Return-Death يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 19:31:00

سېكونت ئۆتمەي جاۋاب خەت كەلدى. «ئ.اداش كۆڭلۈم يېرىم، يېقىننىڭ ياقى ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا مەنلا قالغاندەك قىلىمەن»
ئۇنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ ئورنىمدىن تۇرۇپلا پەسكە قارىدىم، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ - بۇنىڭ بىلەن خۇشال سالاملىشىپ، بىردىن ئىككىدىن رەسىمگە چۈشۈپ يۈرۈۋاتاتتى، قانداق ۋاقىتتا يازغاندۇ ما جاۋابنى توۋا يا كاتىپى بارمۇ يا بۇنىڭ!
ماۋۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم... يېنىمدىكى ياتاقدېىشىم توۋا دەپ ياق تۇتتى بولغاي...:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 21:22:00

يۇسران بىلوگىڭىزدىكى مۇھەببەت ئارمانىنى ئۆچۇرۋەتتىڭىزما؟تۇنۇگۇن توغراق مۇنبىرىدىن 16-قىسىمغىچىلا ئوقۇپ ئاخىرىنى تاپالمىدىم.:'(

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 01:42:36

بىر ئادەمنىڭ ئىسمى شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدا بەك مۇھىم رول ئوينايدىكەن، بۇ ئىلىم پەن نۇقتىسىدىنمۇ ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىكەن. ھەرقانداق جىسىمنىڭ ھەتتا ئاۋازنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ماگېنت مەيدانى بولۇپ، قانداق ماگېنت مەيدانى شۇ خىل ھادىسىنى تارتىپ كېلىدىكەن، ئاددىيىسى، ياخشى ئىش تىلىسە ياخشى ئىشنى، ياماننى تىلىسا يامىنى كەلگەندەك. شۇڭا پەرزەنتلەرگە ياخشى بىر ئىسىم قويۇش ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلىدىغان تۇنجى مۇھىم ئىشى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇنداق يەرلىرىنى كەسكىن -كەسكىن، بىلەرمەن تەلەپپۇزدا مۇتلەقلەشتۇرۇپ يازغان بولسا تېخىمۇ پەيزى بولۇپ كېتەتىكەن دەپ كەتتىم مەن.
چۈنكى ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇنداق گەپلەر مەلۇم خىل خارەكتىرىمىزنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 01:49:48

xariqyultuzi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 23:04 static/image/common/back.gif
رەھمەت،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!مەن نىمىمۇ دەرمەن؟!شەھ ...

مېنىڭ پىكرىمگە دىققەت قىلىشنى خالىسىڭىز ئەلۋەتتە خوشاللىق بىلەن بېرىمەن.
نەزىرىم ئۈستۈنمۇ ئەمەس، ئۆزەمگە ياققانغا بەكىراق يېقىنلىشىدىغان بەندىمەن. قېنى تاشلاپ باقمامسىز يازغىنىڭىزنى ئولاش چولاش بىر تەرەپ قېلىۋىتىمىز.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 10:48:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 10:56  

ياشلىقتا قىزلارنىڭ خۇيى غەلىتە بولىدىكەن، بىرسى بىر يىگىتكە كۆيدىمۇ، بولدى ھەممە قىزلار شۇ يىگىتكە كۆيۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ .
بۇ ھىكاينى ئوقۇۋىتىپ بىر ئاغىنەم ئىسىمگە كەپ قالدى نەگە بارسا قىزلار كۆيۇپ قالىدىغان، .
تۇرپاندا ئەسكەرلىككتە تۇرىۋاتقان ۋاقىتلار، بىر ئىكككى ئايدا بىرەر قىتىم كىلىدىغان دەم ئىلىشلاردا، پۇخراچە كىيىم بىلەن ئۇرۇمچى كۆچىلىرىنى چىڭداشنى ئادەت قىلىۋالغان كۇنلەردە ، بىر قىشتا يەنە كۆچا چىڭداشقا ئۇرۇمچىگە چىقىپتۇ ،قىش يوللار مۇز،  مۇزلۇق يولدا غارىت قىلىپلا ئوڭدىسىغا ئۇچىۋاتقان ئۇ ئاغىنىمىزچاققانلىق بىلەن  يىنىدىكى بىرەيلەنگە ئىسىلىپلا يىقىلىشتىن ئامان قاپتۇ، كىمنىڭ قولىغا ئىسلىپتۇ دىمەيسىلەر، ئوتتەك بىر قىزغا،                                                                                    ،( مەن قىزلارنى تەسۋىرلەشكە چولتا بوش ئورۇننى ئۆزەڭلار تولدۇرۋىلىڭلار ، ھەر خىل سۇپەتلەر بىلەن )ئۇ قىزمۇ بوش كەلمەي يولەپلا ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ، يولىسىلا مەيلىتىغۇ، ئىسمىنى سورىغان گەپ. . .. . . . . . . . .
بولدىلا غەيۋىتىنى قىلىۋەرمەي دەم ئىلىشتا تۇرپاندىن قاچىدىغان كۇنلەر شۇ چاغدىن باشلىنىپتىكەن  .
ئۇنىڭ بۇنداق ھىكايىللىرى كۆپ . . . . . . . . . . .. . ،   

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:04:11

ئېكايىنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى كىنو سىنارايسىگە ئوخشاپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدىم.
مەسلەن بەزى كىنولاردا كىيىنكى كۈرۈنۈشكە كېرەكلىك بولدىغان بىرەر پىچاق ياكى ئالما ۋە ياكى……دىگەندەك نەرسىلەرگە  ئالدىن بىر نەچچە سىكىنوت ئالاھىدە كۈرۈنۈش بىرىۋېتىدۇ، بۇ ھېكايىدىمۇ نەچچە يەردا بىر جۈملە سۆزنىئئلدىن مۇنداقلا دەۋىتىپ، كىيىن ئالدىرماي تەپسىلى يۇرىتىپ بېرىدىكەن.
مىنىڭچە يۇسران قىز كىنو سىنارايسى يازسمۇ ئابدان ئىقسادى قىممەت ياراتقىدەك…

RaNa226 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:51:09

ئەسسالامۇئەلەيكۇم .قېرىندىشىم .بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن بۇ .خۇددى مىنىلا مىنىڭ كەچمىشىمنى يازغاندەكلا ،قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپرىن بەكمۇ قايىل بولدۇم،داۋاملىق تىرشىپ تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەر نى ۋۇجۇدقا چىقىرىشڭىزغا تىلەكداشمەن،ئاللاھ يولىڭىزنى ئۇچۇق ،تىنىڭىزنى سالامەت ،بارچە ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن ،داۋامىنى ساخلاپ قالدىم

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 15:38:03

      تۈنۈگۈن ئىزدىنىشنى ئېچىپ قارىسام سەل ئۈستىدىرەك تۇرۇپتىكەن بۇ تىما ، بىر كۆرەپ دەپ ئىېچىپلا ئۇقۇپ كىتىپتىمەن3- بەتتىن باشلاپ.  شۇنداق ئارامخۇدا ئۇقۇۋاتسام تۈگەپ قالسا بولىدۇ، ئەسلى بېشى باركەن ئەمەسمۇ، بۇگەن كىرىپ بېشىنىمۇ ئاخىرىنىمۇ ئۇقۇدۇم.
      شۇنداق يىقىشلىق ھىكايىكەن، ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە.  

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:13:42

يۇسرانگۈلنىڭ يازمىلىرى سەللىمازا پېچەت چىقىدۇ زادى

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 18:46:33

ئىسىل! قېنى داۋاملىق

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 09:20:31

كۈندە نەچچە قارايمەن ، ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمىز ، بۈگۈن يىغىن تۈگسە يازسىز ھەقاچان {:87:}

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 11:31:15

رەببىم، تىلىمغا رەنجىتمەسلىك، دىلىمغا رەنجىمەسلىكنىڭ ئىلمىنى لۇتۇف ئەيلىگىن!
مۇشۇ دۇئانىڭ خاسىيىتىدىكىمىن، مۇشۇ ياشقىچە بىرىدىن قاتتىق رەنجىپ باقماپتىمەن، رەنجىسەممۇ، بىردەمدىلا ئۇنتۇپ قالىمەن، تىلىمنىمۇ كۆپرەك باشقىلارنى مەدھىيلەش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، كۆزلىرىممۇ ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاتۇقچىلىقىنى كۆرىدۇ. ئەمما مەندىكى بۇ خىل ئەھۋال لەزىنىڭ ئىچىنى پىشۇرۇۋاتقىلى خېلى ۋاقىت بولدى. 
- نېمدىگەن دۆت نېمە سەن! ھەممە ئادەملەردىن رەنجىمەي، ياخشىلىقىنى كۆرۈپلا يۈرگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ئەنە ئاۋۇ تېڭىقچىمۇ (نىجادنى شۇنداق دەيدىغان بولىۋالدى بۇ! بولمىسا ئۇ سۆكەڭ بۆلىمى دوختۇرى) قانداق قىلدى؟ شۇنچە ئادەم ئارىسىدىن ھەممىسىنى نېرى تۇر دەپ تاللىغان ئادىمىڭ قانداق قىلدى؟ ئۇغۇ قانداق قىلسا ھايۋان بولغاندىكىن قىلىۋېرىدۇ، ئەمما سەنچۇ؟ تېخى بەخت تىلەپ كېتشلىرىڭنى قانداق قىلاي! مەن ساڭا دېسەم لەزى بۇ دېگەن تۇرمۇش، رېئال، رەھىمسىز تۇرمۇش! سەن كىتابتا ئوقۇۋالغىنىڭدەك، كىنودا كۆرۈۋالغىنىڭدەك ئۇنداق كۈل قىز مەلىكە بولىدىغان چۆچەك ئەمەس بۇ! كورىيە فىلىملىرى ئەمەس يا سېنىڭ قۇربانلىقىڭ نەتىجىسىگە يەنە بىرى دىككىدە كېلىپ بېشىغا ئالىدىغان، ئۆزۈڭنىڭ قەدىر قىممىتىنى شۇنداق نەپرەت، غەزەپ، ۋە ياكى ئۆچمەنلىكىڭ بىلەن بىلدۈرمىسەڭ خەق سېنى ئانىي تېپىۋالىدىغان جەمئىيەت ماۋۇ!
لەزى بۇ گەپلەرنى ماڭا نىجاد توي قىلىۋالغاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە يۈز قېتىم دېدى دېسەم لاپ ئەمەس! ھەر قېتىمدا مۇشۇنداق ھاياجاندا، جىددىيچىلىكتە، قانداقتۇر بىر خىل كىرزىس تۇيغۇسىدا دەيدۇ، مەن بولسام خۇددى باشقا بىر ئادەمنىڭ گېپى بولىۋاتقاندەك ئۇنىڭغاقاراپ تۇرۇپ كېتىمەن، بەزىدە سورايمەن:
- ئاداش، مۇشۇ گەپلەردىن زېرىكمىدىڭمۇ؟
-ئۇف، سەن ئاڭلاپ زېرىكمىگەن بىلەن مەن زېرىكىمەن، ھەرقېتىم ئەمدى ساڭا مۇشۇ گەپلەرنى دېسەم تېڭىقچى بولۇپ كېتەي، دەپ قەسەم قىلىمەن، ئەمما سېنىڭ مۇشۇنداق ھالىتىڭنى كۆرسەم ئۆزۈمنى باسالماي دەپ سالىدىكەنمەنغۇ، داۋۇخور بولغاندىكىن مەن. ساڭىغۇ پىت چاققانچىلىك بولمايدۇ بىلىمەن. ئەمما ھەسەل ئويلانغىن، سېنى قانداق كۈنگە قويدى؟ خەقلەر نېمە دېدى سېنى بىلەمسەن؟ بەزىلەر سېنىڭ ئىسمىڭنى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئورنىدا قوللىنىۋالغاندۇ ھەقىچان. ئىشقىلىپ ئېتىگىڭ ئوتلۇق قىزبالا ئۆزۈڭ، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا ئويۇن قويماي، تۈزۈك ياشىغىن، سەندىن خۇش بولاي.
دوست دېگەن ئاجايىپ نەرسە! مۇھەببەتكە ئوخشاشلا ئالەم بىلەن تەڭ پەيدا بولغان نەرسىمىكىن دەيمەن! قۇدرىتى شۇنچىلىك كۈچلۈك، ھېچكىم ئىجاد قىلغان ئەمەس، ۋە ياكى ھېچكىم نابۇت قىلىۋېتەلمىگەن. لەزىنىڭمۇ بېشى بەك ساق ئەمەس بولمىسا بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە، يەھيا ئەپەندىممۇ ئىككى ئۈچ كۈندە بىر كىچىك مەسىلە، بىر ھەپتىدە بىر چوڭ مەسىلە چىقىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ئۇ ھەرگىز كۆرۈنمەيدۇ. ماڭا نەسىھەتنى بەك قىلىدۇ، ئۆزىگە كەلگەندە باھانىلار دېگەن كۆپ. قىزلار بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ، قۇلاق پاڭ، كۆزى قارىغۇ بولامدىغاندۇ - يا؟
بۇ پاراڭلار لەزىنىڭ ئۆيىدە بولىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ نەۋرە ھەدىسى تۈركىيەدىن زىبۇ - زىننەت ئەكەپتىكەن، شۇنى كۆرگىلى كەلگەن بىر نەچچىمىز، قىزلار ئالىدىغاننى ئېلىپ قايتتى، لەزى ئىككىمىز يەنە ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، لەزىنىڭ كۆزى ئاغزى ئوچۇق تۇرغان سومكامنىڭ ئىچىدىكى چىلانرەڭ خاتىرە دەپتەرگە چۈشۈپ قالدى - دە، يېڭى قۇرۇقلۇق بايقىغان ئادەمدەك كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
- لەزى، ساراڭمۇ سەن! ئەمدى دىن تارقاتقۇچىلار ساماۋى كىتابلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەندەك سەنمۇ بۇ ئەخلەتلەرنى يېنىڭدا ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ كەتتىڭما؟ توۋا! سەن ساقىيىپ  بولالمىغۇدەكسەن!
لەزى كىرىسلوغا بىر تىزىنى قويىۋېلىپ، يېنىدا ئولتۇرغان ماڭا ھەدەپ سۆزلىگەچ خاتىرىنى پۇلاڭلىتىۋەردى. ئىچىدىن بىر پارچە رەسىم چۈشتى. لەزىگە قارىدىم، ئۇ ماڭا شۇنداق بىر ئالايدىكىن، رەسىمنى دەسسەپ ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. قۇچىقىمدىكى سومكامنى يانغا ئالدىمدە، ئاستا ئىڭىشىپ سۈرەتنى ئالدىم. بۇ نىجاد ئىككىمىزنىڭ تۇنجى بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى. خىيال كەپتىرىم يەنە شۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا كەتتى.
- نېمىدىگەن چىرايلىق!
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار شۇنچىلىك يورۇق، نۇرانە، چاقناق ئىدىكى، يۇلتۇزلارنىڭ راستلار ھېلىقىدەك نۇر چىقىرالايدىغانلىقىنى مەن پەقەت كىتابلاردىنلا ئوقۇپ ئۆزۈم تەسەۋۋۇر قىلىۋالاتتىم. كېچە بولسىمۇ بۇنچە سۈزۈك ئاسماننى، سۈزۈك ئاسمانلاردىكى سانجاق سانجاق يۇلتۇزلارنىڭ بۇنداق جىمىرلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانلىقىمدىن ئاۋازىم سىرتقا چىقىپ كەتتى. گەرچە ئۆزۈم ئورۇندۇققا يۆنىلىپ بېشىمنى ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىككە يۆلەپ ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرغان بولساممۇ، بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەي دېرىزىدىن قاراپ كېتۋاتاتتىم.
- قولىڭىزنى چىقىرىپ تۇتۇپ بېقىڭە!
ئىشىنىمەنكى بۇنى نىجاد ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىغا قاراپلا دېدى.
- كىچىك بالا بولمىسام مەن! - دېدىم مەنمۇ مىت قىلىپ مىدراپمۇ قويماي.
- ئەپسۇس، كىچىك بالا ئەمەستە بىز!
ئۈندىمىدىم، ساراڭ بولمىسام ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل چالىدىغان.
-ئەمەلىيەتتە سىز بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئىشقا ئىشىنىشىڭىز كېرەك، - دەپ گەپ باشلىدى ئۇ گەپ قىلمىغىنىمنى كۆرۈپ، - يۇلتۇز ئادەملەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. سىز ئۇنى تۇتۇپ باقسىڭىز ھېچنىمە بولمايدۇ!
مۇشۇنداق ئادەمنى جىلى قىلىدىغان بالا بۇ!
- سىزنىڭ نەرىڭىز خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان دەيمەن، پەلسەپەلىرىنى قانداق قىلاي، ھازىرقى مەسىلە يۇلتۇزلارنىڭ خالاش مەسىلىسى ئەمەس، مېنىڭ تۇتۇشقا قۇدرىتىم يېتىش يەتمەسلىك مەسىلىسىدە! -دېدىم ئورنۇمدىن تىك بولۇپ ئۇنىڭغا قاراپ. ئۇ يەنە بايامقى گەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقمىغاندەك خىيالىي ھالەتتە.
- خەنزۇ تىلىدا ئوقۇسا نېمە بوپتۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئەنگىلىز تىلىدا ئوقۇغان ئادەمنى مەسخىرە قىلماي، مۇشۇ خەنزۇچىدا ئوقۇغان ئادەم سىزدەك زىيالىي قىزچاققا غەلىتە كۆرۈنۈپ كېتىدۇ، ئەنگىلىزچە سۆزلىسە ھەۋەس قىلىسىز، خەنزۇچە سۆزلىسە رەنجىيسىز!
ئالىيىپ قويۇپ ئەسلى ھالىتىمگە قايتتىم.
- مەن مەسخىرە قىلمىدىم شۇ ھەيران قالدىم.
- ھەيران قالغان بىلەن مەسخىرە قىلغان چىراي ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ خېنىم!
يەنە يۇلتۇزلارغا قاراشنى باشلىدىم.
شۇنچە يىراقتىكى يۇلتۇزلار راستلا كۆز قىسىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. قولۇمنى تېشىغا چىقىرىپ بېقىشنى ئويلىساممۇ، بۇنىڭ مېنى مەسخىرە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ جىم ئولتۇرۇۋالدىم.
نىجاد مەن تەرەپتىكى دېرىزىنى يېرىم چۈشۈرۈپ قويۇپ، ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى.
- قولىڭىزنى چىقىرىپ تۇتۇپ بېقىڭە، ھېچنىم بولمايدۇ، تۇتقاندەك بولسىڭىز، شۇنى ھېس قىلسىڭىز بولىدىغۇ، ھەممە نەرسىنى چوقۇم ئالقىنىمىزغا ئېلىۋالساقلا خۇش بولىدىغان ئىش بولسا، كۆرەلمەي تۇرۇپ، تۇتالماي تۇرۇپ بىز بىللە كېتىۋاتقان نەرسىلەرنى قانداق ھېس قىلاتتۇق.
گەپ قىلغۇم كەلمىدى.
نىجاد ماشىنىنى چوڭ يولدىن چەتنەپ، ياندىكى بىر يانداش يولغا ئېلىپ كىردى-دە، توختاتتى. نېمە بولغىنىنى سوراپ بولغىچە، ماشىنىدىن چۈشۈپ مېنىڭ ئىشىكىمنى ئاچتى.
-چۈشۈڭە،
- نېمە بولدى؟ نە بۇ!
-دېگەن يەرگە كەلدۇق.
- نېمە؟ نېمە دېگەن يە بۇ! - كەينىمگە قاراپ نادىرەدىن ياردەم تىلىمەكچى بولدۇميۇ، ئەمما نىجادتىن ئېھتىيات قىلىپ كەينىمگىمۇ قارىيالمىدىم.
- ھىڭ!
نىجاد شۇنداق بىر كۈلۈپ قويدىكىن، كاللامدا ھەرخىل ئېچىنىشلىق قاباھەتلىك كارتىنىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەلدى. ئىسىت، فىلىملاردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ياخشىسى بېشىمغا كەلمىگىنى بىلەن مۇشۇنداق قاباھەتلىكلىرى مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىكەندە....
ئىشقىلىپ نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىمكىن بىلمەيمەن... نىجاد قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- ۋاي چۈشۈڭە، سىزنى بىر نېمە قىلىپ قۇتۇلۇشقىلى بولامتى، ئاڭغىچە نادىرەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ۋايجان، يەنە مۇشۇ يەردە توختاپسەنغۇ،
نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، ئىككىسىگە قاراپ ئۈلگۈرۈپ بولالماي قالدى.
- ھەر قېتىم مۇشۇ يەردىن ئۆتۈش توغرا كەلسە، ئاسماننى رەسىمگە تارتىدىغان ساراڭ خەنزۇۋان بۇ! نېمىسىنى تارتىدىكىن، - نادىرە ئاغرىنىپ پۇتىنى سۈرگىنىچە يەرگە يېرىم چۈشتى. نىجاد ئارقا ساندۇقتىن ئاپپاراتىنى ئېلىپ تەييار بولدى.
ئىچىمدە بىر ئۇف دېدىمدە، چاندۇرماي ماشىنىدىن چۈشتۈم.
ئاسمان شۇنچىلىك تۆۋەندە ئىدىكى، قولىڭىزنى سوزسىڭىزلا يۇلتۇزلارنى يۇلۇۋالىدىغاندەكلا.
نىجاد غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ، ئاسمانغا قاراپ ئاستا ئاستا پېقىراۋاتاتتى.
- سىزمۇ قىلىڭە، - دېدى نادىرە، - بەك پەيزە بولىدۇ، يۇلتۇزلار يېنىڭىزدىكىدەك ھېس قىلىسىز ئۇچۇۋاتقاندەك.
بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئاستا ئاستا پىرقىرىدىم.
ۋاھ! راستلا پەيزە بولىدىكەن. پىرىقىرىغاچ قولۇمنى سوزۇپ يۇلتۇزلارنى تۇتماقچى بولاتتىميۇ، ئەمما ئۆزۈمنى شۇ يۇلتۇزلار ئارىسىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
چاراس!
نادىرە قولىدىكى ئاپپاراتتا تارتتى.
كېيىن كۆردۈمكىن، مەن ئاسمانغا قاراپ تۇرغان، نىجاد كەينىمدە ماڭا قاراپ تۇرغان، كەينىمىزدە بولسا كەڭ كەتكەن ئۇپۇققا تاقاشقان ئاسمان، ئاسماندا يۇلتۇزلار، ھېچكىمنىڭ يۈزى ئېنىق چىقمىغان، ئەمما شۇ قىياپەت، شۇ تىنىق، شۇ مۇھىت بىزگە ھەممىنى دەۋاتقاندەك.
داۋامى بار.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 12:30:40

ھەقىقەتەن قىزىقىپ ئوقۇغۇدەك يازمىلاركەن،قولىڭىزغا كەلمىسۇن دەرت!!!!!!!

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:09:08

- لەزى، ساراڭمۇ سەن! ئەمدى دىن تارقاتقۇچىلار ساماۋى كىتابلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەندەك سەنمۇ بۇ ئەخلەتلەرنى يېنىڭدا ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ كەتتىڭما؟ توۋا! سەن ساقىيىپ  بولالمىغۇدەكسەن!

يازما بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، كېنو كۆرگەندەك ھېسىياتتا ئوقۇۋاتىمەن، داۋامىغا تەشنامىز.
ئاۋۇ دىيالوگدىكى لەزى،  ئەسلى گۈلھەسەل غۇ دەيمەن ھە؟

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 15:20:23

nijat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 15:09 static/image/common/back.gif
- لەزى، ساراڭمۇ سەن! ئەمدى دىن تارقاتقۇچىلار ساماۋى كىت ...

رەھمەت نىجادكا.
شۇ يېرىدىكى لەزى دېگەن سۆز ئارتۇقچە كېتىپتۇ.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 16:55:55

- سېنى ئەسلەش سېنى سېغىنىشتىن زەرداپ بولغان يۈرۈگۈمنىڭ بىردىنبىر ئارامى
                                                                                                                      __ مۇھەببەت ئارمانى دىن
بىرىنى ئەسلىمەي ئۆتمۈشنى ئەسلىمەي ياشايدىغانلارغا ئاجايىپ ھەۋىسىم كېلىدۇ. ئەتراپىمدا شۇنداق دوستلىرىم بار. مەسىلەن ئايچېھرە. ئۇ ئاغزىدا ئۆزىنى ئىنتايىن بىر ئازابلار قوينىدا ياشاۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىيۇ، ئەمما ئىچى قۇپقۇرۇق، لەزىنىڭ گېپى بويىچە ئۇنىڭ يۈرىگى يوق، شۇڭا تۇيغۇسى يوق، تۇيغۇسى بار قىياپەتتە ياشايمەن دەپ قىينىلىپ، ئازابلىق بولىۋالىدۇ.
يۈرۈگۈمنىڭ لىققىدە سېغىنىشقا تولغانلىقىنى، ياق، سېغىنىش دەپ ئېتىراپ قىلىشتىن قورقىدىغان شۇنداق بىر ھېسسىياتقا تولغانلىقىنى ئۆزۈممۇ ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدۇ، نىجاد دېگەندەك بەدىنىمنىڭ مەلۇم يېرىدىكى كۇنۇپكا بېسىپ قويۇلغاچقا، ئەتراپىمدىكى مۇھىتقا قارىتا ئىنكاس بېرىپ ياشاۋاتقاندەكلا. بەزىدە ئۆزۈمدىن گۇمالىنىپ قالىمەن، ئەينەككە قارايمەن، كۆزلىرىمگە قارايمەن،
«سۈزۈك چىراي خېنىم، يۈزىڭگە ياراشقان كۆزۈڭدىن ئۆزۈمنى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە پۈتۈن دۇنيانى» دەيتتى نىجاد.
بەزى كۈنلىرى ئورنۇمدىن تۇرىمەنكى، ئەيھانناس، ئۇنى سېغىنىپلا تۇرىمەن، قەلبىمدىكى دولقۇنلىنىپ تۇرغان سېغىنىش ئوتلىرىنى، تىنىقىمنى يۇتۇپ ئىچىمگە تىنىپ تۇرۇپ، ئۆيدىن ئاران چىقىۋالىمەن، ئىدارە بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى خېلى بار. مېڭىپ بارىمەن. بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئەركىن مۇھىتىم. قىش بولغاچقا ھەممە ئۆزىنىڭ يولىغا ئالدىراش، مەندەك ھەممە يېرىنى ئورىۋالغان، كۆزلىرىدىن ياشلار توكۇرلاپ چۈشۈۋاتقان قىز بىلەن كىمنىڭ كارى دەيسىز!
بۈگۈنمۇ نىجادنى سېغىنىش كۈنى بولدى. خىزمەتتىن بالدۇرلا قايتتىم. ئۇنى مۇشۇنداق سېغىنغاندا ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىمەنكى، بىر تۆشۈك بولسا كىرىپ، پەرياد ئۇرۇپ يىغلىۋالسام، ئۇنىڭدىن كېيىن نىقابىمنى كىيىپ يولۇمغا ماڭسام دەيمەن. ئەمما ئۇنداق تۆشۈك ماڭا ئاشمايدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا چاپىنىمنى ئېلىپلا ئىشخانىدىن يېنىپ چىقىپ پىيادە ماڭدىم.  ئۆرتىنىپ تۇرغان يۈرۈگۈم بىلەن تەڭ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ شۇنداق يىغا تۇتتىكى، ئۈنسىز يىغامدىن دەرمانسىزلىقىم، ئىمكانسىزلىقىم، ئىلاجىسىزلىقىم قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى، تۇرقىنى، كۈلۈشلىرىنى، كۆزلىرىنى شۇنچىلىك سېغىندىمكىن، يۈرۈگۈم كۆيۈۋاتاتتى. ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمگە ئامال يوق. ئۇ دۇنيادا كۆرۈشەرمىز دەيدىكەنسىز، ئەمما شۇنچىلىك سۆيۈشكەن، كۆيۈشكەن ۋەدىلەشكەن ئادىمىڭىز بىلەن بىر شەھەردە تۇرۇپ، سېغىنغاندا كۆرەلمىسىڭىز، كۆرۈشكە ئامالسىز قالسىڭىز مەندەك كوچىدا يىغلاپ ماڭماي ئامالىڭىز يوق ئىكەن. قىشتا بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ، نېمىدىگەن ياخشى، مېنىڭ بۇ كۆڭلۈم ھېچقانداق بىر ئوچۇقچىلىقنى، يورۇقچىلىقنى كۆتۈرەلمەيدۇ، مۇشۇنداق خىرە شىرەگە كۆنۈپ قالدى. ئالدىمدا ئېغىر گەۋدىسىنى ئاران سۆرەپ كېتىۋاتقان سېرىق ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىدىن ئۇنىڭ ئىغاڭشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ قېتىپ قالدىم بولغاي، بىرى ھاي دەپلا يانغا تارتتى.
- ساراڭمۇ ما قىزبالا!
ھەممە يېرىمنى يىڭنە ئۆتمىگۈدەك قىلىپ ئورىۋالغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇلاقمۇ ياخشى ئەمەس قىشنىڭ كۈنى، شۇڭا ئاپتوموبىلنىڭ سېگنالىنى بىلمەي قالغان چېغىم، لېي فىڭدىن بىرى چەتكە تارتتى. يىغلاپ ماڭغاندا بىرسى ئۇچرىمىسىكەن دېسە، ئۇيغۇردىن بىرىكەنغۇ، شۇڭا بېشىمنىمۇ بۇرىماي، ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەردىم.
-ھەي... ھەي!
ساراڭمۇ نېمە؟ نېمىگە ۋارقىرايدۇ. ياشلىرىمنى سۈرتۈپ يالغاندىن يانفونغا قارىۋالغان بولۇپ قەدەملىرىمنى شۇنداق تېزلىتىشىمغىلا گوملا قىلىپ يىقىلدىم. بۇ يىل قىش مەن يەردىن بەك تولا تاياق يېدىم.
- تۇرۇڭە،
بىرى قولتۇقۇمدىن تارتتى. ئىززا كۈچىدىنمۇ بىلمىدىم لىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. دوپپامنى پەسكە مۇشۇنداق سېرىشىمغا ھېلىقى بالا، ئىسمى نېمىتى دىيار، ئۇ  بالىمۇ مېنى كۆرۈپ كۆزى چەكچىيىپ چىقىپ كېتەي دېدى.
قولۇمنى ئۇنىڭ يېشىلغا مايىل خۇرۇم پەلەي كىيىۋالغان قولىدىن سىلكىپ دېگۈدەك چىقاردىم ئالدىمغا مېڭىۋەردىم.
ھەنىم بولسا، ئەمدى كەينىمدىن ماڭمىدى، نېمە كەچكىچە مۇشۇ بالىغا ئۇچراپ قالىدىغاندىمەن، تازىمۇ بىر. ئۈستى بېشىمنى بىرەر قۇر قېقىشتۇردۇم. ئاق چاپىنىم، قىزىل ئىشتىنىم، ئەترەڭ قېلىن ئايىقىم بىلەن بەك چاقناپ كەتكەن بولسام كېرەك دەپ ئويلىدىم ئىشتىنىمنى قېقىشتۇرغاچ.
- ما تېلىفون كېرەك ئەمەسمىتى يا؟ ماڭا قەستەن تاشلاپ ماڭغانمۇ؟
تازا ئىڭىشىپ پۇشقۇقۇمنى ئوڭشاۋاتقاچقىمىكىن، بۇ ئاۋاز ماڭا شۇنچىلىك ھەيۋەت ئاڭلىنىپ كەتتىكىن، چۆچۈپ كەتتىم، ئاستى قېلىن بۇقۇشلۇق قارا رەڭلىك تەتۈر خۇرۇم ئاياقنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم جىغ قىلدى، نىجادنىڭ ئەڭ ئامراق ئاياقلىرىدىن بىرى، بېشىمنى شۇنچىلىك ئىتتىك ھەم تۇيۇقسىز كۆتۈردۈمكىن،  بېشىنى پەس قىلىپ مېنى تۇرغۇزماقچى بولۇپ تۇرغان ئۇ بالىنىڭ تۇمشۇقىغىلا ئۈسسۈپتىمەن.
- ئىم.
مۇشۇ ئاۋازلا چىقتى، قارىسام شۇ بالا، قولىدا تېلىفونۇم، تېلىفوننى يۇلۇپ دېگۈدەك ئالدىمدە ئالدى ئارقامغا قارىماي كەتتىم.
مۇشۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئارامخۇدا ئازابلانغىلى بولمايدۇ، يا بىر ئازادە يوللار  ئېتىزلىق ئېدىرلىقلار يوق، يېزىلاردا كۆڭلى يېرىم بولسا ئېتىز بېشىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ يىغلىۋالسىمۇ، خىيال سۈرۈۋالسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ شەھەردە مۇشۇنداق ئۇ ئۇچرىمىسا بۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئازابلىرىم نەلەرگە كەتتىكىن، ئۇدۇل ئۆيگە قايتتىم.
ئۆي ئاجايىپ جەننەت كەبى ماكان. مۇشۇنداق مىغ مىغچىلىق شەھەرنىڭ بۈگۈنكىدەك سوغۇقىدا ئۆيى يوق بىچارىلەر قانداق قىلىدىغاندۇ؟ دادام دەيتتى، قىشتا نامرات بايلىق بەك چانىدۇ دەپ، ئۆيگە كىرىپ ئاپامنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن نارىنىنى يەۋاتسام، تېلىفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى.
ئۈندىدار ئومۇملىشىپ كەتكەن كۈنلەردە بانكا بىلەن تېلىگرافتىن كەلمىسە بۇنداق يانفون ئۇچۇرى ھەرگىز شەخستىن كەلمەيدۇ، شۇڭا كارىم بولماي ت ۋ گە قارىغاچ تامىقىمنى يەۋەردىم. تېلىفونغا ئۇچۇر كەلسە دىڭ قىپلا بىر سايرايدۇ، ئاندىن كۆرمىسىڭىز مەن كەلگەنتىم دېگەندەك قىلىپ يەنە بىر دىڭ قىلىپ قويىدۇ. دىڭ، ۋوي بۈگۈن باشقىچىغۇ، بەك كۆپ ئەسكەرتىش بېرىپ كەتتىمۇ قانداق دەپ، زەرەتلەۋاتقان يەردىن ئېلىپ كىرىسلوغا چۆكتۈم.
- ئاق بايراق!
بۇ بىرىنچى ئۇچۇر. ناتونۇش بىر نومۇردىن.
- ئۆزۈم قىزىل پاچاق!
بۇ ئىككىنچى ئۇچۇر.
ۋوي كىمۇ بۇ!
- كەچۈرۈڭ، مەخپى ئېغىز شىفىرى خاتا بولغانلىقتىن، ئۇچۇرىڭىزنىڭ يوللىنىشى مەغلۇب بولدى!
مۇشۇنى ئەۋەتىپ قويدۇم.
- ئۈچ د كۆزەينەك!
- خاتا!
- كولا!
- خاتا!
- ئەرلەر ھاجەتخانىسى!
- كىرگۈزگەن خاتا جاۋاب سانى چەكتىن ئېشىپ كەتتى، 24 يىلدىن كېيىن قايتا سىناڭ، رەھمەت، خەير - خوش!
- بۈگۈن خۇش بولدۇم!
ئۇنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاب يازغۇم كەلمىدى، راست گەپ قىلسام نېمە دەپ يېزىشنى بىلمىدىم! بەلكىم لەزى دېگەندەك بۇنداق قالايمىقانچىلىقلاردىن نېرى تۇرۇشۇم كېرەكتۇ، گەرچە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىمۇ يېتەرلىك رەتلىك بولمىسىمۇ!
داۋامى بار

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 16:56:16

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:50:24

مەشكە ئوتنى راسا قالاپ قويۇپ، يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن. ئېسىل!!!:)

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 22:03:13

باشتا خېلى ئىتتىك ئىتتىك يېزىۋاتىتىڭىز ، بارغانچە ئاستىلاپ كەتتىڭىزغۇ .   بۇ قېتىممۇ بىر پارچىنى ئىككى يوللاپسىز ، بىرسىنى ئوقۇپ بولۇپ ، ئاستىدىكىنى كۆرۈپ ۋاھ ، دەپ قارىسام ئوقۇپ بولغىنى شۇكەن .

مىسىلدىماي تىزراق يازسىڭىزچۇ ...

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 22:42:24

ئۈرۈمچىدە ئارامخۇدا ئازاپلانغىلى بولمايدۇ دېگەن گېپىڭىز ئاجايىپ چىقىپتۇ.ئادەتتە ئارامخۇدا دېگەن گەپ ئىستىراھەت يوسۇنىدىكى ئىش-پائالىيەتلەرنى تەسۋىر قىلىشتا كۆپ قوللىنىلغاچ مەسىلەن ئارامخۇدا پاراڭلىشىش ،ئارامخۇدا دەم ئېلىش ،ئارامخۇدا كۆڭۈل ئېچىش،سەيلە قىلىش دېگەندەك.....ئازاپلىنىشقىمۇ ئارامخۇدا دېگەن سۆز ئىشلىتىلىسە بۆلەكچە غەيرى تۇيۇلىدىكەن ئادەمگە يېڭىچە .
دېگەندەك ئادەم بەزەن ئۆزى خوش بولىدىغان ئىشلارنىلا ئەمەس ئۆزى ئامالسىز قالغان بەزى ئازاپلىق ئىشلارنىمۇ ئارامخۇدا قىلىشنى خالايدىغان بىر كەيپىياتتا بوپ قالىدىكەن.
بۇرۇن نەدە كۆردۈم بىر يەردە ئادەم ئۆزى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىش ئەمەس بەلكى نېمىنى قىلىشنى خالىمىسا شۇنب قىلماسلىق ھەقىقىي ئەركىنلىكتۇر دەپ كۆرگىنىم يادىمدا
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11 12 13
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)