قويدى.
-مۇشۇ بالا بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قالساق قانداق قىلىشىپ كېتەرمىز ئاداش؟ -دېدىم لەزىنىڭ ئۇدۇلىدا چاپىنىمنى سالغاچ.
-ئاللاھنىڭ سالىمىنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىمىز، قانداق قىلساق بولاتتى ئەمدى، ساماۋەر شورپىسى توغرىسىدا بىردەم ھال - مۇڭ بولۇشساق بولامتى؟ - لەزى ئالدىمغا چوكا - قوشۇقلارنى رەتلەپ قويغاچ دېدى.
- دەيمىنا ئەمدى، ئورۇن ئالماشتۇرىدىغان گەپمىكىن!
- توۋا، ئايچېھرەدەك يېنىدىكى ئوغۇل دوستى ھەپتىدە ئالمىشىپ تۇرسىمۇ يەنە ھىجارەپ كىرىۋېرىدىغانلار يەر ئالماشتۇرسا بولىدۇ، سەن نېمىگە خۇدۈكسىرەيتتىڭ!
لەزىنىڭ ئاسمان كۆكى تەنھەرىكەت مايكىسى ئاق تېرىسىگە شۇنچىلىك ياراشقانكى، قالايمىقانلا تۈرمەكلىۋالغان چېچىدىن بويۇنلىرىغا چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرىمۇ شۇنچە گۈزەل ئىدى. كۆزلىرىدىن قاچانلا قارىسا جىددىيلىك چىقىپ تۇرسىمۇ،  ئەمما ئۇ يوغان كۆزلىرى قوڭۇر چاچلىرى بىلەن پارا ئىدى. بوينىدىكى زەنجىرى بىلەن قولىدىكى بىلەيزۈكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ نازاكەت قوشۇپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى.
دوستىغا قاراپ مەسلىكى كېلىشمۇ بىر خىل ھوزۇر. ئىككىمىزنى كۆپىنچىلەر ئوخشىتىدۇ. ئەمما لەزى ماڭا قارىغاندا جانلىق، تېتىك كۆرۈنىدۇ. بەلكىم سەرگۈزەشتىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. مېنىڭ كۆزلىرىمدىن سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇرىدۇ.
- ھەسەل، ساڭا بىر گەپ دەي، - دېدى لەزى بېشىنى مەن تەرەپكە سوزۇپ، پىشانىسىگە چۈشۈپ قالغان چېچىنى يانغا قىستۇرغاچ،
مەن بىلەتتىم، بىز ئەزەلدىن ساماۋەر شورپىسىنى قۇرۇق يېمەيمىز، ئۇنىڭغا چوقۇم زاكوسكا قوشىمىز، مۇشۇنداق غەيۋەت، يېڭى خەۋەر، كونا خەۋەرنىڭ يېڭى ۋارىيانتى، يېڭى خەۋەرنىڭ كونا ۋارىيانتى ۋە ھاكازالار.
- تىك ئولتۇرۇپ دېگىنە ئاداش، يۈزۈمنى تۆكمەي ، - دېدىم ئۇنىڭ پاتەمخاندەك قىلىقىغا قاراپ كۈلگۈم كېلىپ.
- ۋاي مۇشۇنداق دېمىسەم مەززىسى بولمايدۇ.
ئۇ بېشىنى سوزۇپ، ساماۋەر شورپىسىنىڭ ھورىنىمۇ ئويلاشمىدىكىن، ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇنۇپ تۇرغان ھوردىن مېنىڭ ئىچىم پۇشۇپ، بېشىمنى يانغا تارتتىم، ئۇمۇ قازانغا لەپپىدە بىرنى قاراپ بېشىنى يانغا تارتتى-دە، گېپىنى باشلىدى:
- ھېلىقى قىزىل چاپاننىڭ ھېكايىسى ئاداش!
- قايسى قىزىل چاپان؟ - دېدىم ئاغزىمدىكىنى چايناپ بولالمايلا.
- ۋاي بىر يېمەي تۇرە ئاچا! - دېدى لەزى چىرايىنى بىر قىسما قىلىپلا،- ھېلىقى كىنوخانىدىكى، گۈلرەيھاننىڭ تويىدىكىچۇ؟
- ۋاي ھە. ھە! شۇنىڭ قىز دوستىنىڭ چاپىنىنى دەمسەن؟
- ئۈش، -دېگەچ ئالدى - كەينىگە بىرنى قارىۋېتىپ ماڭا ھومايدى.
- ئۈنۈڭنى بىر ئاستىراق قىلە، ئوتانچىدەك ۋارقىرىماي، ھە شۇ قىزبالا يەھيالارنىڭ مەكتىپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋېتىپتۇ، تېخى فاكولتېت يېتەكچىسمۇ ئاشۇنداقكەن، قارا!
- ھە، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ -دېدىم دىيارنىڭ يولدا ئۇچراپ قالغىنىنى دېيەلمىدىم. ئاۋارىچىلىقتىن نېرى تۇرغۇدەكلا بولسا نېرى تۇرۇش كېرەك.
-نېمانداق قىلىدىغاندۇ ماۋۇ؟ ساڭا بېرىپ تاقىشىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ دەپ، سەن بىلەن تەھلىل قىلايلى دەپ چاقىردىم مەن!
لەزى كۆپ ئويلايدۇ ئەزەلدىن مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ يەھيا بىلەن تونۇشقان ياقى. ئامالىم يوق.
- ئۇف ئاداش، ئۇ كۈنى تېخى بۇنداق ئىشلاردىن نېرى تۇر دەۋاتمامتىڭ مېنى؟
- ۋاي شۇ، مەنمۇ شۇ ئىشنى دەپ يەھياغا دەپ بېرىشىم، كىم بىلسۇن، ئۇ ھېلىقى ئېيىق چىراينىمۇ بىلىدىكەن، يەھيا! قارا ئاداش، ئۇ قىزچۇ بەك ئېسىل قىزكەنمىش، ھەممىسى ماختايدىكەن. ئائىلە ئەھۋالىمۇ بەك ياخشىمىش، ئېسىل ماشىنىلىرى بار دەمدۇ ئىشقىلىپ!
- ئەمىسە ئاۋۇ قىزىل چاپانغا مەن چىقىش قىلىپ بولاممايدىكەنمەن دېگىنە!دېدىم ئۇ چاپاننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەچ.
- لاۋزا گەپ قىلماي ئاخىرىنى ئاڭلا! ھېلىقى سېنى بەك سوراپ كەتتى دېگەن ئېيىق چىراي ئاداش بىلەن بۇ قىز دائىم بىللە مەكتەپكە كىرىپ - چىقىپ يۈرۈيدىكەن، ئۇ ئاداشنى نېمە بىر دورا تەتقىقات ئىدارىسىمۇ بىر يەردە ئىشلەيدىكەن قارا!
راست گەپ قىلسام بۇ گەپلەرنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەقەت ھېس قىلالمىدىم، تاقىتىم يەتمەي سورىدىم،
- شۇنداق بولغاندا، بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قايەردىكىن، پىرىم ماڭا تەلىم بەرگەيلا!
- بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەر - خوتۇنكەن قارا!
- ئاغزىمغا ئالغان چاينى قانداق پۈركىۋەتكىنىمنى بىلمەيلا قالدىم:
- مەھرۇ قىلدىڭغۇ مانەرسىلەرنى ھەي! شۇڭا ئالدىرىماي ئاڭلا دېسەم ئۇنىمايسەن!
لەزىنىڭ غەيۋەت قىلىش تېخنىكىسى بارغانسېرى مېنى ھەيرەتتە قالدۇرۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلىنى دېمەيلا قوياي، ھازىرقى چىرايىنى بىر كۆرگەن بولساڭلار كامالەتكە يەتكەن پىر كالام ئىكەنلىكىنى بىلەتتىڭلار.
ئىككى قولىنى مەيدىسى ئالدىغا ئالماشتۇرۇپ، پۇتىنى ئالماشتۇرغىنىچە، كىرىسلوغا يۆلىنىپ، كۆردۈڭمۇ؟ ۋەھشى خەۋەرمىكەن دېگەندەك مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان لەزىگە ئەمدى مەن بوينۇمنى سوزۇشنى باشلىدىم:
- ھەي ساراڭ، نېمە گەپ ئۇ ئىككىسىنى ئاتا - ئانىسى ئەر - خوتۇنكەن دېگەن!
- ئاشۇنداق گەپ! مەن ساڭا دېسەم، - ئۇ ئەمدى بايىقى ئەلپازىنى بىراقلا بۇزۇپ مەن تەرەپكە بېشىنى سوزۇپ ئاۋازىنى پەسلەتتى، - ئۇ قىزنىڭ دادىسى باشلىقمىش، ئاۋۇ ئېيىق چىراينىڭ ئىسمى نېمىتى ھەسەل؟
- دىيار
- ھە دىيار! - لەزى شۇنداق دېدىيۇ، ماڭا بىر قىسما قارىدى.
- نېمە بولدۇڭ؟
- نېمە بولغاندەك تۇرىمەن، دېمىگەن بىلەن ئىسمىنى بەك ئېسىڭىزدە ساقلاپسىز! چۈشتە نېمە يېدىڭ دېسىمۇ ئالاھەزەل بەش مىنۇت ئويلىنىۋېتىغان ئادەمتىڭىز بولمىسا گۈلھەسەل!
- ئوھۇش، بولە، مەنمۇ بايام ياقى ئويلاپ ئاران تاپتىم.
- ھە شۇ ئاداش دىيارنىڭ ئاپىسى بىلەن توي قىلغانكەن!
- ھە... ئەمىسە ئىككىسى ئاكا - سىڭىل ياكى ھەدە - ئىنىكەنغۇ!
- مەسىلە دەل مۇشۇ يەردىكەن! - لەزى ئاخىرى پۇخادىن چىققۇدەك يېرىنى تاپتى،  - ئۇ قىز دىيارنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنمىش، بۇرۇن بىر قېتىم دورا يەۋاپتىكەن قارا،
- ئۆلىۋالىمەن دەپما؟
- ئەمىسە ئىچى پۇشۇپ يەمدا؟ تەتەم پەتى سۇئال سورىماي، مانى ياخشى ئاڭلا، ھېلى تەھلىل قىلىمىز.
ھىم، دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم!
داۋامى بار.

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:24:06

يۇمۇركەنسىزغۇ سىز ھەي يۇسران ،يىغىندا ئولتۇرۇپ ئوقۇپتىكەنمەن ئاۋازىمنى چىقىرىپ كۈلۈپ سالدىم دەيمەن ھەممە ئادەمنى قارىتىپ :):lol:lol:lol

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:24:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ER518 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 11:25  

بۇ پارچىسى بەك قىزىقارلىق چىقىپتۇ جۇمۇ

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:13:16

ما ئاتتەك تىمىغا بىر ئىلان قىستۇرۋالايچۇ. :lol

تېمىلارغا چۈشىدىغان ۋە چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ھەر خىللىقىدىن، سىز بەلكىم شۇ تېمىدىكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ يازمىلىرىنى ياكى باش تېما ۋە ئاپتورنىڭ كىيىنكى ئىنكاسلىرىنىلا كۆرۈشكە ئىھتىياجلىق بولۇشىڭىز مومكىن. ئۇنداق بولسا، بۇ تىمىنىڭ 22-قەۋىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ئىقتىداردىن پايدىلىنىڭ.
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=redirect&goto=findpost&ptid=56487&pid=332052&fromuid=2

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:13:23

كۈندە كىرىپ يوقلاۋاتىمەن ...دادام ئاغرىپ قاسىمۇ بۇنداق قىلىپ كەتمەستىم....
ئادەم دېگەننى زە ..:lol.

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:15:17

   تۇيغۇلار نىمە دىگەن تەبىئى،مۇشۇنداق يازمىلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 16:27:48

لەزى كەسىپنى خاتا تاللاپ قالغان زادى! ئەسلى بۇ قانۇن ئوقۇپ رازۋېدكىچىلىك قىلغان بولسا ھازىرقى بالىلار دوختۇرخانىسىدا پۇل ساناپ ئولتۇرمايتتى. ھەرقانداق ئىشلارنى تەپەككۈر قىلىپ، خىلمۇ - خىل قىياسلارنى چىقىرىدىغان بۇ دوستۇم ھازىرمۇ ئۇدۇلۇمدا قاپىقىنى تۈرۈپ نېمىنىدۇر قىياس قىلغاچ تاۋۇز يەۋاتاتتى. بۇنى ماڭا بولغان كۆيۈنۈشتىن بەكرەك ئۇنىڭ بۇ خىل ئىشلارغا بولغان قىزىقىشىدىن قىلىۋاتىدۇ دېسەم مەنچە ۋىجدانسىزلىق قىلغان بولمايمەن.
- دورا يەۋالغىنى بەلكىم خىزمەتتىكى بىرەر كېلىشمەسلىكتۇ؟ -دېدىم مەن ئۇ قىزنىڭ شۇنچە سۈزۈك، پاكىز چىرايىنى، مۆرىسىدىن چۈشۈپ تۇرىدىغان قارامتۇل چېچىنى، ئەلۋەتتە مەن ياقتۇرۇپ قالغان قىزىل چاپىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەچ.
-سەن ئەمەس ھەممە ئادەم خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ نەپسىگە چوغ تارتىدىغان، ھەرقانچە بولسىمۇ تەجرىبە ئىشلەۋېتىپ ئۇنى بۇنى تېتىپ باقماس، مەكتەپ ئاسپىرانتلار ياتىقىدا بوپتىكەنمىش، سەن ئويلىمامسەن، مەخپىي بىرەر دورا تەتقىق قىلىدىغان پارتىزان دەۋرى بولمىسا يا بۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇكۈنى دىيارما ھە شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ كۆل بويىدا سوقۇشقىنىنى بىرنەچچە قاغا كۆرۈپمۇ ئۈلگۈرۈپتىكەن.
- كۆڭلى يېرىم بولسا كۆلگە ئۆزىنى ئېتىۋالماي نېمەدەپ دورا يەپ يۈرۈيدۇ؟ -دېدىم مەنمۇ پەقەت كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەي.
- ئەمدى خەقمۇ ئۆزى بىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۆلگەن بولىۋالاي دېگەندۇ، سەن ئويلاپ باقە، راستلا ئۆلگىسى بار ئادەم ئۆزىنىڭ دورا ئىچكىنىنى قانداق بىلدۈرۈپ قويدى باشقىلارغا! خىمىيەنى ئۇنچىلىك ياخشى ئۆگەنگەن ئادەم قانچىلىك يېسە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەمدا؟ شۇڭا سۇغا سەكرىمىدى، سۇدا راستلا ئۆلۈپ قالسىچۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھيانىڭ دېيىشىچە، ئىدارىسىدىكى ھېلىقى تاز باشلىقىنىڭ ئىككىنچى تويى بولۇشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن بولغان بولسا، ھاۋامۇ خېلى سوۋۇپ قالغان دېگىنە، ھىم، دېمەك ئۆلگۈسى يوق! شۇ ئارقىلىق بۇ قىز دىيارنى تۇتۇپ قالماقچى بولغان....
لەزى گېپىنى تۈگىتىپلا ئالدىدىكى ئىستاكاندىكى لىمۇنلۇق قايناقسۇنى گۇپپىدە قىلىپ ئىچىۋەتتى-دە،  ئورنىدىن تۇرغاچ:
- قالغىنىنى سەن ئويلاشقاچ تۇر، مەن ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقاي! بۇ ئىش بۇيىلقى ئەڭ چوڭ ئىش ئاداش!
ئۇنىڭ سارغۇچ ئىشتىنىنىڭ بېلىنى ئوڭشاپ نازاكەتلىك مېڭىشىغا قاراپ، ئۆزى بىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى يوق كىشىلەرگە بۇنچە چوڭ قىزىقىشى بار، شۇنداقلا نەچچە مىليون مېڭە ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈپ باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى تەھلىل قىلىدىغان قىز دېمەيدۇ ھېچكىم.
ئەينى ۋاقىتتا لەزى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نىجادنى تەھلىل قىلىپ خۇلاسە چىقارغانىدى.
ئۇنۋېرسىتېتتىكى ئۇ كۈنلەردە ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدى. قۇياش شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى، يەر - زېمىن شۇنچىلىق گۈزەل ئىدىكى، بىزنىڭ چېھرىمىزمۇ گۈلدەك ئېچىلىپ تۇراتتى، مەكتەپنىڭ ھەرۋاقتى ئۆز سۈپىتىدە گۈزەل ھەم راھەت يېقىنشلىق ئىدى. ئەلۋەتتە لەزى ئىككىمىزمۇ غۇنچىدەك گۈزەل سەبىي ئىدۇق، ئاۋازىمىز قوڭغۇراقتەك زىل ئىدى. ئۆزىمىز گەپ قىلىپ ئۆزىمىز كۈلۈپ ماڭىدىغان بولساق، كۈلكىمىزدىن دەرەختىكى قۇشلار ئۈركۈيتتى. چىرايلىق كىينەتتۇق، دەرستە ياخشى ئىدۇق، ئۆزىمىزگە قارا سۈركىيمەي مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ ئاجايىپ كۆڭۈللۈك ياشايتتۇق.
ھەر پەسىل، ھەر ئاي، ھەر كۈن شۇنچىلىك مەنىلىك ئىدىكى، بىز مەنىسىزلىك ۋە ئازابتىن يات ئىدۇق. لەزى ئۇسسۇلغا بەك ئۇستا ئىدى. فاكولتېتنىڭلا ئەمەس، مەكتىپىمىزنىڭ ئۆمىكىدە ئاساسلىق ئۇسسۇلچى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرخىل پائالىيەتلەرنىڭ رېپىدىسلىرىگە قاتنىشاتتىم. سايىدەك بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلمايدىغانلىقىمىز، شۇنداق بىزگە ئوخشاش ئىككى قېرىنداش ئاكا - ئۇكىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى قوزغاپ قويغان بولسا كېرەك، ئىككىمىزنى كەچكىچىلا بىر قورساق ئاكا - ئۇكىلار، ۋە ياكى يېقىن دوستلار تەڭ قوغلىشاتتى، بىزگە بۇ بەزىدە ئۇيۇن بولسا بەزىدە خاپىلىق بولۇپمۇ قالاتتى، يۈرەك بىرىگە سوقمىغان شۇ ۋاقىتلار نەقەدەر راھەت ھە!
- ئۆزەڭنىڭ خىيالىنى قىلىپ ئولتۇردۇڭ بۇ روھىڭ چىقىپ كەتكەندەك ئولتۇرۇشۇڭغا قارىغاندا، - لەزى كېلىپ ھۆل قولىنى قەغەزگە سۈركەچ دوق قىلدى.
- ئاداش، ئۇ قىز دورا يېسۇن ياكى يېمىسۇن ئىككىسى بىللە بولسا بولماس، نامدا بولسىمۇ ئىككىسى بىر تۇققان قېرىنداش تۇرسا!
- ۋاي جېنىم ئادىشىم، شۇ گەپكەن ھازىر. ئەمەلىيەتتە ئىككىسىنى قانۇن قوغدارمىش، يەھيانىڭ دېيىشىچە. ئەمما قائىدىگە ياتمايدىغان ئىش دېگىنە. ئېسىڭدىمۇ گۈلرەيھان سېنى شۇ كۈنى ساڭا ئالايىتەن قىلىپ تۇرۇپ، ئىككىسى بەك ماسلاشقان ھە دەپ كەتكىنىگە قارىغاندا ئۇمۇ بۇ ئىشلارنى بىلىدۇ. دىيار دېگەن بالا سېنى ئۇلارنىڭ توي پىلاستىنكىسىدا كۆرۈپ سورىغىنىدىن ھەقىچان بۇ بىچارە بايقۇچ جىددىيلىشىپ ساڭا ئالدىن ئالا دەپ قويغان يېرى ئاۋۇ بىلسەڭ!
- نېمە بولسا بولمامدۇ، مېنىڭ بىلەن نېمە ئىشى. توۋا قىلدىم، ئەمدى گۈلىرەيھان بۇ ئىش توغۇرلۇق يەنە بىر ئۇيۇن ئويناپ يۈرمەس ھە! - دېدىم مەن نەچچە يىل ئۇۋۋالچىلىقتا قالغان ئۆتمۈشۈمنى ئويلاپ.
- مەنچە ئۇ بالا ساڭا قىززىقتى، - لەزى تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ خۇددى بەك مۇھىم ئىشنى تەھلىل قىلغاندەك، كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ دېدى، - بۇنى مەن ھېس قىلىپ بولغان. ئەمما ئۇ بالا سەن بىلەن ئالاقىلاشقۇسى بولسىمۇ، شۇ گۈلرەيھاندىن سورايدۇ، بولمىسا سېنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ، تەقدىرىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ ھاھاھا، چاقچاق، ئىشقىلىپ، ئەمدى ئۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە قاراشلىق دېگىنە، مەن مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالىغۇدەكمەن، يەھيانىڭ دېيىشىچە، ئۇ قىز دىيارنى بەكلا ياخشى كۆرگەن بىلەن، دىيار بەك سوغۇقمىش، بىلىسەنغۇ مەكتەپ، مۇئەللىملەر ئارىسىدا سىر يوق، ھەممىسى بىلىدىكەن. بولمىسا بۇ قىزنى قوغلىشىدىغانلار بەك كۆپكەن
- ساڭا بىر گەپ قىلاي ئەمىسە، - دېدىم لەزىنىڭ بۇ ئىشقا بۇنداق قىززىققانلىقىغا قاراپ، - ئۇ كۈنى يولدا ئۇ بالا ماڭا ئۇچراپ قالدى قارا!
لەزى تاس قالدى ئاغزىدىكى چاينى پۈركىگىلى.
- ماندا دە، مەن دېمىسەم بۇ ئىشنى ماڭا دېمەيسەن دېگىنە! بۈگۈن مەن سېنى ئاتوم بومبىسىدەك يېڭىلىق بىلەن قورقۇتاي دېسەم سەن مېنى چۆچۈتەمسەن ئەمدى. بىكاردىن بىكار ئۇچراپ قالمىغاندۇ؟
- پۇلغا ئۇچرامتى ئەمدى، تېيىلىپ كېتىپ قارىسام شۇ بالا يۆلىۋاپتۇ،
- بۇ بالا نەدە تېيىلىپ كەتكەنلەر باركىن دەپ ماراپ يۈرەمدۇ قانداق، ئۇلارنىڭ ئىدارىسىگە مەدەنى ئىدارە مۇكاپاتىنى بەمەي، بۇلارنى چىقىپ ياخشى قىلىڭلار دېدىمۇ - يا؟ بولمىسا سەن ئويلىمامسەن؟ ساڭا قانداق بولۇپ ئۇچراپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ ئىككى قېتىم، چوقۇم بىر ئىش بار......
لەزى يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن، ئىشىكتىن كىرىۋاتقان يەھيانى كۆرۈپ مەن ئىشارەت قىلىپ قويغۇچە بىرنېمىلەرنى دەپ كەتتى.
بويلىرى ئورتا بوي، ئەمما ئۆزىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدىغان، ئاچچىقى يامان بۇ ئەپەندىم بىلەن مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم تاماق يېدۇق، ئەمما ساپلا مۇشۇنداق سورۇننىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ.
- ئەسسالامۇئەلەيكۈم، يازغۇچى خېنىم سىزنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن ھە!
يەھيا ئەپەندىمنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس كۆرۈشۈش دېئالوگى مەن بىلەن.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەپەندىم، مەن باغۇ! شۇ ئىشلەپ!
ئىچىگە ئۇششاق كاتەكچە تېگى ئاق كۆينەك كىيىپ، سىرتىغا خېلىلا ياخشى بىر پەي چاپان كىيىۋالغان يەھيانى ھەرقېتىم كۆرگىنىمدە مۇشۇنداق قېتىۋالغان ھالدا ئىدى. ئەكسىچە لەزى بەكلا ئەركىن كىيىنىدۇ.
- ھە، خىزمەتلەر ئالدىراشمۇ، ئىككىڭلارنىڭ ئارقىغا ئەگىشىپ مەنمۇ خوگوچى بولۇپ كېتىۋاتىمەن جۇمۇ!
يەھيا ئالىپتە بېزەلگەن كۆينەك يەڭلىرىنى خېلى بىر مۇرەككەپلىك ئىچىدە يېشىپ ئۈستىگە رەتلىك قاتلىغاچ سۆز قىلدى.
- سىڭىشلىق ياخشى تاماققۇ بۇ! -دېدىم مەنمۇ ئالدىمدىكى قالايمىقانچىلىقنى يۇغۇشتۇرغاچ.
- ھەي، قاراڭ يەھيا، ھەسەلگە ھېلىقى قىزنىڭ گېپىنى دەپ بەردىم، بۇنىڭغا ھېلىقى بالا يەنە ئۇچراپ قاپتۇ قاراڭ كوچىدا!
لەزى يېنىدا ئولتۇرغان يەھيانىڭ قۇلىقى تۈۋىدە بۇگەپلەرنى دەپ بولۇپ، ماڭا كۆز قىسىپ قويدى.
- ھىم.....  بۇ يازغۇچى خېنىمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزىلا بىر ئەسەرغۇ، ئەمما ئۇ بانۇ دېگەن قىز بەك ياخشى قىز. دادىسى ئەينى ۋاقىتتا خېلىلا چوڭ ئەمەل تۇتقان ئادەم، ھازىر پېنسىيەگە چىقسىمۇ تەكلىپ بىلەن ئۇ بۇ يەرلەردە خىزمەتتىكەنغۇ!
- ھەي، ماۋۇ ئۈچىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ گېپى يوقمۇ زادى!
ئىنسان بەزىدە بەك ئىنسابسىز دەيمەن، ھازىرقى كۈنلىرىمىزدىن نارازى بولغاندەك بۇرۇنقى بىر سەلتەنىتىمىزنى ئويلاپ ئاغزىمىزنى تامشىتىمىز، ھەرگىز بۈگۈنكى كۈنىمىزنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى بىز ئەسلەيدىغان كۈنگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۈنتۇپ قالىمىز. ئەسلىمىلىرىمىزمۇ ھەم شۇ. كۈنلەرنىڭ ئاددى ئۆتكىنى بىر بەخت ئىكەنلىكىنى ئەمدىلەتىن ھېس قىلىپ يۈرۈۋاتقان كۈنلىرىمدە ھېلىقى دىيارنىڭ ئۇچۇرى پەقەت ئۈزۈلمىدى. كۆپ ئەمەس، كۈندە بىر پارچىلا ئۇچۇر. بەزىدە ئۇ مېنى بىريەرلەردە كۈزىتىۋاتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. بەزىدە ئۇنىڭ ماڭا بولغان چۈشەنچىسىدىن قورقۇپمۇ قالىمەن، ئەمما مەن ئىزچىل ئۇچۇر قايتۇرۇپ باقمىدىم.
بىركۈنى كېچىسى يېرىم كېچىدە تېلىفونۇمنىڭ دىرىلدىشىدىن ئويغىنىپ، قارىدىم. ئۇنىڭ تېلىفون نومۇرى، ئالايمۇ، ئالمايمۇ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم-يۇ، ئاخىرى ئالدىم.
قارشى تەرەپ ئىنتايىن جىمجىت بىر يەردە ئىدى. ئەمما بىلىنەر بىلىنمەس تىنىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
مەنمۇ ھېچنىمە دېمەي تېلنى تۇتۇپ تۇرىۋەردىم.
ئۇمۇ ھېچنىمە دېمىدى.
تېلنى قويۇۋەتتىم. بىر مىنۇتتىن سەل ئېشىپتۇ.
بۇنداق تېلفون نەچچە كۈندە بىر كېلىدىغان بولدى. مەنمۇ ئېلىپ گەپ قىلماي تۇرىدىغان، ئۇمۇ شۇنداق قىلىدىغان بولدى. ئەمما ۋاقىت ئۇزاردى. بىركۈنى ئىككىمىز ئىككى تەرەپتە گەپ قىلماي بىر سائەت تۇتۇپ تۇرۇپتۇق تېلنى. ئەمدى بېىسىۋېتەي دېيىشىمگە قارشى تەرەپتىن بوم، بوغۇق، ئەمما ئىنتايىن تورلۇق ئاۋاز كەلدى:
- ھەسەل!
-ھە!
ھە دېگەن گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كېتىپ قالغىنىنى بىلەلمىدىم. ئاۋازنى نىجادنىڭ ئاۋازى دەپ بىلىۋالغاندەكمۇ قىلدىم، ئىشقىلىپ جىددىيچىلىكتە تېلنى بېسىۋەتتىم.
نىجادنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم تېلدا ھەسەل! دەپ چاقىرىشىنى ئاڭلىغان كۈنۈممۇ يۈرۈگۈم مۇشۇنداق قالايمىقان سوقۇپ كەتكەنىدى.
داۋامى بار.

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:04:27

كەچتە ۋاقتىڭىز بولسا يەنە بىرەر پارچە يوللىسىڭىز پەيزى ئىش بوپ كېتەتتىدە

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:29:46

نىمە دىگەن يېنىك تىل بۇ ،  ئالدىنقى بۆلەكنى ئوقۇپ بەك كۈلىۋەتتىم....

gulbike يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 20:13:18

مۇشۇ قىزنىڭ ئەسەرلىرى بەكلا ئوقۇشلۇق دەيمەن ...، ئەمىسە ئالدىرىتىۋىرەيلى...:lol
شەھلا ئىككىسنىڭ باش شەكلىنى ئالماشتۇرىۋىلىپ تولا{:136:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:19:08

سوغۇقتا يول مېڭىش خوشياقىدۇ، لىكىن قار-مۇزلۇق يوللاردا تېيلىپ كېتىشتىن ساقلانماق تەسرەك. قايسى چىرايلىق قىز يېقىلىپ كېتەركىن دەپ ئوغرى مۈشۈكتەك تىمسىقلاپ يۈرۈيدىغانلارنىڭ قىززىق يۇمۇرلىرىنى تېخى قايسى كۈنى ئوقۇپ كۈلۈپ يۈرگەن ئىدۇق. يۇسراننىڭ تۇتۇق ھاۋا، قاراڭغۇلۇقنى ياقتۇردىغانلىقىنى ئوقۇپ ئامىرىكىنىڭ  تۇمانلىق، گۇڭگىلىق ئىچىدە ھاۋا ئىچىلمايلا تۈگەپ كېتىدىغان سىرلىق كىنولىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئېسىمدىن كەچتى. كەچتە يول مېڭىشقا خۇشتار بولمىساممۇ قار ياققاندا يوغان چامداپ گۈرۈسىلدىتىپ ماڭغانغا ئامراق. سەللا دېققەت قىلمىسام سېمىرىپ كېتىشكە ئاران تۇرغان قورساقنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ بىر قانچە يىللاردىن توختىماي يېڭىلاپ ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەنگەن قەدىمىي كوچىلىرىنى ئايلىنىپ بىرەر سائەتكە يېقىن مېڭىپتىمەن. چىراق يورۇقىدا بۇ كوچىلار تېخىمۇ جەزبىلىك، سىھرىلىك تۇيۇلۇپ كەتتى. ‹‹مىڭ بىر كېچە›› ھېكايىلىرىدىكى كوچىلار مۇشۇنداقراق بولغىيمىدى دەپمۇ قالىمەن. يۇسراننىڭ ھېكايىسى تازا بىر قانداق يەرگە كەلگەندە تۈگەپ قالغان ئىدى، داۋامىنى ئاتتەك {:92:}بەدەن قىززىتىپ كېرىپ ئارام ئالغاچ ئوقۇي دەپ شۇنچە كوچىلارنى ئايلىنىپ كىرگىچە داۋامى يېزىلماپتۇ.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 07:45:52

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 21:19 static/image/common/back.gif
سوغۇقتا يول مېڭىش خوشياقىدۇ، لىكىن قار-مۇزلۇق يوللارد ...

بىرزاتكامنىڭ بۇنچە لىرىكىلىشىپ كەتكەنلىكىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن ھاھاھا

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 07:49:32

مۇھەببەت ئارمانى توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسەم،
ئەزىزلەرنىڭ بۇ ئەسەرنى ياقتۇرغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەنمەن، ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتەي دېسەم، پېرسوناژ ئىسىملىرى چاتاق قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن باشتىن باشلاپ ئىسىمنى ئۆزگەرتىم يوللاشنى توغرا تاپتىم. ئاللاھ خالىسا ئۆزگەرتىپ يوللىغاچ داۋامىنى چىقىرىۋېتىمەن. بۇ ھەم سىلەرگە ئەھدە بولسۇن، ئۆزۈمگە ۋەدە بولسۇن

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 08:14:38

  دىيار دىگەن بالا بىلەن بىللە يۇرگەن  قىزنىڭ ئىسمىنى باشتا  لالە كىيىن بانۇ  دەپ ئاپسىز.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 08:20:42

ھىم، ئۆزىنىڭ ئىسمى چىقىپ  كېتىپ قالدى، ئۇ قىزنىڭ!
ھازىر شۇ توغۇرلۇق دېيىشىۋاتقانىدۇق،
باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىپ قالمىسۇن،
ئالاھىدە ئەسكەرتىش!
بانۇ نى لالە دەپ ئېلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 09:32:29

ھەركۈنلەر كېلىدۇ كەلگۈسى بولۇپ، ھەركۈنلەر كېتىدۇ ئەسلىمە بولۇپ!
ئەسلىمە بولغان شۇ كۈنلەر ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بايلىقىم بولۇپ قالدى.
نىجاد شۇ كۈنى مېنى بەكمۇ سەھەردە مەكتەپ ياتىقىنىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ قويدى، كەينىدىن يۈك - تاقىلىرىمنى ئېلىپ ياتاققا ئېلىپ چىقتى. قىزلار تېخى ئورۇنلىرىدىن تۇرمىغاچقا نىجاد نەرسە كېرەكلىرىمنى كارىدورغىلا قويدى.
-رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم شوفۇر ئەپەندىم سىزنى! - دېدىم ئۇنىڭ يېشىلغا مايىل قوڭۇر كۆزىگە قاراپ. نېمىشقىكىن بىرىگە گەپ قىلسام كۆزىگە قاراپ گەپ قىلىمەن، بۇ ئادىتىم پەقەت ئۆزگەرمىدى. لەزىگە ئوخشاش كۆزۈمدە ھەممە يەرلەرنى سىكانىرلاپ تۇرۇپ گەپ قىلاي دېسەم گېپىمنى تاپالماي، بىمەنىلىشىپ قالىدىكەنمەن.
- كىرا ھەققىنىچۇ خېنىم؟ - دېدى ئۇ قەددىنى سەل ئېگىپ.
- ۋوي قانچە قېتىم ئالىسىز، دادام بەرگەندۇ؟ - دېدىم مەنمۇ چاقچاق قىلىپ.
- سىزنىڭ بۇنچە جاپا - مۇشەققەتتە ئەكىلىدىغىنىمنى بىلگەن بولسام مەيدەمگە ئۇرۇپ ئالغاچ كېتەي دېمەيدىكەنمەنتۇق!
- خۇش بولۇڭە!
-راست خۇش بولدۇم!
ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئورامى «كۆزىڭىزدىن ئۆزۈمنى كۆرىمەن» دېگەندىكى ۋاقىتتىكىدەك تىترەپ چىقتى.
ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىماقچى بولدۇميۇ، ئەمما سومكىلىرىمنى چەتكە تارتقان بولۇۋالدىم، قىزلارنىڭ ياتاق ئىچىدىن تىۋىشى چىقىۋاتاتتى.
- ئەمىسە مەن قايتاي....
- ھىم، خوش، نادىرەگە سالام دەڭ!
ئۇنىڭ كەڭ يەلكىلىرىگە چاپلىشىپ تۇرغان مايكىسىنىڭ قورساق قىسمىنى دائىم مۇنداق قىلىپ ئالدىغا تارتىپ قويىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.
شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى مۇشۇنداق باشلىنىپ كەتتى.
لەزى ئىككىمىز يەنە شۇنداق بىر-بىرىمىزدىن سايىدەك ئايرىلماي يۈرەتتۇق. ئۇ نەلەردە ئۇسسۇل نومۇرى قويسا مەنمۇ ھەم شۇ يەرلەردە يۈرەتتىم. سىنىپ مەسئۇلىمىز چېچى قىسقا، توغرىسىغا سەمىرىۋالغان، تىلى سېمىزراق ئايال مۇئەللىم ئىدى. بۇ مۇئەللىم لەزىگە خاپا بولالماي بارچە دەردىنى ماڭا سېسىق گەپ قىلىپ تۇرۇپ ئالاتتى.
- سىز بۇ مەكتەپكە ئوقۇغىلى كەلدىڭىز، ئۇسسۇل ئوينىسىڭىز، ناخشا ئېيتسىڭىز كەسپىي مەكتەپلەرگە بارسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەرگە ئىلىم ئالىمەن دەپ كەلگەنكەنسىز، ئوقۇشنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك، ئۇنى ئاز دەپ ئۇسسۇل ئوينىسا چاپىنىنى كۆتۈرۈپ بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن بۇ مەكتەپنىڭ دېپلومى بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر قىزىقىشىڭىز شۇ بولسا ھازىرلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىڭىزمۇ شۇ ئىشلارنى قىلىشقا سەۋىيىڭىز يېتىدۇ. سىزگە مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئىمتىھان نەتىجىڭىزنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەكتەپتىكى ئىنتىزامىڭىز لاياقەتلىك دەپ بېرىدۇ.
ئىشقىلىپ بۇنداق سۆزلەرنى سىنىپتا يىغىن ئاچىدىغان ئىش بولۇپ قالسىلا، بۇ گەپنى قىستۇرىدۇ. ھەتتا كۆچەت تىككىلى چىققاندا، قار تازىلىغاندىمۇ دەيدۇ، بىر قېتىم سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلىپ بولۇپلا يىغىن تۈگىدى دېگەنتى، لەزى ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ،
- گۈلزار مۇئەللىم، ھېلىقى گەپنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزغۇ؟ - دېدى، مۇئەللىمنىڭ چىرايى شاپپىدە ئۆچتى.
لەزى ھېچنىمىدىن يانمايدۇ، نېمانداق قىلىسەن؟ دېسەم:
-قىززىقكەن بۇ خوتۇنمۇ، بىزگە بىر سائەت دەرس بېرىپ باقمىدى، ئىككىمىزنىڭ دەرستە ياخشىلىقىنى بىلىدۇ، ئالدىنقى قېتىم فاكولتېتېتلار ئارا ئۆتكۈزگەن ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى ئېلىپ بەرسەم، بىرىنچى رەتتە چاۋاكنى ئۆلگۈدەك چېلىپ، كاماك چىشىنى چىقىرىپ ئولتۇرۇپ كەتتى، سىنىپقا كىرىپلا يۈزىنى ئۆرىگەن.- دەپ سۆزلەپلا كېتىدۇ.
دېمىسىمۇ شۇ، مېنىڭمۇ قوش تىللىق ماقالەم مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغاندا، مۇشۇ سىنىپ مەسئۇلىمىز بېرىپ ئەكەلگەن، رەسىملەرگە قارىسام بەك خوشال چۈشۈپ كېتىپتىكەن، ئەمما ئىككىمىزنى چېقىۋېلىشنى يەنىلا توختاتمىدى.
ئىشقىلىپ لەزى ئىككىمىزنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش - تۇرىشىمىز بىلەن دەرسلەردىكى نەتىجىمىز ئوڭ تاناسىپ بولغاچقا، سىنىپتىكى قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەرنىڭ بىزگە پىكرى بار، ئەمما دەلىلى يوق.
- يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالمىسا بولاتتى مۇشۇلار ئىچىگە يۈتۈپ دەردىنى جۇمۇ، - دېدى لەزىمۇ بۈگۈن ئىلغار ئوقۇغۇچى بولۇپ سايلانغان گۇۋاھنامەمگە قاراپ.
ئىككىمىز شۇنداق دېيىشىپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئىشىكىنى ئېچىپ تۇرۇشىمىزغا، دىجورنىخانىدىكى ھەدىمىز چاقىرىپ قالدى.
قاچانلا قارىسىڭىز ئۆزىنىڭ پاكار، دىقماق بويىغا چىپپىدە كېلىدىغان قارا كۆك رەڭلىك ئىشتان چاپان كىيىپ، مەيدىسىدىكى ئىزنىكىنى سىڭايان قىلىپ يۈرۈيدىغان، مەڭزى توقاچتەك قىزىرىپ تۇرىدىغان بۇ ھەدىمىزگە ئىككىلىمىز ھەيران بولۇپ قارىدۇق،
-ماۋۇ خەت! - دەپ بىر ئادەمنىڭ بېشى ئاران پاتىدىغان دېرىزىدىن قولىنى ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، يېنىغا باردۇق.
لەزى ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچىدە بولغاچقا، بىزگە خەت يازىدىغانلار يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفون ئومۇملاشقان ياقى كىممۇ خەت يازار بىزگە!
- كىمنىڭكى؟ بىزنىڭما؟ - دېدى لەزى قولىغا كونۋېرتنى ئالغاچ، - ۋوي سېنىڭكىكەن ھەسەل، توۋا، مۇھەببەت خېتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ چاڭتۇ تەلەپ قويىۋاتامدۇ ساڭا نېمە، ئاچە!
ئىككىمىز كارىدوردىكى پەلەمپەينىڭ دالدىسىغا يۆلىنىپ كانۋېرتنى ئاچتۇق، ئىچىدىن بىر پارچە سۈرەتلا چىقتى.
نىجاد ئىككىمىزنىڭ سۈرىتى ئىدى. ھېلىقى يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدا چۈشكەن سۈرەت.
لەزى سۈرەتنى ئىتتىكلا قولىغا ئالدى -دە، ماڭا بىر قاراپ قويۇپ سۈرەتكە قارىدى،
- كىمۇ بۇ؟ سەنما؟ ئاۋۇ كىمۇ؟
بۇنىڭغا مەن غۇلجىدىن كەلگەن يولدىكى ئىشنى مانداقلا دەپ  بەرگەنىدىم. ئەمدى ئىچكىرىلەپ دەپ بەرمىسەم لەزى ساقچىلىق قىلىپ ئىچىمنى سىقىدۇ.
- ھە... ئىش مۇنداق دېگىن،
لەزى مېنىڭ ئىككى سائەت توختىماي ۋالاقشىپ بېرىشىمدىن كېيىنكى تۇنجى ئىنكاسى مۇشۇ بولدى.
- ھە، مۇشۇنداق خېنىم. ئۇف! - دېدىم لەزىنىڭ كارىۋېتىغا رەتلىك يىغىلغان ئورۇنغا ئۆزۈمنى تاشلاپ، ئۆزۈمنىڭ كارىۋېتى ئۈستىدە، كەچ بولمىغۇچە ئۆزۈمنىڭكىگە چىقمايمەن.
جىررىڭ قىلىپ ياتاقنىڭ تېلىفونى سايرىدى. بۇ ئىككىمىز ياتاقنىڭ تېلىفونىنى ئالىدىغانغا شۇنچىلىك قىيىقكىن، ئەيھانناس بەك بەس قىلىمىز، نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز، ئىككىلىمىزنىڭ قولىدا تېلفون بار،باشقا قىزلارنىڭمۇ بار، ئەمما ئۆيىدىكىلىرى بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى نېمە ئىش بولسا ياتاققا ئۇرىدۇ. بىر كۈنى ئالسىڭىز خالتا سالغان، ماشىنا نومۇرى شوپۇرنىڭ ئىسمى دەۋاتقان، خاتا ئاڭلاپ قالماي دەپ دەپتەر ئىزدەپ يېزىپ، ئۇنى ياتاقداشقا دەپ قويمىسىڭىز تېخى بولمىغان، بىرسى تېلفون قىلىپ پالانچى يەدىكى تۇققىنىتىم، كىرسە تېلفون قىلسۇن، تېلفون نومۇرنى يېزىۋېلىڭ دەۋاتقان، ئىشقىلىپ ئىككىمىزدىن باشقا تۆت قىزنىڭ تېلىفونى ياتاققا كۆپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىككىمىز ياتاقنىڭ تېلىفونى سايرىسا جىم يېتىۋالىمىز، ئاخىرىدا لەزى ئالىدۇ.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم
- كىمنى ئىزدەيسىز؟
- كىمۇ؟ ھەسەلنى؟
ئورنۇمدىن دىككىدە تۇرۇپ كەتتىم، مۇشۇ ياتاقتا يېتىۋاتقىلى نەق بىر يىل بوپتۇ، مېنى ھېچكىم بۇ تېلىفون ئارقىلىق ئىزدەپ باقمىغان، مەنمۇ ھەم ھېچكىمگە بۇ تېلىفوننى دېمىگەن. كۆزۈم چەكيىپ قالغان بولسا كېرەك، لەزى شەرەت قىلىپ تېلفوننى ئالە دېدى.
- ۋەي، كىمۇ؟
- سۈرەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟
يۈرۈگۈم شۇنچىلىك قالايمىقان گۇپاڭشىپ سوقۇپ كەتتىكىن، لەزىنى ئاڭلاپ قالدىمىكىن دەپ خۇدۈكسىرەپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ماڭا تېخىچە چېكەتكىدەك قاراپ يېنىمدىلا تۇراتتى.
-ھەئە، ئالدىم.
- سىزدە بىرسى مەندە بىرسى!
-ھە؟
-بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى دەۋاتىمەن!
-ھە....
نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم خۇددى ئۆزۈمنى تۇيۇقسىزلا باشقا بىر بوشلۇق ماكانغا بېرىپ قالغاندەك، ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە چۈشتەك بىلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى ئېنىق ئاڭلىساممۇ، قانداق جاۋاب بېرىشنى ئۆزۈمگە كېلىۋېلىپ ئويلاشقۇچە ئاغزىمدىن ھە دېگەندىن باشقىسى چىقمايۋاتاتتى. قوللىرىم تىترىدى، ئاغزىم قۇرۇپ، كالپۇكلىرىم چاپلاشقاندەك بولدى. توۋا، ئۆزۈم ئەمەسلا بولۇپ قېلىۋاتاتتىم.
- سىزنى سېغىنىپ قالدىم.
- ھە....
- مەن نىجاد!
- بىلدىم.
يۈرۈگۈم دىققەت قىلمىسام كۆكرەك قەپىزىمدىن پۇررىدە قىلىپ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ كېتىۋاتاتتى. يۈزۈم قىزىرىپ كەتكىنى ئۆزۈمگە بىلىنىپ تۇرغاندا، لەزى ئۈستەلدىكى ئاليومىندىن رامكىغا ئالغان تىكلىمە ئەينەكنى ئالدىمغا تارتىپ قويدى. ئەينەكتىن ئۆزۈمنى كۆرۈپ كۈلگۈم كېلىپ، لەزىگە ئالىيىپ قويدۇم-دە، پۈتۈن غەيرىتىم بىلەن:
- باشقا ئىش بارمۇ؟ - دېدىم.
- ئىشىم بولسا يەنە تېلىفون قىلسام بولامدۇ؟
- سورىماي قىپسىزغۇ مانا بۇنىمۇ؟
ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ سەل غەيرەتكە كېلىپ قالدىممۇ قانداق ئەمدى ئەسلىمگە كېلىۋاتاتتىم.
- يانفونىڭىزنى نادىرەگە دەپ بەرگەندە مەنمۇ ئاڭلىۋالغان بولمىسا، ئەمما يانفونىغا سوراپ قىلاي دەپ ياتاققا قىلىشىم.
- قۇلىقىڭىز بىزدىكەنتۇقتە، ماشىنىنى تۈزۈك ھەيدىمەي، شۇڭا 24 سائەتتە ئەكەلدىڭىز بىزنى ئۈرۈمچىگە دېدىم، ئالدىمدىكى ئەينەكنى دۈم قىلىپ، كارىۋات تۇتقۇچىغا يۆلەنگەچ.
لەزى ماڭا قاراپ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى.
- يۈرۈگۈممۇ سىزدە قالغان ئوخشايدۇ..... مېنىڭ..
ئۇنىڭ تىنىقى ئېغىرلاشتى. مېنىڭمۇ ھەم. ئىتتىك تۇرۇپكىنى ئالقىنىم بىلەن ئېتىۋالدىم. يۈرەك سوقۇشۇمنى نىجادنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورققاندەك.
- قەرزدارلىقىڭىز نېمە دېگەن يامان سىزنىڭ، كەچكىچە ئۇچۇ بۇچۇ دەپ سوراپ!
ئاۋازىم شۇنچىلىك نازۇك ئىدىكىن، كۈزدىكى ياپراقتەك تىترەپلا تۇراتتى.
- ھەسەل...
ئۇنىڭ بوم ئاۋازى مېنىڭكىدەك تىترىمىسىمۇ ئاۋازىدىكى شۇ نازۇك ھېسسىيات قىپيالىڭاچ ئىدى.
-ھە...
- رەسىمگە كۈندە قارايمەن.
گەپ قىلمىدىم قولۇمغا سۈرەتنى لەزىنىڭ كارىۋېتى ئۈستىدىكى يەردىن ئاستا ئالدىم.
- مەنمۇ قاراۋاتىمەن.
-ئەمىسە سىزگە ئۇچۇر قىلىمەن.
- ھىم.
-خوش.
-خوش.
تېلىفوننى قويىۋېتىپ بەدىنىمدىكى شۇ لەززەتلىك تىترەشنى پەقەت باسالمىدىم، سۈرەتكە قاراپ كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتتىم.
- بۇ دېلو مۇرەككەپلىشىپ كەتتى ھەسەل!
لەزى ھاجەتخانىدىن چېچىنى ئوڭشىغاچ چىقىپ يېنىمغا كېلىپ دېۋەيلەپ تۇردى.
داۋامى بار.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:58:24

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 07:49 static/image/common/back.gif
مۇھەببەت ئارمانى توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسەم،
ئ ...

يۇسران، ئات. ما تېمىنى يوللىغاندىن بېرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مۇنبەردە قايتىدىن ئېسىل بىر ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغىنىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.
ما تېمىنى تېخى ئوقۇمۇدۇم. نېمىشقا دېسەڭلار، ما يۇسران ئاتقا دەھشەت ئاچچىقىم بار دەڭلار، مۇھەببەت ئارمانىنى شۇنچىلىك ھېرسىمەنلىك بىلەن ئوقۇغانىدىم بىر چاغلاردا، بۇ ئات ئۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى چىقارماي قويدى. شۇ ئاچچىقىمدا ماۋۇ تېمىسىنىمۇ ئوقۇمۇدۇم.:lol قارىسام بۈگۈن مۇھەببەت ئارمانىنىڭ داۋامىنى چوقۇم يازىمەن دەپ ۋەدە بېرىپتىكەن، دەرھال يۈگرەپ كىرىپ ئىنكاس يېزىۋاتىمەن.:lol
ما تېما قاچان ئاخىرلاشسا شۇ چاغدا بىر باشتىن تولۇق ئوقۇيمەن. ماۋۇ ئاتنىڭ تېمىنىڭ ئاخىرىنى چىقارماي قاچىدىغان مىجەزى بارچۇ، شۇنىڭدىن قوقاپ.:P
ئەمىسە جانىم، كۈچنى ئاتتەك يىغىپ داۋامىنى تېزرەك يېزىڭ.:)

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:09:09

Julaliq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 10:58 static/image/common/back.gif
يۇسران، ئات. ما تېمىنى يوللىغاندىن بېرى دىققەت قىلىپ  ...

ھاھا ئوماق جېنىم.
ئاللاھ خالىسا بۇ ئەسەر يىل ئاخىرىغىچە تۈگەيدۇ.
ئاندىن مۇھەببەت ئارمانىنى باشتىن باشلاپ يوللاپ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتىمەن
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11 12 13 14
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)