bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:57:47

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 09:52 static/image/common/back.gif
بۈگۈن ماڭا ئىزدىنىشقا تىزىملاتقىلى نەق ئالتە يىل بولغ ...

بۈگۈننى تەبرىكلەپ جىق يىزىڭە يۇسرانىم

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:32:48

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 09:05:17 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ   داۋامى بار ئەسەر يازىدىغانلارنىڭ 98 پىرسەنتى
سىزدە ياخشى گوست سېستىمىلار جىققۇ:lol

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:59:21

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 13:32 static/image/common/back.gif
سىزدە ياخشى گوست سېستىمىلار جىققۇ

ئۇنداق سىستىمىلار بۇ تىمىغا ماس كەلمەيدۇ قاراڭ ، شۇڭا يۇسراننىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرمەي ، شىلاپ ، ماختاپ تىمىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋالىمىز .

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:32:16

http://www.munglan.cn/play.php?M_id=2421
دۇنيا ماڭا بەردىم دەپتۇ ئالدىممىكىنتاڭ،
بەرگىنىنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىممىكىنتاڭ.
ئىلكىمدە يوق، ئۆشنەمدە يوق يادىمدا ئاندىن،
كىملەرنىڭدۇ يانچۇقىغا سالدىممىكىنتاڭ!
بۇ ئۆمرۈمدە سېنى بىر كۆرۈۋېلىشنى بۇنچە ئارمان قىلىپ قالىدىغانلىقىمنى، سېنى سېغىنىپ بۇنچە ئىمكانسىز قالىدىغانلىقىمنى، سەن بىلەن ئوقۇغان ھەربىر پارچە كىتابنىڭ ھەربىر بېتىنى كۆز يېشىم بىلەن ھۆل قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقىمنى، سېغىنىشتىن پارە پارە بولغان يۈرۈگۈمنى سۆرەپ ھايات چاقلىرىغا يۆگىلىشىپ يۈرۈيدىغانلىقىمنى، سېغىنىشتىن كۆزۈمگە ھېچبىر كۆرۈنمەي قالىدىغانلىقىنى بەك كېچىكىپ ھېس قىلدىم، ھەسەل! بىلمەيمەن ھەسەل! بىلمەيمەن! مۇشۇ سېغىنىشتىن ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىمنى، ئۆلمىسەممۇ ئەس-ھۇشۇمدىن كېتىپ قالىدىغانلىقىمغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن!
بۈگۈن سەن بىلەن ئوقۇغان ھېلىقى كىتابنى ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپلا يېرىمىنى كۆرۈۋېتىپتىمەن، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ، مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى تازا قويۇۋېتىپ، پەرياد ئۇرۇپ يىغلاپتىمەن، ئۆزۈمنى كاچاتلاپ، بار ئاۋازىم بىلەن يىغلاپتىمەن. مەن نەدە يىغلاشنى بىلمەيمەن، ھەسەل. كىمگە ئېيتىشنى ئەسلا بىلمەيمەن. ئەمما شۇ پىراق، يۈرۈگۈم ئىچىدە لاۋۇلداپ، ۋولقاندەك بالقىپ تۇرغان شۇ پىراق كۆزلىرىمدىن چىقىپ كەتتى.
-نېمانچىلا ئورۇقلاپ كەتتىڭ! - دەيدۇ دادام تىترەپ تۇرغان قولىدا يۈزۈمنى سىلىماق بولۇپ قولىنى سوزۇپ. دادامغا قاراشقا پېتىنالماي كەينىمگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كېتىمەن.
سىرتتا سەن ياخشى كۆرىدىغان قار يېغىۋاتىدۇ. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارغا قارىدىم. يۈزۈمگە ئاسماننىڭ قانداقتۇر يەرلىرىدىن چۈشۈۋاتقان قارلار ئىچىدىن سېنى كۆرگەندەك، سېنى چاچلىرىڭ چۇۋۇلغان ھالدا ماڭا بىچارىلەرچە قاراپ تۇرغان يېرىڭدە كۆرگەندەك بولدۇم. يۈرۈگۈم ئامبۇردا قىسىپ قويۇلغاندەك ئاغرىيدۇ بىلەمسەن ھەسەل!
مەن نېمە بولغان ئادەم؟ مەن نېمە قىلغان ئادەم؟
مەن چەكسىز بەختكە نائىل بولغان ئادەم ئىدىم، سۆيگەن ئىدىم، سۆيۈلگەن ئىدىم. كۆيگەن ئىدىم. شۇ ئوتتا سېنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ قويدۇممۇ ھەسەل. يىراقلارغا كەتكىم كېلىدۇ. بەكمۇ يىراقلارغا سېنى ئىزدەپ بارغۇم كېلىدۇ.
بۈگۈن قانداق بولۇپ ئەينەككە قاراپ قالدىمكىن، بىرھازاغىچە ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن. كۆزلىرىم ئوغرىنىڭ كۆزىدەك ئورىغا پېتىپ كېتىپتۇ. ساقىلىم ئۆسۈپ، ياغاقتەك يۈزۈمدە سەن ياخشى كۆرىدىغان بۇرنۇم چوقچىيىپ قاپتۇ. ئەينەكنى تۇتتۇم. خۇددى سەن مېنى ئاخىرقى قېتىم تۇتقاندەك ئاۋايلاپ تۇتتۇم. ئېڭەكلىرىمدىن سىرغىپ بويۇنلىرىمغا سىرغىپ چۈشۈۋاتقان ياشلىرىم كۆز ئالدىمنى غۇۋالاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي چۈشۈۋاتاتتى. مەن ئەسلى سېنى ئەمەس، پۈتكۈل خوشاللىقىمنى، مەۋجۇتلۇقۇم مەناسىنى يوقاتقان ئىكەنمەن.
بۈگۈن يەنە سېنى سېغىنىپ كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئۆيدە مېھمان بار، دېگەن گەپلەر قۇلۇقىمغا ئانچە مۇنچە كىرگەندەك قىلغان بولسىمۇ، ساپما كەش بىلەن ئىشىكتىن چىقىپ لېفىتقا ئاران ئۈلگۈردۈم. ئىشىكنىڭ ئالدىدا مېھمانلار سوۋغاتلىق ئەكەلگەن ھەسەللەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ھەسەل، بىلەمسەن! بىزنىڭ ئۆيدە ھەسەل يوق، ھېچكىمنى ھەسەل يېگۈزمەيمەن، ھېچكىمنى، نەدە كۆرسەم تاشلايمەن، تېلىۋېزوردا ھەسەلنىڭ ئېلانى ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق كۆپمىدى جېنىم ھەسەل، نېمە ئۈچۈن ھەسەل ھەسەل دەپ يۈرۈگۈمنى تاتلايدۇ ھەممە ھەممە! مەن قاچماقچى بولىمەن ھەسىلىم بەك يىراقلارغا قاچماقچى بولىمەن، سەن بىلەن بولغان شېرىن ئەسلىمەم يوق يەرگە! ئەمما شۇ ئەسلىمىلەر سەۋەبلىكلا مۇشۇنچىلىك ياشاۋاتقانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىپ ئەسلەپ ئازابتىن ھوزۇرلىنىشقىمۇ كۆنۈۋالدى بۇ قەلبىم.

نىجادنىڭ خاتىرىسىنى يۈرۈگۈم بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئوقۇيمەن. ئۇنى يۈگرەپ چىقىپ ئىزدەپ قېلىشتىن، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئانچە مۇنچە ئاڭلاپ قۇلىقىمدا قالغان ئادرىسى بويىچە ئىزدەپ بېرىپ قېلىشتىن قورقىمەن، ئۇ توي قىلىپ يېرىم يىلدىن ئاشقان كۈنى ئىككىمىز تونۇشقان خاتىرە كۈنى دەل مانا شۇنداق بولغان ئىدىم. ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئولتۇرغان چايخانىدىن لەزىنىڭ ھەي، دېگىنىگە قارىماي ئۇ ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىغا بارغانىدىم. ئىككى بېكەت يول ئىدى. قانداق كەلگىنىمنى ھازىرمۇ بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ، خىزمەتدىشى ئەخمەدنىڭ ماڭا ئاجايىپ بىر نەزەردە قاراپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ يوق، ئىشقا كەلمىگىلى بىر ئايدىن ئاشتى دېگەن سۆزىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك بولغاندىلا، ئۇ دائىم قاراپ خالىتىنى ئوڭشاپ قويىدىغان ئەينەكتە ئۆزۈمنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتكەنىدى.
ياشمۇ يىغلىغانغا تۈگىمەيدىكەن. ئەمما كۈلكە كۈلگەنگە تۈگەپ كېتىدىكەن. راستلا تۈگەپ كېتىدىكەن. ھەتتا كۈلكىگە قەرز بولۇپ قالىدىكەنسىز. ئۇنى تۈگىمەس يىغا - قايغۇ بىلەن ئالدىرىماي قايتۇرىدىكەنسىز. خۇددى قايسىدۇر بىر ناخشىدا ئېيتىلغاندەك بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىپ ئۇنى بىر تامچە بىر تامچە كۆز ياش ئارقىلىق چىقارغاندەك قەرز تۆلەيدىكەنسىز. مەن شۇنداق بىر قەرزدارمەن.
بۇ قەرزنى قاچان قانداق ۋاقىتتا تۆلەپ بولىدىغانلىقىمنى بىلمىسەممۇ، بەزىدە كۆپ بەزىدە ئازدىن تۆلەپ ھاياتلىق مۇساپامنى مىڭلارچە جاپادا بېسىپ كېتىۋاتىمەن.
لەزى ئەمەس بەزىدە ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئەمما نىجادقا تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۆزى سۆيگەن كىشىدىن ئازار يېيىش، ئۆزى سۆيگەن كىشىگە ئازار بەرگەندىن ياخشى ئىش دەپ ئويلايمەن. نىجادقا شۇ سەۋەبلىك ئىچىم ئاغرىيدۇ. مەندە پەقەت ئازابلىنىش، سېغىنىش بولسا ئەمما ئۇنىڭدا ئۆكۈنۈش، پۇشايمان، قايغۇ، سېغىنىش، چەكسىزلىككە يېتىۋاتىدۇ. ئۆزىنى نەگە قويارىنى بىلمەيۋاتىدۇ. ھەممە نەرسىنى مەنىسىز دەپ ئويلاۋاتىدۇ، شۇڭا لەزىدەك نىجادنى تىللىغۇم كەلمەيدۇ. نىجادنىڭ دوستلىرى مېنى ئۇچرىتىپ قالسا، ماڭا شۇنچىلىك بىر ھېسداشلىق نەزىرىدە قارايدۇكى، ئۇلارنىڭ شۇ قارىشىدىن نىجادقا قانچىلىك نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلەيمەن. ئەمما ئۇلارسىزمۇ نىجادنىڭ دەردى ئۆزىگە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى ئويلىدىم. يازدىم. قان زار يىغلاپ تۇرۇپ يازدىم. ئۇنى سېغىنغىنىمنى، پەقەتلا ئۇنى سېغىنىدىغانلىقىمنى، ھەرۋاقىت، ھەر زامان ھەر ماكان، نەپەس ئالغىنىمغا ئوخشاش سېغىنىدىغانلىقىمنى يازدىم. ئۇنىڭسىز ياشاۋاتقانلىقىم يادىمغا يەتسە يوللاردا تۇيۇقسىز توختاپ قالىدىغانلىقىمنى، زوڭ ئولتۇرغان پېتى پۇتلىرىمنى قۇچاقلاپ يىغلايدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ بىلەن ماڭغان كوچىلاردا ماڭسام، تاملىرىنى، رېشاتكىلىرىنى سىلاپ كېتىدىغانلىقىمنى، ئۇ بىلەن بىللە بارغان چايخانىلاردا سائەتلەپ ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىمنى، ئۇ ئېلىپ بەرگەن ھەربىر نەرسىنى كۆرسەم ئېسەدەپ تۇرۇپ پۇراپ كېتىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەرنى كۆز ياشلىرىم بىلەن بولغاپ بولاي دېگەنلىرىمنى تالاي تالاي ئىشلارنى يازدىم. ئەمما ئۇنى كۈندىلىك خاتىرەمدە ساقلاپ قالدىم. نېمە قىلاي؟ ئۇنىڭ دەردى ئۈستىگە دەرد قوشۇپ. مۇھەببەت دېگەن يۈرەكتە تۇرسا، كىم بىلەن بىللە بولۇشىمىز مۇھىم ئىدىمۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
بىرىنى سېغىنىش، شۇ سېغىنىش ئوتلىرىدا ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرۈش ئۇ بىر خۇمار. بىلەمسىز بەكمۇ يامان خۇمار. شۇڭا مۇشۇنداق خۇماردىن پۇخادىن چىقىۋالمىغۇچە يۈرۈگۈم غىڭ غىڭ قىلىپ ئارام بەرمەيدۇ، مۇشۇنداق ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ سېغىنىۋالسام نەچچە كۈنگىچە خېلى ئارام بولىدۇ. ئەمما ھازىر بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىمۇ ئىككى كۈن ئارانلا پايلايدىغان بولدى. ئامالىم يوق. شۇ سەۋەب لەزى دېگەندەك زەھەرگە خۇمار بولغان ئادەمدەك ئۇنىڭ خاتىرىسىنى سومكامغا سېلىپ يۈرۈيمەن. خۇمارىم تۇتقاندا قولۇمغا ئېلىپ، ئىككى بەت ئوقۇۋالسام يۈرۈگۈمنىڭ سېغىنىشتىن زىدە بولغان يېرىگە داۋا!
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 18:40:42

ئاجىز ئۈمۈد بىلەن كىرگەن ئىدىم ..ئاخىرى كەينى چىقىپتۇ..
تىلى مەزمۇنىغا بېقىپ شۇنداق يېنىك ...دىلغا ياقىدىغان ئازاپلىق لىرىكا...
  
بۇ قۇرلارنى ئۇقىۋېتىپ «چالىقۇشى»نىڭ ئاپتۇرى رىشات نۇرى گۈنتېگىننىڭ «لەۋدىن قەلبىكە»دېگەن رومانىدىكى  تۆۋەندىكى بايانلار ئېسىمگە كەلدى:
     بەخىتلىك بۇلۇش ئۈچۈن ئسلى چارە مۇنداق بولىشى مۇمكىن:مۇھاببەت دېگەن نەرسىنى لەۋدىلا قالدۇرۇپ ،ئۇنى  زەھەردەك قەلبىنىڭ تېگىگە چۈشۈۋېلىشىغا يول قويماسلىق...

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 18:45:14

ئەدەمنى دەتمەن قىلىۋەتكىلى  تۇدىڭىزغۇ:(:(:(

qehwe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:09:42

جېنم يۇسران,زادى دەھشەت يازىسىز,بىر ھەرپنى قەتى باسالمىدىم تېلفۇندىن,قايسى ھەرپنى باسالمىغىنىمنى بىلەلىگەنلەر ماڭا دەپ بېرىڭلارچۇ,تېخىمۇ جىق ىنكاس يازماقچىتىم يازالمىدىم。

simple يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:49:06

qehwe يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 20:09 static/image/common/back.gif
جېنم يۇسران,زادى دەھشەت يازىسىز,بىر ھەرپنى قەتى باسال ...

  ‹ئ›  ھەرپى ئوخشايدۇ دىدىم.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 15:21:56

داۋامىنى 4 كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتمەن {:92:}

Aschenputtel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:03:12

يىرتىڭە  يۈرەكنى، قۇرلىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ مەنمۇ يىرتىپ باقاي دېسەم يىرتقۇدەك پارچىسىمۇ قالمىغان بىر نەرسە بارماقلىرىمغا ئۇرۇلدى.

Aschenputtel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:03:52

مۇھەببەت -بۇ دۇنيانىڭ دوزىخى ۋە جەننىتى .

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 23:36:22

ئاخىرى قىنى يۇسران

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 00:11:07

ھەجەپبىر ئاز ئازدىن يوللىدى.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 01:43:40

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 01:49 static/image/common/back.gif
مېنىڭ پىكرىمگە دىققەت قىلىشنى خالىسىڭىز ئەلۋەتتە خوش ...

ئاۋۇ بىچارە موماينى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى بۇ يەردە ئويناپ يۈرگىنىنى قارىمامدىغان! خەەەەپ، خەپ! بەڭۋاشلىقمۇ بۇ؟ ھە! مۇشۇ كۈننىڭ ياشلىرىنىزە قۇلاقتىن سوزۇپ ئەدەپلىمىسە بىكار. گۈلەم موماي نېمە بولاپ كەتتى گۆكىرەپ كۆيىۋاتقان ئوچاق بېشىدا - دەيمەن!

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 07:50:06

ھەپتە ئاخىرى تەنەپپۇس قىپتۇقتە

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 11:06:17

Pitbash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 07:50 static/image/common/back.gif
ھەپتە ئاخىرى تەنەپپۇس قىپتۇقتە

:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 11:07:01

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 01:43 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ بىچارە موماينى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى بۇ يەرد ...

گۈلەم مومام ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بولدى، ئاز كۈندە نەزىرىگە چىللايمەن، كەپ بېرەلا، ماقىما!

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 11:10:57

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 11:07 static/image/common/back.gif
گۈلەم مومام ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بولدى، ئاز كۈندە نەزى ...

بىز ئوقۇۋالغۇچە ھايات قويسىڭىز بولىتى ئاپاش:lol

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 13:33:34

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 11:07 static/image/common/back.gif
گۈلەم مومام ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بولدى، ئاز كۈندە نەزى ...

ئۆزرە تىلەيمەن. كۆڭلۈم يېرىم بولدى.:'(

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 15:06:53

      داۋامىغا ساقلاپ قالدۇق،بىزنى تاتلىق خىياللارغا سېلىپ قويۇپ ئۆزىڭىز يوققۇ!
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9 10 11 12 13 14 15 16
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)