yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:28:49

قىزلارنىڭ ئىشى تولا. گۈلرەيھاننىڭ تويىنى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم قىلىپ يولغا سالساقمۇ بىر ئاي بولا بولماي ئۈندىداردا ئوپچا باغاقتىن بىرنى ئەۋەتىۋەتتى.
-سۆيۈملۈك گۈزەل دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم سىلەرنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ، توي دەينى كۆرۈپ كېتىشكە ئالاھىدە تەكلىپ ئېتىمىز، ئېرىم ئىككىمىز جۇمۇ، باشقا ئىشىم بار دېگۈچىلەردىن سەت خاپولىۋېتىمەن. ما يولدىشىم دەيدۇ، دوستلىرىڭىز بەك ئېسىلكەن، ياخشى مېھمان قىلىۋېلىڭ دەپ، ئەمىسە مۇبارەك قەدەملىرىنى ئاياشماي، ۋاقتىدا كېلىپ بەك كەچ قالماي ئۇزۇشالا ھە!
مانا! ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بىر - بىرلەپ توي قىلدى، بەزىلىرى ئاجراشتى، يەنە توي قىلدى، توي قىلمىغانلار پەيلاسوپ بولاي دېدى. بالىلىرى ئىككىگە يەتكەنلەرمۇ بولدى. بەك جىق توي، تۇغۇت يوقلاش، ئۆي مۇبارەكلەش، ئىشقىلىپ بەك جىق ئىشلارغا قاتناشتىم، چەتئەلگە چىقىپلا كېتەي دېسەم بەك زىيان تارتامدىم نېمە؟
گۈلىرەيھاننىڭ بىرىنچى يولدىشى بىزنىڭ ساۋاقدىشىمىز ئىدى. شۆھرەت بەك ئېسىل بالا. ئىشقىلىپ مەن شۇنداق قارايمەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا فىزىكا پەندە ئىنتايىن ئەلا بۇ ساۋاقدىشىمىز ئۆزىنىڭ مىجەزىنىڭ ئېغىرلىقى، گەپ سۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن قىزلارنىڭ ھۆرمىتىدە ئىدى. ئەمما گۈلرەيھان سەنئەت جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مەكتەپكە بىكارغا بېرىپ كېلىۋاتقانلاردىن ئىدى. ئۆزى چىرايلىق، ئەمما مىجەزى ياخشى ئەمەس بىر قىزتى ئىشقىلىپ، قاچانلا قارىسىڭىز خادانىدەك ئۆڭۈپلا يۈرگىنى يۈرگەن بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسىلا. ئاپىسى بىر ئارتىس ئىشقىلىپ، ئۆمەكتە ئىشلەيدىغان.
بۇ قىز ھەممە ئادەمگە بىشەملىك قىلالىسىمۇ مۇشۇ شۆھرەتكە كەلگەندە شۇنچىلىك مۇلايىملىشىپ كېتەتتى. دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالسا، شۆھرەت.. دەپ ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ بولغىچە بېشىنى دىككىدە كۆتۈرۈپ چاچلىرىنى ئوڭشاپ بولاتتى بۇ بايقۇش، شۇنداق، بۇ شۆھرەتكە ئاشىق ئىدى. ئەمما شۆھرەت راھىپلاردەكلا بىر بالا. قىزلارغا ئۇدۇلمۇ قارىمايدۇ. گەپ بولسا دەپلا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ. پەقەت فىزىكا دەرىسىدە، ماتېماتىكا دەرسلىرىدە ئانچە مۇنچە مۇنازىرىلەشكەندە مەن بىلەن روبىرو دېيىشىپ قالاتتى. ئادەتتە ئۇدۇل كەلسەكمۇ سالام قىلمايدىغان بۇ بالا، فىزىماتتىكى بىرەر مەسىلە ئۈچۈن ئالايىتەن يېنىمغا كېلىپ:
- ئاياققىراق سۈرۈلۈڭە، - دەپ يېنىمغا كېلىپ  ئولتۇرۇپ مەسىلە ئىشلەپ كېتەتتى. بېشىدا مەنمۇ ۋاي ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق دەپ نورمال گەپ قىلىۋەردىم، كېيىن ئاڭلىسام لەزىدىن، گۈلىرەيھان مەندىن بەك خاپىمىش، شۇڭا بۇ قېتىملىق يېڭى يىللىق پائالىيەتتە ماڭا قوشۇپ لەزىنىمۇ ساندىن چۈشۈرۈپ قويۇپتىمىش.
- ۋوي نېمە بولغان ئادەم مەن؟! بىكار بىكاردىن، ئۇ بالا بىلەن نېمە ئىشىم مېنىڭ! قىززىق، قاتناشمىساق قاتناشمىدۇق!
شۇنداق قىلىپ ئۇ يىللىق يېڭى يىللىق كونسىرتقا بىزقاتناشمىدۇق، ئەمما يېڭى يىل كۈنى ئاجايىپ بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى ئۆزۈمنىڭ بىر قېتىملىق سۈيقەستنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئىشقىلىپ يېڭى يىلدىن كېيىن شۆھرەت ماڭا گەپ قىلمايدۇ، ئەمما گۈلىرەيھان ئىككىسى بەك يېقىن!
كېيىن، نەچچە يىللاردىن كېيىن، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ۋارىيانتىنى ئاڭلىدىميۇ، شۆھرەتكە ئىچىم ئاغرىپ، ھاي دەپ بولغىچە توي قىلدى، بەختلىك بولسۇن دەپ بەخت تىلەپ بولغىچە ئاجرىشىپ بولدى. نېمە دېگۈلۈك، مانا بۈگۈن لەزى ئىككىمىز گۈلىرەيھاننىڭ ئىككىنچى يولدىشى بىلەن تۇتقان يېڭى ئۆيىدە ئولتۇرۇپتىمىز.
- ھەي، بۇ قېتىم نەچچە پۇل قويىمىز ئۆي مۇبارەكلەشكە، ئوھۇش، مۇشۇنداق سۈرئەتتە توي قىلىپ ، ئۆي مۇبارەكلىگىلى تۇرساق، ئاداش ئىككىمىز بەك زىيان تارتىمىز جۇمۇ ماۋۇ پۇل پاخاللىشىۋاتقان دەۋردە!- لەزى بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئەپەندىم، يەھيا ئەپەندىمنىڭ دادىسى ئاتۇش شەھىرىدىن بولۇپ، ئىقتىسادى كاللا بوش ئەمەس ئىدى. زادى!
- ۋاي ئاداش ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىۋاتسا، پۇل پاخاللاشسا پاخاللىشا! ئەمدى قانداق قىلىمىز، ئالتۇن كۈمۈش قويامدۇق، ئۇمۇ چۈشۈۋاتسا!

بەك ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بۇ ئۆيگە بۇنداق ئىشتىنلا ئۇدۇل كەلمەي، سەل پەل ياسىنىپ كەلسەك بولارىكەن ئەسلى. نەچچە مىڭ ۋاتلىق يورۇق ئۆي، ئىككى قەۋەتلىك بولسىمۇ ئەمما ھەممە يېرىدىن چىراغ نۇرى سىزگە ئۇدۇللىنىپ تۇرغاندەكلا تۇرىدىغان بۇ ئۆيدە ئۆزىڭىزنى ھەرۋاقىت نەچچە ئادەم ئالدىدا سەھنىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىدىكەنسىز، شۇڭا ماۋۇ قارا قىشتا كىيىۋالغان ئېغىر كىيىملەر سىزنى شۇنچىلىك بىئەپ كۆرسىتىدىكەن.
توي دەي قويۇلۇشقا باشلىدى، قىزلار قوللىرىدا چىڭ سىقىمدىغان چوكا قوشۇق، ئايفونلىرىدىن مېھرى قانماي تۇرۇپ خوشلىشىپ تېلىۋېزور ياق، ئالاھىدە مەخسۇس كىنو كۆرۈش ئۆيىگە كىردۇق.
-يولدىشىم ئىككىمىز كىنو كۆرۈشنى بەك ياخشى كۆرىمىز، شۇڭا بۇ ئۆينى مەخسۇس كىنو كۆرۈش ئۆيى قىلىپ بېزەپ بەردى. كىنوخانىدەكلا سۈرەتمۇ، ئاۋاز ئۈنىمىمۇ بەك ياخشى، - دەپ قارلىغاچتەك سۆزلەپ تۇرۇپ بىزگە تونۇشتۇرۇپ چىقتى بۇ قاپقاراڭغۇ ئۆينى. ئەمما ئالامەت مېنىڭلا ئۆيۈم بولغىدەك ئۆيكەن بۇ!
- يولدىشىم، - دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى گۈلىرەيھان.
لەزى قۇلىقىمغا پىچىرلىدى: ئاداش يولدىشىنىڭ ئىسمى يوقمىدۇ، مەن شۇ باغاقتاكۆگەن پېتى بۇنىڭ ئاغزىدا ئاڭلاپ باقمىدىم!
يەھيا ئەپەندىم بۇنى خېلى ئوبدانلا بىرقىسما قىلىشقا باشلىدى، لەزى بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدى.
- يولدىشى بولغاندىكىن يولدىشىم دەيتتىدە، ئىسىم فامىلە ئاتىشامتى ئەمدى، جىم تۇرە، كۆزەينەك يوقمىكەن ئاداش ماندا تاقاپ ئولتۇراي دېسەم، - دېدىم ئىككى قاتار تۆتتىن قىلىپ تىزىلغان ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ، لەزىنى يېنىمغا تارتقاچ.
- ساراڭمۇ سەن! ئۈچ د لىق قىلىپ ئىشلىمىگەندۇ ھەقانچە بولسىمۇ، توي دەينى!
توي دەي كۆرۈش يىغىپ ئېيتقاندا ھەممە ئادەم ئۆزىنى كۆرۈش! ھەممىمىز شۇ كارتىنىلار ئىچىدىن ئۆزىمىزنى ئىزدەيمىز، جۈملىدىن مەن ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن! ئۆي - ئوچاقلىق بولغاندا لەزى دېگەندەك ئېرىمغا، ئېرىمنىڭ كۆزى كىمدە ئىكەنلىكىگە قاراپ، ماتېماتىكىلىق بۇلۇپ ھېسابلارمەن!
كۆزلىرىم ئېكراندا يېشىل كۆينەكلىككە چۈشۈپ قالدى.
-ھەي، رەيھان، ماۋۇ بالا كىمۇ زادى؟!
-يائاللا، ئوغۇللارنى چاقىرغان كۈنىمۇ تولا سوراپ بۇ دىيار  سېنى كىمۇ دەپ، سەنمۇ سورىدىڭغۇ؟
- ياقەي، قىز دوستىنىڭ چاپىنى چىرايلىقكەنتۇق، قىزىل چاپىنى!
- قىز دوستى؟ نېمە چاپان؟ - دەپ يېنىمدىلا كىچىك ئورۇندۇقتا تىزگىنەكنى تۇتۇپ ئولتۇرغان گۈلرەيھان يېنىمغىراق سۈرۈلدى.
- ۋاي، بۇ بالىنى لەزى ئىككىمىز كىنوخانىدا ئوچراتقانتۇق، ئاق سېرىق چىرايلىق بىر قىز بىلەن، ئۇ قىز بىر چاپان كىيىۋاپتىكەن، شۇنداقمۇ بىر گۈزەل شۇ چاپىنىنى بىر سوراي دېگەن!
- ھە، لالەقىزنى دەيسەن! ئىككىسى بەك قاملاشقان ھە!
- قاملاشقان قاملاشمىغىنىنى مەن بىلمىدىم، ئاشۇ قىزدىن چاپىنىنى سوراپ بەسەڭ!
رەھھان ماڭا بىر قىسما قاراپ قويدى، يا ماۋۇ ئېكراننىڭ يورۇقىلا بار ئۆيدە شۇندا كۆرۈندىمۇ بىلمىدىم.
ئۇنىڭ گەپ قىلمىغىنىنى كۆرۈپ، سوراپ باق ھە! دەپ ئالدىمدىكى ئېكرانغا قارىدىم، توۋا! بىر قىسما بولۇپ قالدىم!
-ھەي، ئاۋۇ بالىنىڭ ئىسمىنى دىيار دېدىما؟ - دېدى لەزى ئاغزىنى قۇلىقىمنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ، ھىم دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم ئېكراندىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.
**************************************
- ئاداش، بىر گەپ قىلاي، سەن بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىل ئىشقىلىپ، - دېدى لەزى گۈلرەيھاننىڭ مەھەللىسىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم.
- سەن دىققەت قىلمىدىڭمۇ، ئۇ دىيار دېگەن بالا توي پىلاستىنكىسىغا ئېنىق چىقىپتۇ، نەگە قارىغىنى!
- مەنمۇ ساڭا بىر گەپ قىلاي، سەن يېقىننىڭ ياقى بەك غەلىتە لەزى، يەھيا سېنى بىر خىل قىلىپ قويۇپتۇمۇ نېمە!قاچانلا قارىسا يۈكسەكلىككە ئىگە ھۇشيارلىق بىلەن ئىش قىلىدىكەنسەن!ئىچىم سىقىپ!
- ۋاي، ئىششىڭنى قىلە! سەندەك خىيالى بولغاندىن ياخشى! ئۇ بالىغا قاراپلا ئولتادىم مەن بايام پىلاستىنكىدا، سەن بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئېكرانغا چۈشكەنلا يېرىدە كۆزى سەن تەرەپتىكەن. مەن بىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا نەدە ئىكەنلىكىمىزنى ئوبدان بىلىمەن، كۆزى سېنى ئىزدەپلا يۈرۈپتۇ. بايا ئا خېنىمنىڭ تەنە گېپىنى سەن بىلمىگەن بىلەن قالغانلىرى بىلىپ بولدى. قىز دوستى بار، نېرى تۇر دەيدۇ سېنى!
- مەن ئۇنىڭدىن قانداق نېرى تۇرىمەن؟ يا يېقىن كېلىپ باقمىغا تۇرسام! شۇ كۈنى سەن كۆدۈڭغۇ؟ توۋا خۇدايىم! قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتتىن ساقلىغايسەن!
يەھيا ئەپەندىمنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىككى يوغان كۆزى پاللىدە يورىدى.
-شۈ! بولدى ماشىنىدا ئۇ گەپنى دېيىشمەيلى ھە! ئەمما ئۇ دىيار دېگەن گىگانتنىڭ سېنى سورىغىنىمۇ قىززىق!-دېدى لەزى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاچ.
مەن ئىزچىل ھاياتىمنىڭ نورمال ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ كەلگەن. 12 ياش ۋاقتىمدا چوڭ دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن. ئەمما يېقىننىڭ ياقى ئۆزۈمنى ئامال بار نورماللاشتۇرماقچى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئاللاھنىڭ مېنى باشقا كويلارغا سالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ ئادەتتىكىدەك نورمال بىرگە بىر ياشاپ ئۆتكۈم بار
داۋامى بار ھام ھام قىۋالاي

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:39:22

كاپ- كاپ ۋاقتى بولغاندۇ، شاش بولىڭە..

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:40:02

ياخشى بىر يازما، بىر ھېكايە ياكى رومان ئادەمنىڭ ئاللىقاچان كۆمۈلۈپ قالغان ئەسلىرىنى قوچۇيدىغان گەپكەن. بىرسىنىڭ يازمىسىنى ئوقۇۋاتىمەن دەپ تۇرۇپ ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز كەچمىشلىرىمىزگە چۆمۈلۈپ كېتىدىكەنمىز. بۇ خىل قوچۇش ياكى چوخچىلاش يېزىقچىلىققا ھېرىسمەن كىشىلەرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشىغىمۇ سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن. كىتابلارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەس ئامبىرى دېيىشكىنى بىكار بولمىسا كېرەك...

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:58:30

ماندا ئوقۇغانسىرى قارىسام ھېلىقى«مۇھەببەت ئارمانى»نىڭ ئاخىرىسى يېزىلۋاتقاندەكلا تۇيۇلدى ماڭا بۇ ئەسەر،يەنە كىلىپ ئالدىنقى ئەسەر بىلەن بۇ يازمىنىڭ بەزى قۇرلىرى ئاپتورنىڭ ئۆز كەچمىشلىرى بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن چىراي،ئىشقىلىپ يېقىشلىق چىقىۋاتىدۇ{:112:}{:112:}

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:15:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xariqyultuzi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 12:16  

ئەجەپ ئۇزۇن يەپ كەتتۇققۇ يۇسران قىز؟!بولۇڭە!!:lol

almire يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:17:50

ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن، بالا باقىمەن، كالا باقىمەن دەپ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىزدىنىشنى ئاچمىغىلى، ئېچىپلا موشۇ تېمىنى كۆرۈپتىمەن، ئاخىرىنى ساقلايمىز.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:35:17

ۋاي تېخى تويمىدىڭىزما:lol

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:45:02

ئۈچ سائەتمۇ يىگەن بارمۇ چۈشلغك تاماقنى ، سەمرىپ كەتمەڭ .

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:05:03

تاماق يەپ بىردەم قىيسىيىپ، ئەمدى چۈشتىن كېيىنلىك گېزىت ئىشلەۋاتىمەن خەلقىم!

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:22:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xariqyultuzi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 16:25  

ۋاي مۇنداقمىدى،ئەمدى جىق يەۋىلىپ سىڭدۈرەلمەي ئاغرىپ-تارتىپ قالسا ئاخىرىنى كىم يازار؟بىز ئاخىرىنى كۈتۈپ، كاككۇك بالىسىدەك ئاغزىمىزنى ئاچقانچە قالارمىزمۇ؟دەپ ئەنسىرەپ كېتىپتۇق ئەمەسمۇ؟!:lol:lol:lolچاقچاق ھە!كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ!!!شۇ سزگە ھەۋىسىمىز كېلىپ ئېيتىشىپ قويىمىزدە ئەمدى{:90:}:lol
ھە راست،قايسى گېزىتتە ئشلەيسىز؟!سوئالىم ئارتۇقچەئەمەستۇ؟!ئارتۇقچە دەپ قارىسىڭىز جاۋاپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:33:57

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 09:48 static/image/common/back.gif
- بۇ قوغدىغۇچىڭىز بولىدىكەن مانا! - دېدى يېشىل كۆينەكلى ...

شۇنچىلىك يەڭگىل ھەم تەبئىي خۇددى بۇ ئىشلار مەن باشتىن كەچۈرگەندەكلا... ھىس تۇيغۇلارمۇ يۈرەككە شۇنچە يېقىن.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:40:07

كىچىكلەر گەپكە قۇشۇق سالماي جىم ئولتۇرۇڭلار بىردەم ھەxariqyultuzi@     @xariqyultuzi:lol:lol

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:49:27

خالىساڭ يېزىپ قوي قەبرە تېشىمغا،
ئۇ ھايات پەيزىنى سۈرەلمىگەن دەپ.
ئۆمرىدە ماڭىلا بەرگەنتى كۆڭۈل،
لېكىم مەن ئۇنىڭغا بېرەلمىگەن دەپ.

ئىنسان ئازابقا ئۆلۈپ قالمايدىغانلىقىغا ھەيرانمەن، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەلمىگەن ئازابلار مېنى شۇنچىلىك قەيسەر قىلىۋەتتىكىن، ئەيھانناس، ھازىر ئۇنىڭ ماڭا يازغان خاتىرىلىرىنى مۇشۇنداق قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇيالايمەن. بۇرۇنقىدەك ئۇ خاتىرە دەپتەرلەنى ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان يەرلەرگە تىقىۋەتمەيدىغان بولدۇم. يۈرۈگۈم بېشىمدىن ئۆتكەن مۇسىبەت، يوقىتىشلار ئىچىدە قاتقان بولسا كېرەك، خاتىرىنى تۇتقاندا قوللىرىم تىترىمەس، شۇقۇرلارغا كۆز يۈگۈرۈتكىنىمدە ۋۇجۇدۇم تىلغانمەس، كۆزلىرىمگە ياش تولماس بولدى.
مۇبادا مۇھەببەت. ئىشىق مۇھەببەت ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە بولماسلىقى بىلەن، ۋە ياكى باشقا بىرىنىڭ ئۆز جۈپتىنى تېپىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ياكى ئاخىرلاشماي ئىمكان يوق ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا، ئۇنداقتا مەندىكى بۇ ھېسسىيات نېمە؟ سېغىنىش؟ ئەسلەش؟
مەن بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭ توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ لەزى دېگەندەك روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك يۈرۈشى، دوختۇرخانىدا ئۆز خىزمىتىدىن نەچچە قېتىم مەسىلە چىقىپ، باشقا ئىش قىلىۋاتقانلىقى، نەچچە ئايدا بىر قېتىم ماڭا پوچتىدىن ئۆز قوليازمىسىنى ئەۋەتىپ بېرىشى، ئۇنىڭدىكى قۇرلاردىكى چەكسىز سېغىنىش، چەكسىز ئۆكۈنۈش، چەكسىز ئۈمىدسىزلىك نېمە؟
نىجاد!
بۇ ئىسىم  يۈرۈگۈمگە تامغا بولۇپ بېسىلىپ كەتكەنمىكىن دەيمەن! ئۇ دەيدۇ مېنى ھېچكىم سىزدەك چاقىرالمايدۇ؟ دەپ!
مەن دەيمەن بۇ ئىسىم دۇنيادا سىزدىن باشقىسىدا يوقتەك!
ئۇنىڭ ماڭا يازغان خاتىرىلىنى ئىشخانىنىڭ تارتمىسىغا سېلىپ قويىدىغان بولدۇم، ئۇنىڭ يازغان ھەربىر جۈملە قەلب سۆزى مەيلى بىز يېڭى تونۇشقان ۋاقىتلىرىمىز بولسۇن، ۋە ياكى ئوتتەك مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلار بولسۇن، ۋە ياكى ئۇ ئۆز تۇرمۇشىنى شۇنچىلىك تۇيۇقسىز قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلىرى بولسۇن، ئۇنىڭ چىن تۇيغۇسى! بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزنىڭ قەلب دۇردانىسى ئىكەنلىكىگە بەك تەستە ئىشەنسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىگەە شەكسىز ئىشىنىمەن ھەم ئىشىنىشنى خالايمەن.
*************************************
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. تەتىلدە موماملارنىڭ ئۆيىگە قايتقان، ئۇ تەرەپتە بىر توي بولۇپ قېلىپ، بەكلا تۇيۇقسىز ماڭدۇق، ئەتە ئوقۇش باشلايدۇ دېگەن كۈنى شۇ يەدىن كىچىك ماشىنىدىن بىرىگە ئولتۇرۇپلا ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم. دادام ئاپام ئۇكىلىرىم توينىڭ ئاخىرىنى ئوينايمىز، دەپ قېلىپ قالدى. مېنى بولسا كىچىك دادامنىڭ دوستىنىڭ  قىزىنى ئۈرۈمچىلىك بىر تۇققىنى مەكتەپكە ئېلىپ ماڭىدىكەن، شۇنىڭدىلا كېتىۋالغىن، ئىشەنچلىك دەپ شۇ ماشىنىغا سېلىپ قويدى.
شۇ كۈنى نىجادنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. نەۋرە سىڭلىسى نادىرە ئىككىسى مومامنىڭ ئۆيىگە مېنى ئالغىلى كەلگەن ئىدى. ئەسلى مەن چۈشتە ماڭامدۇقكىن دەپ، تەييارلىقمۇ قىلماي ئولتۇرغان. ئۇلار كەڭسايدا يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ، يول ياساۋاتقاچقا بالدۇرراق ماڭايلى دېگەن دەپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. داداممۇ نەرسە كېرەكلىرىمنى ئاچىقىپ، ئارقا ساندۇققا سېلىۋەردى. ماشىنىسىنىڭ نېمە بىر نەسىلىرىنى سورىغاچ، دادام ماشىنىنى كۆرسە ئۆزىنى يوقىتىدۇ زادى، ئامال يوق! قاچان ئالغان ماشىنا دەپ سورىغاچ مېنىمۇ چاققان بول دەپ ئالدىرىتىپ، ئۇ بۇ نەرسەمنى ئېلىپلا ماشىنىغا چىقتىم.
خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن سالام سائەتكە بەك باي نىجاد، كىشىنى سەل ئەيمەندۈرەتتى. بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا ماسلاشتۇرۇپ كىيگەن راھەت كىيىملىرىنى كۆرۈپ مەنمۇ راھەت بولۇپ قالدىم. شۇڭا ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ھۆل قەغەز بىلەن يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ، بايام ياقى ساپما كەشىمدە ئالدىراپ پالاقشىپ نەچچە قېتىم توپا يەرگە دەسسۋالغانىدىم، شۇنىڭغا پۇتۇمنى سۈرتتۈم، ئۇ ئاكا سىڭىل ئىككىيلەن ئېنگىلىزچە پاراڭلىشىدىكەن تېخى، مېنى بىلمەيدۇ دەپ شۇنداق قىلىۋاتامدۇ، يا غەيۋىتىمنى قىلىۋاتامدۇ؟ راست مەنغۇ بۇ تىلنى بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما چىرايىمدىن بىلىدىغانلىقى چىقىدۇ دېگەن لەزى، شۇڭا بۇلا ھەقانچە بولسىمۇ غەيۋىتىمنى قىلمىغاندۇ!
سومكامدىن مېنىرال سۇنى چىقىرىپ ئاغزىمنى چايقاپ، دېرىزىنى ئېچىپلا تۈكۈرۈۋەتتىم. دېرىزىنى ياپقاچ ئەينەككە ماندا قاراپ باقسام ئىككىسى دىققەت قىلمىغان چىراي! ئەمما لەزى بولغان بولسا ھازىر:
- ھەسەل، مۇشۇ مىجەزىڭ، بەك مەدەنىيەتسىز ھەي سەن! - دەپ چىرايىنى ئىنتايىن يىرگەنگەندەك قىياپەتكە كىرگۈزەتتى.
ئەمدى ئۆزۈمنى ئوڭشاپ ئولتۇرۇشۇمغا نىجاد ماشىنىنى يانغا تارتىپ توختاتتى. بېشىنى بۇراپ ماڭا قاراپ تۇرىدۇ。
- نېمە بولدى؟ ماشىنىغا بىر ئىش بولدىما؟ - دېدىم مەنمۇ ئاڭقىرالماي.
- خېنىم، ئەمدى پەسكە چۈشۈپ جايناماز بار، ناماز ئۆتۈۋالامدىكىن دەيمەنغۇ؟!
نىجادنىڭ گېپىنى شۇنچىلىك تۈز چۈشۈنۈپتىمەنكىن، يانماي:
- ھازىر قايسى نامازنىڭ ۋاقتى؟ دەپ سوراپتىمەن.
نادىرە ماڭا قاراپلا بەك كۈلۈپ كەتتى. شۇندىلا مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، نىجادقا تىكىلدىم.
- قارىسام تاھارەت ئېلىۋاتقاندەك قىلىپ كەتتىڭىز، شۇڭا بىرەر يەردە توختاتسام نامازنىمۇ ئۆتىۋالسۇن دېگەن!
- ۋىيىي، ۋىيىي،
ئاغزىمغا گەپ كەلمەي، نېمە بوپتۇ ۋىيىيلا دېيەلىدىم.
- ۋاي ھەدە، بۇ ئاكام مۇشۇنداق، خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغاچقا، ھەممە گەپنى تۈزلا دەيدۇ كۆڭلىڭىزگە ئالماڭە، بىردەم قىززىق پاراڭلىشىپ ماڭايلى دېسەك، سىز پەقەت بىكار  بولمىدىڭىز، شۇڭا قىززىقچىلىق قىلىپ قويدى بۇ! ئىسمىم نادىرە، ئاكامنىڭ ئىسمى نىجاد، نەۋرە ئاكام بۇ!- دېدى سىڭلىسى نادىرە قولىنى ئارقىغا سوزۇپ تىزىمنى سىلاپ قويۇپ.
- گەپ قىلماڭلا ماڭا، سىلەردىن خاپا بولۇپ قالدىم مەن. بۇ ئاكىڭىز مېنى بىكارغا ئولتۇرۇۋالىدىغان بولدى، دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتامدۇ، خاتىرجەم بولسۇن دەپ قويۇڭ نادىرە دېدىم مەن دېرىزىدىن سىرتقا قارىغاچ.
- ھاھاھا.... سىزمۇ قىززىقكەنسىزغۇ مانا، گۈلھەسەل ئىككىمىز تەڭ دېمەتلىككەنمىز مانا! مەن ئارقىدا ئولتۇراي پاراڭلىشىپ ئولتۇرامدۇق؟
- چاتاق يوق!
شۇنداق قىلىپ نادىرە ئىككىمىز مەكتەپتىكى ئىشلارنى دېيىشىپ، بىردەم ئىمتىھاننىڭ بىردەم كىيۇ كيۇ دىكى بىر ئىشلارنى دېيىشىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. نىجاد ھېچقانداق گەپكە ئارىلاشمايتتى، ئەمما بىزگە كېرەكلىك ھەرقانداق نەرسىنى بىز پۇرىتىپ بولغىچە ئالدىمىزغا تەل قىلىپ بولاتتى. نېمە دەيمىز، ماشىنا ھەيدىگەن بىلەن قۇلىقى بىزگە تاشلاغلىق، بىزنىڭ دېگىنىمىزنى قىلىپ بېرىپ تۇردى. گوزىگوغا كەلگەندە تاماق يېدۇق، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نىجاد قازاقچىنى، ئۇيغۇرچىنى، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچىنى شۇنچىلىك ياخشى بىلىدىكەن. ئەمما ئۆزى بەك كەم سۆز، ھەتتا تاماق يېگۈچە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە قاراپمۇ قويمىدى.
نادىرەگە قاراپ ئاغزىمنى ئۈمچەيتىپ قويدۇم.
نادىرە ئىككىمىز، بىردەم ئۇياق - بۇياققا بېرىپ رەسىمگە چۈشىمىز دەپ، نادىرەنىڭ پۇتى مىتكوت كەتتى. شۇندىلا نىجادنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر تىببى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل ئاخىرقى يىلى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. نادىرەنىڭ ئۇشۇقىنى بىرقانداق قىلىپ تۇخۇم بىلەن تېڭىپ قويدى، ئۇ قىز ماشىنىنىڭ ئارقىدا پۇتىنى سوزۇپ ياتتى، مەن ئامالسىز ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردۇم. ئۇ قىز ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىپلا ئۇخلىدى.
نىجاد ئىككىمىز جىمجىت كېتىپ بارىمىز، يول ياساۋاتقاچقا، (ھازىرقى كۆۋرۈك شۇ ۋاقىتتا تۇتۇش قىلغانمىكىن ئىشقىلىپ يول بەك قوتا ئىدى) ماشىنا بەك سىلىكىنىپ مېڭىۋاتاتتى. كۆڭلۈم ئېلىشقاندەك بولۇپ، خوتنىڭ يېنىغا قويۇلغان مېنىرال سۈيۈمنى  ئېلىپ ئىچىپ باقتىم، نىجاد لەپپىدە قاراپ قويدى، مەنمۇ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ، كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم، تېشى شۇنچىلىك توپا چاڭ ئىدىكى، ھىم ئېتىلگەن دېرىزىدىنمۇ چاڭ توزاننىڭ پۇرىقىنى پۇرىغىلى بولاتتى. سۇنى يەنە ئېلىپ ئىچىپ قويدۇم، نىجاد يەنە قاراپ قويدى.
- نېمە بولدى؟ - دېدىم نىجادقا ھومايغاندەك قىلىپ،
- خېنىم، ماۋۇ سۇ مېنىڭ سۈيۈم. بىلىپ ئىچىۋاتامسىز ياكى بىلمەيمۇ؟
***********************8
خىيال يىپىم ئۈزۈلۈپ دىيار دېگەن بالا كۆز ئالدىمدىن لەپپىدە قىلىپ ئۆتۈپ قالدى. ھاياتىمنىڭ جىمجىت ئۆتۈشىنى يەنە بىر قېتىم تىلىدىم.
داۋامى بار.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:50:50

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 09:43:07

قېنى ئاخىرى{:87:}{:87:}

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 15:08:25

بۈگۈن ۋاقىت چىقماپتۇدە

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 16:22:44

بىر ئادەمنىڭ ئىسمى شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدا بەك مۇھىم رول ئوينايدىكەن، بۇ ئىلىم پەن نۇقتىسىدىنمۇ ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىكەن. ھەرقانداق جىسىمنىڭ ھەتتا ئاۋازنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ماگېنت مەيدانى بولۇپ، قانداق ماگېنت مەيدانى شۇ خىل ھادىسىنى تارتىپ كېلىدىكەن، ئاددىيىسى، ياخشى ئىش تىلىسە ياخشى ئىشنى، ياماننى تىلىسا يامىنى كەلگەندەك. شۇڭا پەرزەنتلەرگە ياخشى بىر ئىسىم قويۇش ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلىدىغان تۇنجى مۇھىم ئىشى ھېسابلىنىدىكەن.
نىجاد!
بۇ ئىسىمنى ماڭا ئۆيدىكىلەر نېمىنى ئويلىشىپ قويغان بولغىيتتى ھەسەل بۇنى مەن بىلمىدىم، ئەمما ئۆزۈم ھازىر شۇنداق بىر نىجادلىققا ئېھتىياجىم بار!
مۇشۇنداق باشلىغان ئىدى ئۇ تويىنى قىلىپ تۇنجى ئەۋەتكەن قوليازمىسىدا!
ھەممە يېرىم باتارىيە سېلىنغان مىخانىزىمدەك ھەرىكەت قىلىدۇ، كاللام قۇپقۇرۇق، تىرىك مۇردىمەن دېسە بۇرۇنقىلىرىمىز نېمە دەيدىغاندۇ دېسەم ئەسلى مۇشۇكەن. يۈزۈمدىكى ھەرخىل ئىپادىلەر قايسى كۇنۇپكا سەۋەبلىك ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما يۈزۈمنى شۇنچىلىك قولايسىزلارچە تارتىشىپ ئەتراپىمدىكىلەرگە كالپۇكۇمنىڭ مىدراپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتقىنىنى گاراڭ - غۇرۇڭ قىلىپ قۇلۇقۇم ئاڭلايدۇ ھەسەل! بۇ نەرسىلەرنى نېمىگە يېزىۋاتىمەن؟ نېمە ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن ئۇنى مەن بىلمەيمەن! بەلكىم بىر كۈنلەردە سېنىڭ كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالىڭ بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئۈمىدتە بىرنېمىلەرنى شىلدىرلىتىپ يېزىۋاتىمەن، ساڭا نېمىنى، قانداق چۈشەندۈرۈشنى، ياكى ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ تاپتا ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ  بولغان بىرمۇردا ئىكەنلىكىمنى ئېيتقۇم يوق. پەقەت سېنى چەكسىز سېغىنىۋاتىمەن، بۇ سېغىنىش كۈندىن - كۈنگە شۇنچىلىك كۈچىيىۋاتىدۇكى پۇتلۇرۇم سەن بار يەرلەرگە زورلايدۇ. كۆزلىرىم سېنى ئىزدەيدۇ. سېنى سېغىندىم! ئاجايىپ سېغىندىمكىن، كۆزۈمدىن ئاققان ياش يۈرۈگۈمدىن ئاققان قان پۇشايماندىن ئەمەس، ئۆكۈنۈشتىن ئەمەس شۇ تاپتا ساڭا بولغان شۇ سېغىنىشىمدىن! بۇ سېغىنىش مېنى شۇنچىلىك ئىمكانسىزلىققا ئېلىپ كەلدىكىن، پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىۋەتتىم. خۇددى كىچىك ۋاقتىمدا ئاپامنى سېغىنىپ ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يىغلىغاندەك!
ھەسەل! ھەممە نەرسىنىڭ جېنى بار، ئاۋازىمىزدىن تارتىپ ھەربىر جىسىمغىچە، دەيتتىڭ! كۆز ياشلىرىمدىن سورىساڭ دەيدۇ، يۈرۈگۈمدە بىر ئارمان بار، سېنى كۆرسەمكەن دەيمەن، بىر ئۇخلاپ ئويغانسام بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتسامكەن، سېنى پۇرىسام، سېنى باغرىمغا باسسامكەن دەيمەن!
كۆزلىرىڭدىن ئۆزۈمنىڭ كۆزىنى كۆرۈش مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بەختىم ئىدىغۇ ھەسىلىم!
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ خىيالىم يەنە شۇ كەڭسايدا ئېغاڭشىپ مېڭىۋاتقان ھېلىقى ماشىنا ئىچىغا كەتتى.
- نېمە؟ مېنىڭ بۇ! سىز ئىچىپ يۈرۈپسىزدە! مەن بايا ئاغزىمنى چايقاپ مۇشۇ يەگە قويۇپ قويغان تۇرسام، نېمە يېرىمكىن دەيمەن! - دېدىم مەن ئاللىبۇرۇن بۇنىڭ مېنىڭ ئەمەسلىكىگە كۆزۈم يېتىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا سۇنۇشنى خالىماي:
-خېنىم، ئۇ سۇنى بايا تاماق يېگەن يەدە نادىرە بىلەن قولۇڭلارنى يۇيۇۋەتتىڭلار قاراپ تۇرسام! - نىجاد تەمكىنلىك بىلەن ماشىنا ھەيدىگەچ دېدى.
- ئەمىسە دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟- دېدىم ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىغاچ، شۇ ئاغزىدا ئىچكەن سۇنى مەن ئىچتىممۇ دېگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ.
- ئىچسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ مېنىڭ كېسىلىم يوق. سىزنىڭ كېسىلىڭىز بولسا خاتىرجەم بولۇڭ مەن ھەرگىز ئىچىۋالمايمەن!
ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپلەر تىزىپ قويغاندەك چىقىۋاتاتتى، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك!
ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقى بولغاچقىمىكىن، مەكتەپتە ئۆزۈمنى ئالاھىدە بىر قىزدەك ھېس قىلاتتىمكىن، لەزىنىڭ گېپى بويىچە پۈتۈن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى مېنىڭ دېگەن پەدىدە ماڭاتتىم. دادامنىڭ گېپى بويىچە يەرنى دەسسەيمۇ دەسسىمەيمۇ دەپ ماڭاتتىم، شۇڭلاشقىمىكىن، بىر ئادەمنىڭ ئىچكەن سۈيى ئەمەس، ئولتۇرغان ئورۇندىقىنىمۇ سۈرتىۋېتىپ ئولتۇراتتىم.
نىجادقا ھومىيىپ قويۇپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ ئولتۇرۇۋالدىم، بۇ يول شۇنچىلىك يامانلىشىپ كېتىپتۇكى، نىجاد ئالدىغا ئېڭىشىپ رولنى قۇچاقلاپ دېگۈدەك ھەيدەۋاتاتتى ماشىنىنى. بۇ سىلكىنىشتە ھەرقانچە ماشىنىدا كۆڭلۈم ئېلىشمايدۇ دېگەنلەرمۇ قۇسۇپ سالاتتى، شۇڭا نىجادقا بىرىنچى ئەسكەرتىش بەردىم.
- بەك كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى.
ئۇنىڭدىن سادا يوق.
بىردەمدىن كېيىن زادى بولالمىدىم.
- كۆڭلۈم بەك ئېلىشىپ كەتتى، ماشىنىدىن چۈشمىسەم بولمايدۇ ئەمدى!
- ماشىنىنى بۇ يەدە قانداق توختىتىمىز، ئارقا ئالدىمىزدىن توپا توشۇش ماشىنىلىرى كېلىۋاتسا، مۇشۇ ئەگىلمىدىن ئۆتۈۋالساقلا ياخشىتى، بىردەم چىداپ تۇرۇڭ!
ئۇ بېشىنىمۇ بۇراپ قويماي شۇنداق دېدى.
سېغىز چايناپ باقتىم، بايامقى سۇنى يانماي يەنە ئىچىپ باقتىم.
- زەمزەم تېتىپ كەتتى ئاۋۇ سۇ ھە!
نىجادنىڭ چاقچىقى جېنىمدىن ئۆتتى.
- مەن ئەمدى ياندۇرۇۋېتىمەن، كارىم يوق.
- ياندۇرۇۋېرىڭ، سايرامدا بەرىبىر يۇيىمىز ماشىنىنى!
شۇ گەپ نىجادنى ئاغزىدىن قانداق تېز چىققان بولسا، ئىچىمدىن بايا يېگەن دازاخۈي شۇنداق يېنىپ چىقتى، رول- پول، خوت - پوت، نىجادنىڭ ئۈستى - بېشى ھەممىسى بۇلغاندى. ئەمما مەن شۇنچىلىك راھەت بولۇپ قالدىم.
- ھەي! قۇسسىسىڭىزمۇ ئالدىڭىزغا قاراپ قۇساممامسىز؟ نېمىدەپ ماڭا قاراپ قۇسسىسىز!
نىجاد ماشىنىنى ئامالسىز يانغا تارتىپ توختاتتى. ماشىنىنىڭ ئىچى بىردەمدىلا سېسىپ كەتتى. مەن ھۆ دەپلا چۈشۈپ كەتتىم.
ماشىنا تەرەپكە قاراشقىمۇ پېتىنالماي، ئېگىز - پەس كولانغان تاغ يولىدىن كىچىك ئېرىق بولۇپ ئېقىۋاتقان سۇ بويىغا يۈگرەپ بېرىۋالدىم. نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتىكىن تاڭ! بىر ۋاقىتتا نادىرەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ماشىنىنىڭ ئىچىنى نىجاد تازىلاپ پاكىز قىلىۋېتىپتۇ، نادىرەنى ئارقا ساندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى تۆۋەنگە كىيىم ئالماشتۇرغىلى چۈشۈپ كېتىپتۇ.
- قورقۇپ كەتتىڭىزمۇ نېمە! نىجادنىڭ ئاۋازى ئاشۇنداق، گۈر - گۈر قىلىپ چىققان بىلەن كۆڭلى بەك يۇمشاق، بايام ياقى ماشىنىنى تازىلىغاچ، سىزدىن ئەنسىرەپ تېخى. چاقىرىۋال ئا قىزنى دەپ قويۇپ چۈشۈپ كەتتى.
ئۆمرۈمدە ئۆز قىلمىشىمدىن ئىززا تارتىشىم، ياق، قىلمىشىمدىن باش ئېلىپ قاچقىنىمدىن ئىززا تارتىشىم شۇ يەردىن باشلانغان بولسا كېرەك، شۇڭا ئۆزۈمچە ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقلىرىنى رەتلەپ، نادىرەنى يۆلەپ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدۇم، ئۆزۈممۇ ئۈستى - باشلىرىمنى تۈزەپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىغا چىقىپ نادىرە بىلەن پاراڭ سوقۇپ ئولتۇردۇم. ئەمما كۆزلىرىم نىجاد چۈشۈپ كەتتى دېگەن تەرەپتە ئىدى.
- نىجادنىڭ ئاپىسى بەك كىچىك ۋاقتىدىلا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن نىجادنىڭ ھەدىسى نىگارە ھەدەمنى ئېلىپ، ئۇنى شۇ چوڭ دادام  موماملار بېقىپ چوڭ قىلدى. چوڭ دادام ئىككىنچى دوختۇرخانىدا دوختۇر، ئۆيىمۇ شۇ يەردە! بەك ياخشى چوڭ دادام، كېيىن ئۆيلەنگەن بولسىمۇ، نىجاد مومامنى ئاپا دەيدۇ، كۆڭلى بەك يۇمشاق، بەك سۇنۇق بۇنىڭ كۆڭلى! ئەمما مىجەزى شۇنداق، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ جۇمۇ!
كەينى ئەينەكتىن ئۇنىڭ يوغان گەۋدىسىنى كۆرۈپ قالدىم، بايامقى ئاق رەڭلىك مايكىسىنى قولىدا كۆتۈرۈپ قارا مايكا كىيىپ قاپىقىنى تۈرۈپ كېلىۋاتقان نىجادنى كۆرۈپ سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. ئاكىڭىز كەلدى، شۈ دەپ قويۇپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇرۇۋالدىم. ئۇ ئارقا ساندۇققا بىر نەرسىلەرنى سېلىپ، ئىشىكنى جاق قىلىپ ياپقاندىن كېيىن، ئالدى تەرەپنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئىشتانلىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئۈلگۈرۈپتۇ بۇ كاساپەت.
ئالدىمغا قاراپ ئولتۇرۇۋەردىم، ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ ماڭا قاراپ قويۇپ، ئولتۇردى، ئاندىن ماڭا قاراپ ئولتۇرۇۋەردى، مەنمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۇۋەردىم.
- سۇنىڭ بېشىدا بەك تۇرۇپ كەتكىنىڭىزگە قاراپ بەك ۋىجدان ئازابى تارتىپ، ئۆزىنى ئېتىۋالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ كەلسەم، مەندىن بەكرەك قېتىپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى!
لەپپىدە قاراپ قويۇپ، ئالدىمغا قارىۋالدىم، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئۆزىنىڭ بەستىگە، خاراكتېرىگە ياتلا ئىللىق كۈلكە تۇراتتى.
- تۇتۇڭە مانى! غاجاپ ئولتۇرۇڭ، كۆڭلىڭىز ئېلىشمايدۇ!
قۇچىقىمغا سولياۋ خالتىغا سېلىنغان نەچچە تال قۇرۇتنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئىتتىك نادىرەگە قارىدىم، ئۇ قىز كۆزىنى قىسىپ قويۇپ، يەڭە دېگەندەك ئىشارەت قىلدى.
يول ئوڭشىلىپ قالدىمۇ، ياكى نىجاد بايامقىدىن سىلىپ ھەيدىدىمۇ ۋە ياكى كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدىمۇ، بايامقىدەك بىئارام بولمىدىم، قۇرۇتنى غاجىغاچ مۇزىكىغا تەڭشەپ لىڭشىپ مېڭىۋەردۇق، سايرامغا كەلگەندە كۆز باغلىنىپ كەتتى. ماشىنىدىن چۈشۈپ سايرامنىڭ گۇگۇم ۋاقتىدىكى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ئەتكەن چاي بىلەن قايماق، سېرىق  ماي مىلەپ نان يېدۇق. نىجاد ماشىنىنى يۇيۇپ تازىلىدى. بۇ بالىنىڭ ھەممە يېرى ئادەمگە ئارامخۇدالىق ئېلىپ كېلەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز ئۇ ھامان ھەل قىلىدىغان چارىنى تېپىپ سىزنى خاتىرجەم قىلاتتى.
- شوپۇر ئۇستام، مەن ئەتە ئەتىگەن دەرسكە كېچىكسەم بولمايدۇ جۇمۇ! دېدىم قولۇمدىكى ناننى ئۇنىڭغا داملاتقاچ.
ماڭا قاراپ قويۇپ نەرسە كېرەكلەرنىڭ ئاستىنى لاتا بىلەن سۈرتۈپ ئارقا تەرەپكە قاچىلاۋەردى. مەنمۇ نادىرە بىلەن قىزغىن پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋەردىم.
پۈتۈن يەرنى قاپقاراڭغۇچىلىق قاپلىغاندا يولغا چىقتۇق! سايرامنىڭ بۇ تەرىپى ئا تەرەپتىكىدەك بولمىسىمۇ، ئەمما تۈز ئاسفالىت يول ئەمەس ئىدى.
- بۇ يول نەگىچە مۇشۇنداقتۇ؟! ۋاي ئاللاھ!
- سىز تۈگىسۇنلا دەڭ، شۇ زامات تۈگەيدۇ!
ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق گەپلەر قانداق چىقىدىغاندۇ دەيمەن، قارىسىڭىز چىرايىدىن بۇنداق گەپ قىلىدىغاندەك ئەمەس.
ئۇنىڭغا تازا قاراپ كەتكىنىمگە ئۇمۇ ماڭا لاپپىدە قاراپ قويدى.
- ھە بەك! مەن تۈگىسۇن دېگەنگە تۈگەيدىغان مەن ياساۋاتقان يول بولمىسا بۇ! دېدىم ئاغزىمنى پۇرۇشتۈرۈپ.
- ئاز قالدى، بىردەم ئۇخلىۋېلىڭلار! ئىككى قىز بالا 500 غاز دەپ بېشىمنى قوچىماي!
ئۇنى بۇنى دەپ راستلا  ئۇخلاپ قاپتىمەن، بىر ۋاقىتتا ئويغانسام، نادىرە دېگەن  ئارقا ئورۇندۇقتا رەسمىي كارىۋاتتا ياتقاندەك ئۇخلاپ كېتىپتۇ.
نىجاد بىر خىلدا قاپىقىنى تۈرۈپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋېتىپتۇ.
- نەگە كەلدۇق؟ - دېدىم ئەسنىگەچ.
- جىڭدىن ئۆتتۇق! - دېدى ئۇ ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ، ئالدىغا قارىدىيۇ، يەنە بىرقاراپ قويدى.
قولىنى ئارقا ئورۇندۇققا ئۇزۇتۇپ، يەيدىغان ئىچىدىغان نەرسىلەر سېلىنغان سومكىنى قۇچۇقۇمغا قويدى.
- مانى يەپ ئىچىپ، ھېلى سۇ باراق بىريەردە قۇسۇپ بېرەلا خېنىم!
- خوش بولۇڭە قۇسۇپ قويغانغا، خەقلەر مېنىڭكىگە قۇسۇپ قوي دېسىمۇ ئىشىڭنى قىلە دەپ كېتىتىم جۇمۇ!
- ئامەت ئېلىپ كېلەمدا سىز قۇسسىڭىز؟
- ئەلۋەتتە! - دېدىم ئاغزىمغا بانان سالغاچ.
- كىچىك بالىلار سىيىپ قويسا ئامەت دېگەندەكما؟
- ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ ھەسسە دەڭە!
- ھاھاھا.... ئاپەت بولمىسىلا مەيلىغۇ، ئەمىسە ئىلتىپات قىلىپ ھېلى بىر قۇسۇپ بەسىلە ھە!
- چاتاق يوق!
مۇشۇنداق پاراڭ بىلەن ئىككىمىز يولنى ئاۋۇتۇپ كېلىۋاتاتتۇق. ئۇ سىزگە شۇنچىلىك بىر بىخەتەر تۇيغۇسى بېرەتتىكى، سىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئەركىن بىرقۇش ئىدىڭىز، نە تارتىنىش، نە قورۇنۇش. ئۇ سىزگە شۇنداق بىر ئاتموسفىرا ئېلىپ كېلىدۇكى، سىزدىكى بارچە كىبىرلىك، تەكەببۇرلۇق نەلەرگىدۇر غايىب بولىدۇ.
- ئىسمىڭىزنى كىم قويغان؟
- بوۋام. ئاپىسىنىڭ ئىسمىنى قويغان! - دېدىم مەن.
- چىرايلىق ئىسىمكەن، سىزگە دېسەم ئىسىم بىلەن ئادەمنىڭ تەقدىر - قىسمىتىدە بەك چوڭ باغلىنىش بار!
- شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە مېنىڭكىدە قانداق باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن؟
- ھەسەلدەك بولۇشى مۇمكىن شۇ. ھەممە ئىشلار تاتلىق،
- ياخشى كۆرمەيمەن بۇ ئىسىمنى، مەن شەھلا دېگەن ئىسىمنى ياخشى كۆرەتتىم!
ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
- راست دەۋاتىمەن، گۈلھەسەل دېگەن ئىسىم بىر خىللام.
- شەھلا دېگەن ئىسىم ماس كەلمەيدۇ سىزگە!
- نېمىدەپ مېنىڭ كۆزۈم ئەجەبا شەھلا ئەمەسمىكىنا؟
ئۇنىڭدىن جاۋاب چىقمىغاننى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇمۇ ماڭا قارىدى.
- سىزنىڭ كۆزىڭىز شەھلا ئەمەس، كۆزىڭىزدىن ئۆزۈمنىلا كۆرۈۋاتىمەن مەن!
يۇلتۇزلار پارلداپ تۇرغان ئاسمان، ھەممە يەر شۇنچىلىك تېنچ، قۇلىقىمدا ئۇنىڭ سۆزى قايتا - قايتا شىۋىرلىدى. ئاستا كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم.
داۋامى بار

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 16:31:37

ئاتتەك{:87:}{:87:}

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 17:48:30

ئەمدى بىر ئۇخلىغانچە نەچچە كۈن ئۇخلاسىز:lol

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 18:46:19

بۇغۇ بىر قەدىمدىن قاكلغان رىۋايەت
لېكىن بۇ مەڭگۇگە يېڭى  ھېكايەت..
...بۇ ئاتتەك چېپىەۋاتقان ھېكايىنىڭ تەقدىرى نەدە توختاركىن..
دەم ئېلىشقۇ ئەتە..تېزراق يازاسىز ئەينا ..:lol
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11 12
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)