apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:02:10

ھەممىڭلار ئاتتەك دەپسىلەر
ھەسەلدەك چىقىپتۇ :lol
داۋامىنى ساقلايمىز، ئۇزاق بوپتىكەن يۇسراننىڭ ئەسىرىنى ئوقىمىغىلى.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:15:17

ياخشى،داۋاملىق-ھە!

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 19:03:34

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 17:05 static/image/common/back.gif
ھەممىڭلارنىڭ ئىسىگە مەن سالدىم ھەقىچان

شۇنداق، شۇنداق. يۇسراننىڭ ئاتتەك ساۋاقداشلىرى نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ ماڭا شۇ يازما راستەكلا تۇيغۇ بەرگەن ئىدى، بۇ قېتىمقىمۇ تېتىشلىق چىقىپتۇ.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 19:39:26

ئالىپتە كىيىنگەن
بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ :o

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 19:54:36

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 19:39 static/image/common/back.gif
ئالىپتە كىيىنگەن
بۇ نېمە دېگەن گەپ؟

سەكىس، شۇشەن. ئالا بۇلماچ، ئىسىل ساڭگۇل، قىسقىسى نورمال كىيىنىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ كىيىلگەن، قارىماققا مەلۇم خىل سالاھىيەتنى ئىپادىلەيدىغان كىيىنىش ئۇسۇلى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:12:35

يۇسراننى مەن يالۋۇرۇپ ئەكىردىم ئىزدىنىشقا {:92:}{:92:}

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:31:41

شەھلا  ئايلاممۇ ماختاپ كىتىپتۇ مىنە...زادى بىر پىچەت يەرلىرى با  ما تىمېنىڭ

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:33:28

باشلىنىشتىكى شىئىرنى ياقتۇردۇم

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:04:57

رەھمەت،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!مەن نىمىمۇ دەرمەن؟!شەھلا ھەدىمىز ماختىغۇچە بولغاندىن كېيىن ياخشىكەن،دەيمىزدە ئەمدى!!:):
)مەنمۇ بىر نىمىلەرنى يېزىپ يوللىسام،شەھلا ھەدە،ئانچە-مۇنچە ماخـتاپ رىغبەتلەندۈرۈپ قوياسىزمۇ:):)
سىزنىڭ نەزىرىڭىز خېلى ئۈستۈنمىكىن دەيمەن،بىر نەرسىلەرگە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيدىغاندەك قىلىسىز.شۇڭا دەيمىنا :)

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:01:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 09:44  

شۇنداق قىلىپ دوستىمىز گۈلرەيھاننىڭ ئىككىنچى تويىدىكى يۈزىنى ئېچىۋەتتۇق، تويغا قاتنىشىشا ئەڭ قورقىدىغان بىر ھالقا دەل مۇشۇ. قىزنى ئېلىپ ماڭغاندا بىر يىغلايمەن، ئوغۇل تەرەپكە كېلىپ يۈزىنى ئاچقاندا بىر، شۇنىڭ بىلەن ئىششەك پۇل خەجلەپ ياسانغىنىم نۆل بولۇپ، ھاجەتخانىغا كىرىپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ پوتلامنى ئېيتىپ چىقىمەن، خۇددى گۈلرەيھان توي قىلغان يىگىت مېنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇمدەك، بۈگۈنمۇ ئامىن دېگەندە كۆز ئالدىمغا دادام رەھمەتلىك كېلىۋېلىپ كۆزلىرىمدىن ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلدى. ئەزەلدىن بىر ئىز قىلسام ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان مەن جاھىل، مۇشۇ يىغىغا كەلگەندىمۇ ئىككى ئۈچ تامچە ياشنى يۈزۈمدىن سېپىۋېتىپ كۈلۈپ يۈرۈشنى بىلمەيمەن قاراڭلار، يىغلىدىممۇ ئاخىرىنى چىقىرىپ ئىچىمنى بوشاتقىچە بولدى قىلمايمەن.
- ۋاي بولدى قىلساڭ بىر ئاداش، ئاللاھ، ما خەقلەر سېنى خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن، گۈلرەيھاننىڭ ئىككىنچى يولدىشىغا ھەسەل دېگەن دوستى كۆيۈپ يۈرۈپتىكەن،د ەپ گەپ چىقسا يىغۇشتۇرغىلى بولمايدۇ! - دەپ لەزى ئىككى ئالقىنىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇپ يىغلاۋاتقان يېرىمدىن سۆرەپ ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىردى.
بۇ لەزىنى نېمە دېسەم بولار؟ باشقا ئىشلاردا ئىنتايىن تەمىنكىنكىن، ھەيران قالىسىز، بە ش مىليون مۇكاپات چىقىپتۇ ئاداش ماڭا دېسىڭىز ئۇ چوقۇم ئالدىرىماي تۇرۇپ، ئاداش ئەمىسە ماڭا كىرىدىت كارتامدىكى بەش مىڭ سوم قەرزىمنى تۆلەپ بېرەمسەن؟ دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويىدۇ، خالاس. بىر قېتىم شۇنداقراق ئىش بولغان. بۇنىڭ كېيىن دەپ ئۆتۈپ كېتەرمەن. ئەمما مۇشۇنداق قىز - ئوغۇللارغا ۋە ياكى مۇھەببەتلىك، ھېسسىياتلارغا تاقىشىدىغان قىز - ئوغۇللارنىڭ بىنورمال تېمىسىغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن بەك قورقىدۇ. ھازىرمۇ مېنىڭ ئېنىق دادامغا يىغلاۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ گۈلرەيھاننىڭ باشقا دوستلىرىنىڭ بىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىدىن ھۈركۈپ مېنى ماۋۇ ئەكىس ساداسى دەھشەت كۈچلۈك ھاجەتخانىسىغا سۆرەپ ئەكىردى.
- ئېيتقىنا، كۆزۈڭنى ھەي، مۈشۈكئېيىقنىڭ ئۆزى بوپسەن. قاچانمۇ بىر نورمال ئادەمدەك ھېس  تۇيغۇدا بولارسەن، توۋا، مەردان داداشنى سەن ئەمەس مەن ئويلىساممۇ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، ئەمما بۇ دېگەن توي تۇرسا ئاداش، پەتە- نەزىر بولسىكەن ئەمدى، خەقلەر ئامىن دەپ بەخت تىلەۋاتسا ئامىن دېگەن پېتى بۇنداق يىغلىساڭ خەق سېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ....&%%$^&**((&*\
ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى قۇلىقىمغا كىرگەن بولسا نېمە دەي! ئەمما مۇشۇنداق پال - پۇل كۆينەكلەرنى كىيىپ مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك رېستۇراندا دادامنى ئەسلىگىنىم قاملاشمىدىمۇ يا؟! دادام مېنىڭ ھاياتىم دادام. پەخرىم دادام، مېھرىبان كۆيۈمچان، باغرى بوستان دادامدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتىمەنيۇ، قالغان ئادەمنىڭ باھاسى كۆز قارىشى نېمىتى مەن ئۈچۈن!
لەزى يەنە بىرنېمىلەرنى دېيىشتىن پەقەت توختىمىدى. بايام ياقى ئۇنىڭ توختىماي مىدراۋاتقان ئاغزىغا قاراپ قۇلىقىم چورتلا ئاڭلىماس بولۇپ قالدىمۇ - نېمە؟ دەپ ئەنسىرىگەنىدىم. ھازىر تۇيۇقسىزلا قۇلىقىمغا تۇربىدىن چۈشكەن سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بېشىمنى بۇراپ تامغا چاپلانغان ئەينەككە قارىدىم.
- ئاداش، مەن يىغلىساممۇ بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنمەن جۇمۇ!
كىچىك سومكىسىدىن ئۇپا ئېلىپ يۈزىگە سۈركەۋاتقان لەزىنىڭ كۆزى چىقىپ كېتەي دېدى.
-ھەسەل، سەن تۈگەپسەن. 4 - دوختۇرخانا بەك باس باس دەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ بېرىپ كېلەيلى. بۇنداق كېتىۋەرسەڭ مەن ئەنسىرىدىم سەندىن.
ئۇنىڭ چاقچىقى بىلەن راست گەپنى ئوخشاشلا مۇشۇنداق تەمكىن دەۋالىدىغان يېرى ئوماق.
ئەينەككە قاراپ كۆزلىرىمدىن ياش يەنە تۆكۈلدى. ئەمما ئۆزۈمگە قاراپ كۈلگۈم كەلدى.
- ئىلگىرى بۇ دۇنيادا خېلى خېلى ئازابلارنى خەققە بىلىپ بىلمەي تارتقۇزۇپ قويۇپ، شۇنىڭ دەردىنى ئۆزۈممۇ ئۆلگۈدەك تارتقان بولساممۇ، دادام بار دەيتتىم. دادام قەلبىمدە، ھاياتىمدا، كۆڭۈل بېغىمدا بىر قۇياش ئىدى، - كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلسىمۇ، مېيىقىمدا شۇنداق بىر كۈلكىنى ئالدىمدىكى ئەينەكتىن كۆرۈپ لەزىگە قاراپ قويدۇم، ئۇ مېنى قېنى ئاخىرىنى دېمەمسەن دېگەندەك ئەينەكتىن ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ ئۆزىنى تۈزەۋەردى. - ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تويى بولدى دېدىم، ئەمما دادامدىن ئايرىلىپلا ھەممە دەرد قايتىدىن چۇلغىۋالدىمۇ ئاداش مېنى!
گېپىمنىڭ كەينى تۈگىمەيلا ئارقىمىزدىكى ئىشىك ئېچىلىپلا بىرى چىقتى.                        
- ۋاي! دەپلا قالدۇق.
ھېلىقى بالا، كىنوخانىدىكى، ئالدىنقى ھەپتە ئۇچرىغان ھېلىقى يوغان ئاداش شۇ ئىدى.
- سىزگىمۇ ئاللاھ ئېيتقان بىرى چىقىپ قالا، بۇنچىلىك قايغۇرماڭ، قىزلار ھاجەتخانىسىدا گەپ سۆز  بولىدۇ دەپ، بىزنىڭكىگە كىرگەن گەپما؟
لەزى ئىككىمىز ئالدى بىلەن بىر - بىرىمىزگە، ئاندىن ئىتتىكلا ئىشىك بېشىدىكى  بەلگىگە قارىدۇق، توۋا مانداق رەڭ بىلەن پەرقلەندۈرسە  بولمامدۇ، ما خەق، ئوخشاشلا تۇرمامدۇ، ئا بىرسىنىڭ كۆينىكى باركەن راست.
- ۋاي سىزمۇ ماندا مۆ دېسىڭىز بولمامدۇ، ھوللىۋودنىڭ كىنوسى بولمىغاندىكىن بۇ مۆكۈپ تۇرۇپ ئاخبارات توپلايدىغان! - دېدى لەزى نەرسىلىرىنى سومكىسىغا سالغاچ ماڭا شەرەت قىلىپ ئۈلگۈردى. مەنمۇ يانمىدىم:
- شۇنى دەيمەن، يېشىل گېگانت ئادىمىدەك قىلىپ ئىشىكنى گوم قىلىپ ئېچىپ يۈرمەي!
يېنىمىزغا كېلىپ قولىنى يۇيۇشقا باشلىدى، ئۇ يېشىل مەخلۇق. لەزى قولىمدىن تارتتى، مۇشۇنىڭ ئورۇقلىقىغا باقماي كۈچى خۇدايىم. سەلتۈرۈنۈپ كەتتىم، ما ئۇزۇن كۆينەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن، كەينىمدىن ئۇ بالا تۇتۇۋالمىغان بولسا بېشىم خىش تاشقىلا تېگەتتى. مۇشۇ بويۇممۇ ئېگىز، ئۆزۈممۇ يوغان. سەلتۈرۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇرمىغىممۇ خېلى تەس.  ئىشقىلىپ ئۇ بالا يۆلەپ، لەزى تارتىپ ئۇ يەردىن ساق - سالامەت چىقىۋالدۇق، زالدا دېگەن ئۇسسۇل قىززىپ كېتىپتۇ. ساماغا چۈشۈپتۇ. ياخشى كۆرىمەن سامانى. ئوغۇللار ئوينىسا قاراپ ھوزۇرلىنىپ كېتىمەن. لەزىگە ئەپەندىمدىن تېل كەلدى، سىرتقا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇدۇل كەلگەن ئۈستەلنىڭ بىر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ئوغۇللارنىڭ ساماسىدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدىم.
گۈلرەيھان بۇ بالىنى نەدىن تاپقاندۇ، توۋا! بويلىرى قىرقىپ قويغاندەك تەكشى، ھەممىسى ئىچىگە رەڭلىك كۆينەك ئۈستىگە قارا رەڭلىك كاستيوم - بۇرۇلكا كىيىپتۇ. ما سامادا تېخىمۇ پەيزى چىقىپتۇ. يىگىت ئوتتۇرىسىدا ئويناۋاتىدۇ. گۈلرەيھانغا قاراپ قويدۇم. ئۇ قانداقتۇر بىر خىل ھەيۋە بىلەن چاۋاك چېلىپ قويۇپ، ياندىكى قىزلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋاتاتتى، ئايچېھرى ئەلۋەتتە بۇنداق يەرلەردە بىرىنچى. شۇلار بىر چۈشۈۋالسۇن، ئاندىن لەزى ئىككىمىز بېرىپ چۈشەمىز.
تۇيۇقسىز ئوغۇللار ئارىسىدا يېشىل كۆينەكلىك ھېلىقى بالا پەيدا بولدى. بوي بەستى يوغان بولغان بىلەن سامانى ياخشى ئوينايدىكەن. كۆزۈمنى سەل قىسىۋالمىسام ياخشى كۆرەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايام يىغلاپ، كۆزۈم ئېچىشىپلا تۇرغاچقا، كۆرەلمەي بىزە قىينىلىپ قالساممۇ ئۇنىڭ بايىقى يېشىل مەخلۇق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. بۇ بالا گۈلرەيھاننىڭ يولدىشىنىڭ دوستىكەندە! ھىم. ئەمىسە قىز دوستىنىمۇ گۈلرەيھان تونۇيدۇ دېگەن گەپ! شۇنىڭدىن سوراي ئۇ قىز قىزىل چاپىنىنى نەدىن ئالدىكىن، شۇ كۈنى ماڭا بەك يارىغان ئۇ چاپان!
شۇنداق ئىشلارنى خىيال قىلغاندا، ماڭا سىرتتىن قارىسىڭىز ئاجايىپ نورمال، خۇددى سامانى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقاندەك، ئەمما خىيالىم نىكەم توخسۇندا پالاز قېقىۋاتقان. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا ئالدىمدا تۇيۇقسىز ھەرقانداق بىر ئىش يۈز بەرسىمۇ سەزمەيمەن. شۇڭا ھېلىقى يېشىل كۆينەكلىكنىڭ يېنىمغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەپتىمەن.
- ئىسمىڭىز نېمىتى؟ ۋارىنا، مۇراببا، قەن، شېكەر ياق ھەسەل راست ھەسەل ھە!
خىيالىمدىن چىقىپ بۇ بالىنىڭ نېمىنى كىمگە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا لەزى پەيدا بولدى.
داۋامى بار. ئەمدى گېزىتىمنى ئىشلىۋالاي ھە

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:06:07

ئەتىگەندە ئىنكاس كۆزنىكىگىلا ئالدىراپ يېزىپ ئىملادا كەتكەن يېرىم بولسا تۈزىتىپ ئوقۇۋېتەرسىلەر ئەزىزلەر.

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:10:31

ئېسىل……
داۋامىنى ساقلايمىز ئەمسە:lol:P:P

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:15:50

ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، داۋامىنى ساقلايمىز.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:59:13

ۋاي بولاڭە تىزراق، قولۇمدىكى رومانندىن زىرىكىپ تۇرسام بۇ ئاتتەك ئەسلىمىڭىز بار ئىكەن ، بىردەمدە داۋامى بار دەپ تۇرىدۇ……

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:48:07

- بۇ قوغدىغۇچىڭىز بولىدىكەن مانا! - دېدى يېشىل كۆينەكلىك بالا لەزىنىڭ ئۆزىگە ئۆچى باردەك قاراپ تۇرۇشىغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ، - ئاتا - ئانىنىڭ ھېچقايسىسى بىزگە باقىۋەندە ئەمەس. دادىڭىز رەھمەتلىكنىڭ روھىنى قورۇندۇرماي ياشاڭ. خالىسىڭىز مېنىڭ ئىككى دادام بار. بىرىنى بېرەي سىزگە.
مۇزىكا توختاپ سەھنىدە كىچىك بالىلار ئۇياقتىن - بۇياققا سەكرەپ ئوينىشىپ يۈرەتتى. تۇيۇقسىز مېنىڭ شۇنچىلىك ۋاقتىمدا دادام باتتى، دەپ ئويلىدىم. يېنىمدىكى لەزىگە قارىدىم، دادىسى بار،  ماۋۇ بالىنىڭ ئىككى دادىسى بار. نېمىدەپ مېنىڭ دادام يوق! كۆزۈمگە يىغا ئولاشتى. لەزى بىلەن ئاۋۇ بالا بىرنەسىلەرنى دېيىشكەندەك قىلدى. يەنە ھېلىقىدەك ھېچقانداق ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ، ئۆزۈمنىڭ يۈرەك تىۋىشىم، يۈرىگىمنىڭ چاك چاك قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئازابلىنىشى، قەلبىمدىكى پىغاننىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتىشىلا ئىچىمدىن غۇۋا ئاڭلىنىدۇ. يېقىننىڭ ياقى مۇشۇنداق ئەھۋال بەك كۆپ. ۋاقىت توختاپ قالغاندەك، دۇنيادا مەنلا قالغاندەك، ياكى روھىم تېنىمدىن ئاجراپ كەتكەندەك بولۇپ قالىمەن.
- ماڭە، رەسىمگە چۈشۈۋالايلى ھەسەل!
لەزى قولۇمدىن تارتىپ ماڭغاندىمۇ ئۆزۈمنى لەيلەۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز كەينىمدىكى بالىغا قاراپ سالدىم.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇر مەندەك ھېكايىسى بارلارلا چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان شۇنداق بىر ئازابنىڭ ئۇچقۇنىنى كۆرۈپ قالدىم.
*******************************88
شەنبە يەكشەنبە كۈنى ئىشلىگەندىن بەكرەك چارچاپ كېتىمەن مەن. سىلەرمۇ شۇندامۇ، يا مەنلا شۇنداقمۇ؟ توي، چاي. مەسلىھەت چاي، ھەرخىل يىغىلىش ئولتۇرۇشلار. دۈشەنبە كۈنى ئىشقا شۇنىڭغا ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ ئارانلا كېلىۋالىمەن. ھاشادىن قايتقاندەك. شۇڭا شەنبە يەكشەنبىنى بەكمۇ خالاپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم. دۈشەنبە ھەرخىل يىغىن ئېچىلىپ بېشىڭىزنى يەپ كەتمىگەندىن باشقا قالغان ئىشلار ياخشى، كومنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، خىزمىتىم ۋە قىزىقىشىم ئوخشاش بىرئىش. ئەڭ مۇھىمى شۇكى مېنىڭ پىغانىم، ئىچىمدىكى چۇقانىم مۇشۇ كەمپۈتەرنىڭ يۈزىدە ۋە كونۇپكا تاخىتىسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ھاۋامۇ كۆڭلۈمدىكىدەكلا. چىراقنى ياندۇرمىسىڭىز قاراڭغۇ بولغۇدەك دەرىجىدە تۇتۇق. بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى بولماي نېمە دەيسىز!
ھەممە ئادەم مېنى سەن بەك بەختلىك دەيدۇ، ئىنشائاللاھ شۇنداق دېگىلى نىسىپ قىلسۇن!
ئەمما مېنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىمنى نەدىن بىلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، نەرىمنى، نېمەمنى بەختلىك دەيدىغاندۇ؟ مۇشۇ ياشقىچە مۇھەببەت ئازابىدىن چىقىپ بولالمىغىنىمنىمۇ، ياكى ئۇنىڭ توي قىلىۋالغانلىقىنى كۈلۈپ تۇرۇپ بەخت تىلەپ قۇبۇل قىلالىغىنىم ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى يۈزۈمدە مەڭگۈ ئۆچمەس ساقلىنىپ تۇرىدىغان كۈلكەم ئۈچۈنمۇ؟ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ.
ئەمما مېنى بۇرۇندىن بىلىپ كەلگەنلەر ۋە ياكى يېڭى تونۇغانلار بولسۇن، ماڭا ھەۋەس قىلارمىش، گەپ - سۆزۈمگە، يۈرۈش - تۇرۇشۇمغا! مەن باشقىلارغا ئوخشىمىغان ھالدا خاسلىققا ئىگىمىشمەن. كۈلۈپ كېتىمەن، سىزگە دەي قېرىندىشىم، باشقىلارغا ئوخشىمىغان بىر سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەندە، دۇرۇس، باشقىلار ھېس قىلىپ باقمىغان شېرىن مىنۇتلارنى ئۆتكۈزگەن ئىكەنسىز، سىز شۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىدە ئازابلىق دەقىقىلەرنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىسىز، شۇندىلا سىز باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز،  سىز بىر كىتابنىڭ ئەڭ بېشىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىنى كۆرۈۋېتىڭ، ئاندىن ئۇنى بىر باشتىن كۆرۈشكە باشلىغاندا شۇنداق تەمكىن بولۇپ كېتىسىز، شۇنىڭغا ئوخشاش ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارغا شاھىت بولغان بۇ جىسمىم، روھىم ئەلۋەتتە ئىنسان بالىسىغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان مىنۇت دەقىقىلەرنىمۇ ئۆتكۈزگەن تۇرسا، مەن مۇشۇنچىلىك بولماي قانچىلىك بولاتتىم، ئاپام دەيدۇ، سەن پەيلاسوپ بولاي دەپ قالدىڭ دەپ.  بەلكىم سۆزلىرىم ھېس قىلغان تۇيغۇلىرىم مېنى ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيانىڭ باشقا مەئىشەتلىرىگە قىزىقماس ۋە ياكى خالىماس ئارزۇ قىلماس قىلىپ قويغان بولسا كېرەك. نېمە دەيمىز بۇنى لەزىنىڭ گېپى بويىچە يۈرىگى ئۆلگەن. شۇنداق بولغان بولسا مەيلىتىغۇ، نىھايەت بۇ يۈرۈگۈم ئازابتىن باشقا نەرسىنى سىغدۇرالماس بولۇپ قاتقان بولسا كېرەك.
ھېلىقى گەپ قانداقتى؛
يالغۇزلۇقۇڭ يالغۇزلۇقۇم بىلەن قاپىيەلىنەتتى.
ئاستى ئۈستى يازغان بولساق شېئىر بولاتتى
يانمۇ يان يازغان بولساق ھېكايە بولاتتى.
ئەمما بىز يازمىدۇق،
نىھايەت ئۇ ئىشق بولدى.


مانا مۇشۇنىڭدەك. بىز يالغۇزلىقىمىزنى يازمىدۇق، بۇ ئازاب بىزنى ئۆلتۈرمىدى ئەكسىچە بىزنى بەك باتۇر قىلىۋەتتى.
داۋامى بار

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:00:17

ۋاھ
داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:18:28

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 14:01 static/image/common/back.gif
ئالە شەرىڭنى .....يۇسران پەيدا بوپ قالدىغۇ ئەمدى

ھى ھى مەن كەلدىمۇ ئەركتىكىنكا. سىز يوق ئەمما

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 17:47:58

دەپ قويۇپ يوللىمامسىز دەيمە، بىزمۇ بىرىنچى رەتتە ئولتۇرۇپ كۆرەتتۇق.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 19:00:06

ھىلىقى   سىز ئالىدىغان قىزىل چاپاندا  بىر  مەسىلە بار چوقۇم :lol:lol:lol
يەنە  بىرسى  ئاۋۇ كەمپۈتەر دىگەن گەپ ھەجەپ يىقىشلىق ئاڭلىنىدىكىنا

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:24:02

ما قىزنى يېڭى ئەسىرىم بار دەپ ئېلان چىقىرىپ قويماي .

بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9 10 11
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)