RAUL113 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:38:02

تۇنجى مۇھاببەتنى ئەسلەپ باقمىغىلى ئۇزۇن  بوپتىكەن  . ئا تەسۋېرلەرنى ئۇقۇپ  كونا  دەردلەر قوزغۇلۇپ قالدى ،

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:46:02

يۇسىران قىزنى قاچان ئاخىرىنى يوللاركىن دەپ كۈندە ئون قېتىم تېما مارىلايدىغان بۇلۇپ قالدىم .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 18:15:39

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 11:09 static/image/common/back.gif
ھاھا ئوماق جېنىم.
ئاللاھ خالىسا بۇ ئەسەر يىل ئاخىرىغى ...

دىيشىۋاتقىنىڭلا قايسى ئەسىردىكى ئايغى چىقمىغان رومان ئۇ؟  بولسا ئادىرسىنى تەمىنلەپ بىرىڭە ،ساۋادىمنى چىقاغاچ تۇراي

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 20:43:55

كۈرۈلدى ....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 21:11:04

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 07:45:52 static/image/common/back.gif


بىرزاتكامنىڭ بۇنچە لىرىكىلىشىپ كەتكەنلىكىنى پەقەت ئ
قىززىق، ھەممىڭلار مېنى قېرى مىجەز، چوڭ سۈپەت دەپ قارامسىلە!!! ئانچە-مۇنچە ياشباللادەك لىرىكا ئويناپ قويسام ئىشەنگىڭلار كەلمەيدۇ. ھەي توۋا :loveliness:

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:16:12

يېزىڭە مۇھەببەت ئارمانىنى. بۇ ئەسلىمىمۇ بەك تاتلىق چىقىۋاتىدۇ. كۆز  تەگمىسۇن.

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:27:41

قولدىكى گېزىت تۈگىمەپتۇدە ؟ بەك ساقلاپ كەتتۇققۇ

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:45:11

كەينى.......:'(:'(

Aschenputtel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 14:48:36

ئازاب بەك شېرىن بولىدۇ بەزىدە.{:241:}

Anar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 14:59:07

يۇسران ئالدىراش ئوخشايدۇ  ، بەك ساقلىتىۋەتسىڭىز يامانلاپ قالمايلى يەنە :P

Aschenputtel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:00:51

چاي ۋە قەھۋە
سۆھبەت ۋە ھېكايە
مەنلىكىمدە  غايىب بولۇپ ئۆزلىكىڭدە گەۋدىلەنگەن سەن

يا  رەب
ياراتتىڭ
ئاشىق قىلدىڭ ،ئاشىققا  مەشۇقمۇ قىلدىڭ
ۋىسال بەرمىدىڭ

بىلىمەن
بىلىسەن
مەن ساڭا  ،سەن ماڭا
ئەسىرسەن ،ئەسىرىڭ مەن

رومكىلاردا قان رەڭ سۇيۇقلۇق
جام كۆزىدە ماڭا باقىسەن
مەۋجۇتلۇقۇمنى ھېسسەتمىدىڭمۇ ؟
كۆزلىرىمدە سىمايىڭنى ئىزدەيسەن

بۇ ئاخشام مەن ساڭا  رەققاس
كۆزلىرىڭدە ئۇسسۇل ئوينايمەن
ھىجرانىڭدىن قۇرۇپ قاغجىراپ
رەڭگى ئۆزگىرىپ
ساپسېرىق سېغىزدەك
ئۆلۈك توپىدەك
ياق ياق
چاك چېكىدىن يېرىلغان تۇپراقتەك
سۇسىراپ ،سەنسىراپ كەتكەن
يۈرىكىمنى قانغا بويايمەن


سورىدىلار:
سېغىنىشنىڭ رەڭگى قانداق ؟
دېدىم:كۈلرەڭ
ھىجراننىڭچۇ ؟
قارا
مۇھەببەتنىڭچۇ
قىزىل
ۋىسالنىڭچۇ؟
قان رەڭ

سورىدىڭ :
قاچان ئۆلىمىز؟
دېدىم
سەن بىلەن مەن ۋىسال تاپقاندا.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:46:50

چانامتۇق{:92:}{:92:}{:92:}

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:52:28

بۇ دۇنيادا ھېچكىم سۆيگۈسىز قېلىشتىن قورقمايدۇ، يېنىمىزدا ھامان بىزنى سۆيىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان ھەمراھ بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى، جۈملىدىن مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم مېنى بىراۋنىڭ مەن دېگەندەك، مەن دېگەن شۇخىل ئۇسۇلدا سۆيەلمەسلىكى!
دوست دېگەن نېمە؟ بىر ئېغىز چۈشەنچە بېرىشىڭ ھاجەتسىز، ئۇ بەلكىم سېنى ئۆزىدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ پەيزىنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا سۈرىمىز لەزى ئىككىمىز، ھەممە ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشكەن، ئالدىراش، ئۇ بۇ ئىشلىرىغا، ئەمما ئىككىمىز دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىنكى ئۇزۇن گۈللۈگنىڭ قىرىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرىمىز، قولىمىزدا بىردىن مېنىرال سۇ. لەزى ئۇزۇن پۇتلىرىنى ئالدىغا سوزۇپ، ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرىدۇ، ئۇشۇقىنىڭ سەل ئۈستىگىرەك كېلىدىغان قارامتۇل كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن ئۈستىدىكى توق قىزىل رەڭلىك تەنھەرىكەت مايكىسى، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ قالايمىقانلا تۈرمەكلىۋالغان سارغۇچ چېچى قۇياش نۇرى ئاستىدا نىجادنىڭ ساماۋى تۇيغۇلارغا تويۇنغان ئۇچۇرلىرى بىلەن سېنتەبىرنىڭ بۇ چۈشتىن كېيىنكى زامانىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئىللىقلىققا تولدۇرغانىدى. مەنمۇ پۇتۇمنى سوزۇپ لەزىنىڭ پۇتىغا پار قىلدىم. ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئاق رەڭلىك رەخت ئايىقى بىلەن مېنىڭ ئۇشۇقۇمدىن ئاشىدىغان يۇمشاق پادىچىلار رەختلىك ئۇزۇن يوپكامنىڭ ئېتىكىدىن ماراپ تۇرغان ئايىقىمىز ئوخشاش ئىدى. بۇ ئاياق كىچىكىمىزدى گىمناستىكا ئوينىغاندا كىيىدىغان بۇقۇشلۇق رەختلىك ئاق ئاياق ئىدى. ئىككىمىز بۇ ئاياققا كۆيىكىمىز بار، 20 يۈەنلىك بۇ ئاياقنىڭ بۇقىچىنى ئېلىۋېتىپ مۇشۇنداق كىيىپ يۈرىمىز.
-ھەسەل
لەزى ئادەتتە مۇشۇ تەلەپپۇزدا ئىسمىمنى چاقىرىپلا سالسا، دېمەك ئەستايىدىل بىر پاراڭ بولىدۇ ئارىمىزدا. ھە دېگەندەك ئۇنىڭغا قاراپ قېشىمنى ئېتىپ قويدۇم.
-سەن ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن!
ئۇنىڭ پۈتكۈل يۈزىدە كۈلكە مانا مەن دەپ تۇرسىمۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن بۇنداق جىددى قىياپەتكە كىرىپ گەپ قىلغانلىقى كۈلگۈمنى قىستىدى.
-ساراڭ، - دەپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىۋاتقانلارغا قاراپ ئولتۇردۇم.
-كۆزلىرىڭ يۈرەك شەكىلگە كېلىپ قاپتۇ، بۇ بىرمۇ. بىر چۈشتىن كېيىن تېلىفونۇڭنى قولۇڭدا سىقىمداپ سۈيىنى چىقىرىۋېتەي دېدىڭ بۇ ئىككىمۇ؟ - ئۇ بارماقلىرىنى پۈكۈپ مۆرەمگە يۆلىنىپ ساناۋاتاتتى.
-ئۈچىنچىسىمۇ بارما تېخى؟ -دېدىم قولۇمدا ئاپتۇزغا چىقىدىغان بىر كوينى سىقىمدىغاندەك چىڭ سىقىمدىۋالغان تېلفونۇمنى ئۈستۈمدىكى ئاق رەڭلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا سالغاچ.
- ۋوي خېنىم، يانچۇقلىرىغا سالماي، قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرسىلا بۇ ئوقەتنى، دىررىدە قىلىپ ئۇچۇردىن بىرسى كېلىپ قېلىپ، سىلى مەن بىلەن بۇ يەردە ئاپتاپسىنىمەن دەپ ئاڭلىماي قېلىپ، ئىسسىقىدا كەلگەن ئۇچۇر سوۋۇپ قېلىپ يۈرمىسۇن يەنە! - لەزى شۇنداق دېگىنىچە قولىنى كەينىمدىن ئۆتكۈزۈپ يانچۇقۇمدىكى تېلىفونۇمنى ئالماقچى بولدى. غىدىغىم كېلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ئۇ مېنى قوغلىدى، ئىككىمىز ھاھا شىشى قىلىپ ئۇنۋېرسال بىنانىڭ ئالدىنى بېشىمىزغا كىيگۈدەك بولغاندا، فاكولتېت بىنانىڭ ئالدىدا ماڭا قاراپ تۇرغان بىرسىمانى كۆرۈپ يۈرۈگۈم قارت قىلدى.
بۈگۈن بىر چۈشتىن كېيىن مەن بىلەن بەش مىنۇتتا بىر ئۇچۇر يېزىشىپ تۇرۇۋاتقان نىجادنىڭ قانداق قىلىپ بىردەمدىلا ئۇ يەرگە كېلىپ قېلىشىدىن گۇمانلىنىپ كۆزۈمنى قىسىپ قولۇم بىلەن ئاپتاپنى توسۇپ تۇرۇپ قارىدىم. دۇرۇس، نەچچە سائەتنىڭ ياقى كۈچەپ چىرايىنى ئەسلەشكە، ياق يۈزىنىلا ئەمەس ھەممە يەرلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان نىجاد فاكولتېتىمىزنىڭ پەلەمپىيىدە تۇراتتى. پۇتىدا بۇقۇشلۇق قارا رەڭلىك تەتۈر خۇرۇم ئايىقى، ئۇنىڭغا ماسلاشقان قارا رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى، ئۈستىگە بادام گۈلى چۈشۈرۈلگەن تېگى سۇس ئاسمان كۆكى رەڭلىك مايكىسى ئۇنىڭغا خوپ ياراشقان ئىدى. ئۇ بېشىنى پەسكە ئىڭىشىتۈرۋەتتى -دە، مەن تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى. مەن ئىتتىك لەزىگە قاراپ قويدۇم.
-نەدىن چىقتى ئاداش؟ - لەزى ئاغزىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ ئاستا دېدى.

- نەچچە كۈن كۆرمىسەم بويىڭىز ئۆسۈپ كەتتىمۇ - نېمە؟ - دېدىم چاقچاق قىلىپ بەش قەدەمچە ئارىلىق قالغان نىجادقا قاراپ. نېمىشقىكىن مەن ئوڭايسىز كەيپىياتنى ياخشى كۆرمەيمەن. ھەرقانداق ئىشتا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئامال ئۆزۈم ئوڭايسىز كەيپىياتنى ئوڭشاشقا تىرىشىمەن. بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ ئىككىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىشتە خىجالەت بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىتتىك گەپنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولدۇم.
ئۇنىڭ يېشىلغا مايىل قوڭۇر كۆزلىرى كۈلدى. بىر قەدەمچە ئارىلىق قالغاندىمۇ، مېڭىش ئوتتۇرىچە سۈرئىتىنى ئاستىلاتمىغىنىغا قاراپ، لەزى مېنى چەتكە تارتتى.
- دەسسەپ ئۆتۈپ كەتمەڭ يەنە!
-ئىككىڭلار ياخشى ئوقۇيدىكەنسىلەر قارىسام. دېڭىز ساھىلىدا ئارام ئېلىۋاتقاندەك ، - دېدى نىجاد ئۈستى - بېشىمىزغا قاراپ قويۇپ.
- بىزنىڭ مەكتەپكە نېمىدەپ كەلدىڭىز؟ مەن تېخى سىزنى ئىچكىرىگە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، - دېدىم ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كېلىشىگە نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن.
-مەن مۇشۇ يەردە پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن...
ئۇنىڭ گېپى يۈرۈگۈمدىكى ھېلىقى تاتلىق تۇيغۇلارنى تېخىمۇ مەمنۇن قىلغان بولسىمۇ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك بولىۋالدىم.
- بۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇم لەزىنە تەلەت!
-بۇ نىجاد!
- نىجاد بورھان!
نىجاد فامىلىسىنى قوشۇپ قويىشى بىلەن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق، قۇياش، مەكتەپ، دەل -دەرەخ ھەممە يەر كۈلۈۋاتاتتى.

لەزى كىرىپ كەتتى، نىجاد ئىككىمىز مەيدانغا چىقتۇق. نېمىشقىكىن ئۇنىڭ مۆرىسىگە كەلسەممۇ، ئۆزۈمنى بارغانسېرى يەڭگىللەپ كىچىكلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بىر تونۇشى ئۇچرىدى. توپ ئوينىغىلى ماڭغان بولسا كېرەك، مەيداننىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىغان، تەنھەرىكەت كىيىملىرىدىنمۇ ئەتتىر پۇراپ تۇرىدىغان بۇ ئاكاش بىزنىڭ مەكتەپتە خېلى نامى بار ئىدى. ئىشقىلىپ بىزنىڭ قىزلار دېيىشەتتى، ئىسمى غەلىتىلا ئىشقىلىپ!
ئىككىسىنىڭ پارىڭى تۈگىگىچە دەرەخ سايىسى ئاستىدىكى سېمونت پەلەمپەيدە تېلىفون ئويناپ تۇرۇپ تۇردۇم. نىجاد ئۇ بالا بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولسىمۇ، پات - پات ماڭا قاراپ قوياتتى. ئاخىردا دوستىنى بېلىكىدىن تارتىپ يېنىمغا كەلدى، مەنمۇ ئىتتىك پەشتاقتىن چۈشتۈم.
- بۇ ياق مېنىڭ قىز دوستۇم، گۈلھەسەل!
نىجاد بۇ گەپنى شۇنداق چىرايلىق، تولۇق، ئىشەنچ بىلەن دېدىكى ھەربىر تاۋۇشلار دانىمۇ - دانە چىقتى. ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالغان بولسام كېرەك، نىجاد ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
- گۈلھەسەل مەردان.
مەنمۇ تولۇقلاپ قويدۇم.
- ھە... مەكتەپداشكەنمىز، ئىسمىم ئوغۇز، ئوغۇز ئىسمايىل!
بايا لەزى ئۈچىمىز قانداق كۈلگەن بولساق، بۇ قېتىممۇ شۇنداق كۈلدۇق، ئىشىنىمەنكى نىجادنىڭ ھەممە يېرىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان يۈزىدە مەندە بولغان مەمنۇنىيەت چوقۇم بولدى.
-بايا مەن تېخى سىزنى مېنى تىللاپ كېتەرمۇ؟ دەپ ئويلىغانىدىم،- دېدى نىجاد مەيداندا توپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپ.
-قاچان؟
- بايا؟
- بايا دېگەن قاچان؟
- ئوغۇزغا تونۇشتۇرغاندىچۇ؟
- نېمىدەپ تىللايمەن؟
ئۇ جىمىپ قالدى. مەندىن تۆت ياش چوڭلىقىغا باقماي، بەزى يەرلىرى شۇنچىلىك تارتىنچاق ئىدىكى، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. يېنىمدا قولىدىكى شاخ پارچىسىنى ئۇشتاپ ئولتۇرغان نىجادقا قاراپ بايا ئۇچۇردا پاراڭلىشىۋاتقان نىجاد ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالماي قالدىم.
-ئۇچۇر يېزىشامدۇق؟
ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى. چۈشتىن كېيىنكى قۇياش پاتىدىغانغا يەنە خېلى ۋاقىت بار بولسىمۇ، ئەمما بايامقى كۈچلۈك قۇياشنىڭ ئورنىنى سالقىنلىق، مەيىن سەلكىنلىك ئىگىلىگەنىدى.
-سىزنى كۆرسەم مۇشۇنداق گەپ قىلالماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەن ئۆزۈمدىن.
يىراقلارغا كۆز يۈگۈرتكەچ ئۇ ئاستا گەپ باشلىدى.
-ئەمما دىككىدە بېرىپ كۆرۈپ كېلەرمەن ماشىنىدىن چۈشمەيلا دەپ كەلگەن. ياتاق بىنايىڭلارنىڭ ئالدىدا خېلى تۇردۇم، ئۇچرىمىدىڭىز، ياتاققا تېلىفون قىلسام سىنىپتىن كىرمىدى دېدى، شۇڭا فاكولتېتىنىڭ ئالدىغا بارغان. قارىسام ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، ئاڭغىچە سىز مېنى كۆرۈپ قالدىڭىز.
ئۇ بەئەينى ئاپىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈۋاتقان كىچىك بالىنىڭ ئۆزى ئىدى.
- قايتا كېلەمدۇق يا؟ - دېدىم ئۇنىڭ يەنىلا شۇنداق بىر يىراقلارغا نەزەر سېلىپ تۇرۇشىغا قاراپ.
ئۇ ئۈندىمىدى. مەنمۇ ئۇ قارىغان تەرەپكە قاراپ ئىڭىكىمنى يۆلەپ ئولتۇردۇم.
-سىز ھېچقانداق بولمىدىڭىزما؟
خېلىدىن كېيىن ئۇ ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى ئۆزى ئوشتاپ تاشلىۋەتكەن شاخ پارچىلىرىنى قولىغا ئالغاچ سورىدى.
-قانداق؟
گەرچە ھەممىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما مۇشۇنداق شەرتسىز رېفلىكىس ئارقىلىق كېتىپ قالىدىغان جاۋابنىلا ھازىرلاپ ئولتۇرۇۋاتاتتىم. راست گەپ قىلسام كاللام قۇپقۇرۇق، ھېچنىمە يوق. پەقەت يۈرۈگۈمنىڭ گۇپ گۇپ قىلىپ سوقۇشىلا ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-يۈرۈگۈمنى بىر نېمە يەۋاتقاندەك، ئاغرىمايدۇ، ئەمما راھەت ئەمەس، ئەمما تاتلىق. خۇددى ھەسەلدەك!
ئۇ شۇنداق دەپلا ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ ماڭا قارىغىنىنى بىلىپ، باشقا ياققا قاراپ تۇرغان بولساممۇ، كۆزلىرىمنىڭ قۇيرىقى لىپىلداپ كەتتى. ئەمدى مەن ئايىقىمنىڭ ئۇچىغا قاراشقا باشلىدىم.
- بۇ مەكتەپنى ياقتۇرۇپ قالدىم، - دېدى ئۇ، سېزىپ تۇرىمەن ئۇ يەنە ماڭا قاراپ تۇراتتى.
- بىردەمدىلىما؟ - دېدىم ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ يەنە ئالدىمغا قارىدىم. ئۇنىڭ يېشىلغا مايىل كۆزلىرىگە چۆكۈپ كېتىشتىن قورقۇۋاتاتتىم.
- ئون بىر كۈن بولدى بۇ مەكتەپكە مەن كېلىۋاتقىلى!
ئۇنىڭغا ئەمدى ئۆزۈمنى ئوڭغا بۇراپ تۇرۇپ قارىدىم.
- ئون بىر كۈن؟ نېمىدەپ؟
كۆزلىرىم ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ كەتتى.
-ئەجەپ سىزنى مەن كۆرمەپتىمىنا؟ - دېدىم يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قېچىپ.
- لەزى دېگەن دوستىڭىزدىن باشقا ئادەم بىلەن بىللىمۇ ئەمەسمۇ دەپ كۆرۈپ باقتىم.
ئاغزىمنى ئۈمپەيتىپ قويدۇم.
- بېشىدا بەك قورققانىدىم، - دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا ئىككى پەلەمپەي چۈشۈپ، ماڭا قاراپ قويدى.
ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش يۈرىگى سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.
-ئاۋۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش دوستىڭىزنى چاقىرۋالسىڭىز، تاماق يەمدۇق؟
- ھىم، تاماق يېيىشقا مەن بەك ئامراق! - دېدىمدە ئۇنىڭ ئالدىدا پەلەمپەيدىن سەكرەپ چۈشۈپ كەتتىم.
ياتاققا كىردىم-دە، لەزىنى ئالدىراتتىم،
-ماڭا تاماق يەيمىز؟
- كەچتە تاماق يېمەيمىز، ئورۇقلايمىز دەۋاتمامتىڭ؟ - دېدى لەزى ياتقان يېرىدىن تۇرۇپ.
-ۋاي بوغىنە، نېمانداق، كىيىم ئالماشتۇرامسەن يا مۇشۇنداقلا ماڭامسەن؟- دېدىم مەن ئەينەككە قاراپ چېچىمنى ئوڭشىغاچ.
-رېستۇرانغا بېرىپ يېمەيدىغاندىمىز؟ مۇشۇنداق كېتىۋېرىمەن.
لەزى ئىككىمىز ساڭگۇل - سۇڭگۇل قىلىپ ياتاق بىنادىن چىقىپ، ماشىنىسىغا يۆلىنىپ تۇرغان نىجادنى كۆرۈپ ئاغزىمىز ئېچىلىپ قالدى.
-بۇ بالا بولىدىكەن ساڭا! - دېدى لەزى، مەن تېخىچىلا ھاڭۋىقىپ قېتىپ قالغانىدىم.
داۋامى بار.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:53:53

ئۇف بۈگۈن بەك كۆپ ئىشلار مېنى بېسىۋالدى. كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:54:37

مۇشۇنچىلىكلا يازالىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن دائىم بىۋاستە يېزىش قىلىدىغان بولغاچقا، كۆزنەككە يېزىپ تۇرسام ئۇ ئىش چىقىپ بۇ ئىش چىقىپ، توك كېتىپ، كوم ئۆچۈپ قېلىپ دېگەندەك

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:04:51

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ ھە

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 00:10:01

ئىلگرىكى نۇمۇرۇم ئېچىلماي قايتا نۇمۇر ئېلتىماس قىلىپ ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىناق ۋاقىتنى توشقۇزالماي گاچىدەك ئوتىراپ گۈلەن موماي بىلەن يۇسراننىڭ ھېكايىسىنى بەت يېڭىلاپ ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاققان .
تۈنۈگۈن چىدىماي كۆك كەپتەرگە دەردىمنى ئېيتىپ ئۇچۇر قىلغان، شۇنىڭ پايدىسى بولسا كېرەك  ، بۈگۈن ئۈنۈنۈم تېشىغا چىقىپتۇ ئاخىر .
قەلىمىڭىز ھارمىسۇن {:241:}

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 09:05:17

ئىشقىلىپ   داۋامى بار ئەسەر يازىدىغانلارنىڭ 98 پىرسەنتىنىڭ  ھەممىسىنىڭ كومى قىتىپ قالىدۇ ياكى توك كىتىپ دىگەندەك ، بۇ مىڭدا بىر پىرسەنتمىكى دەيمەن .
  داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن .

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 09:52:34

بۈگۈن ماڭا ئىزدىنىشقا تىزىملاتقىلى نەق ئالتە يىل بولغان كۈن جۇمۇ!
بۈگۈن مەن بىر خىل پەيزى ئىشقىپ

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:36:37

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 09:52 static/image/common/back.gif
بۈگۈن ماڭا ئىزدىنىشقا تىزىملاتقىلى نەق ئالتە يىل بولغ ...

مۇبارەك بولسۇن، بۈگۈن خوشاللىقتا جىقراق يېزىۋېتەرسىز.
بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7 8 9 10 11 12 13 14 15
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)