tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 12:59:18

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 15:50 static/image/common/back.gif
چەكسىز خىجىللىق ئىچىدە يېزىۋاتىمەن ماۋۇ ئۇچۇرنى.
ئۆزۈ ...

بىراقلا ئاۋازلىق ئەسەر قىلىۋىتىمىزمۇيا ، كۆزىڭىز ، قول-پۇتىڭىزنىمۇ ئىشلەتمىسىڭىزمۇ ئىغىزىڭىزنىلا  ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، يىقىلىپ چۈشكەندە ئىغىزىڭىزنى يۇمۇۋالغان بولسىڭىزلا چوڭ چاتاق يوق .
ئاۋازلىق ئەسەر قىلسىڭىز مىنى ھايت دەڭ ، ئۈنگە ئىلىشقا ، تەھرىرلەشكە جانىم پىدا .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 17:58:09

ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتماڭلا باللا :lol

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 09:36:16


ئالدىرماڭ، ئارام ئېلىڭ! سەللىمازا ساقايغاندا يازسىڭىزمۇ بولىدۇ:lol

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 17:48:15

قاملاشمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ قۇيىدىغان بولدۇم...تەشۋىقات:lol

ھۆرمەتلىك تورداشلار ،بىر يېقىن بۇرادىرىم تور بەت ئاچقان ئىدى،خالىساڭلار زىيارەت قىلىپ،سەرخىل تېمىللىرىڭلار بىلەن تەمىنلىگەيسىلەر
تور ئادىرىسى :http://www.birla.cc

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:24:26

ئاغرىمايدىغان يۈرەكلارنىمۇ ئاغرىتىۋەتتى بۇ ئەسىرىڭىز ، يۇسران ،يولىڭىزغا قاراپ قالدۇق...

Gulbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 11:47:28

يۇسران قىز نىمىشقا ھەممە ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرى يوق،،،،،،،،،ئوف :Q

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 21:34:46

ئۆچۈپ كەتسە ئەگەر خاتىرەم،
بولۇپ قالسا ھەممە ناتونۇش،
باشلىناتتى يېڭى ھېكايە
ھاجەت ئەمەس ئىدىغۇ ئۇنتۇش
ئۆچۈپ كەتسە ئەگەر خاتىرەم
غەمسىز ئۇچۇپ ئەركىن يۈرەتتىم
سوقۇلۇپ كەتسەم ئەگەر كوچىدا
كەچۈرۈڭ دەپ ئۆتۈپ كېتەتتىم

قارا كىيىملىك كىشى دېگەن ھېلىقى تاشقى پىلانت ئادەملىرى چىقىدىغان كىنودىكى بىر نەرسىگە ئاجايىپ ھەۋەس قىلىمەن. تاشقى پىلانت ئادەملىرىگە توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى بىلىپ قالغان كىشىلەرگە ھېلىقى قارا تەنلىك يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى چىقىرىپ ۋاسسىدە قىلىپ يورۇتۇۋېتىدۇ، ئىنسانلار ئۇ يەردە كۆرگىنىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. شۇ نەرسە كەشىپ قىلىنغانمىدۇ دەپ توردىن ئاختۇرۇپمۇ باققان ئىدىم نەچچە قېتىم.
- يائاللاھ، سەنلا غېرىپم سەنلا دەرتمەن بۇ دۇنيادا، خاتىرەمنى يوقىتىمەن دەپ يىقىلىپ يۈرۈۋاتامسەن كىم بىلىدۇ سەن ساراڭنى!
لەزى بۈگۈنكى قىزلار چېيىغا تەييارلىقىنى خېلىلا پۇختا قىلىپ ئىشخانامدا پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ ساقلاۋاتىدۇ. مەن ئەتىگەن ئۆيدىن ئېسكوموسلاردەك چىققىنىم سەۋەبلىك، ھەممە ئىشتىن چۈشۈپ بولغاندا ئىشخانىدا كىيىم ئالماشتۇرۇۋاتىمەن.
ئەمەلىيەتتە قىزلارنىڭ ياسىنىشى ھەرگىزمۇ ئوغۇللارغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئەمەس، بەلكى يېقىن دوستلىرىغا، چايدىكى ساۋاقداشلىرىغا، كوچىدىكى ناتونۇشلارغا گۈزەل كۆرۈنۈش. لەزى بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ قىزلارنىڭ چېيىغا بارغاندا، بۇ يېرىغۇ ياخشى ئەمما ماڭىمۇ كايىپ نېرۋامغا تېگىدۇ بەزەندە:
- ھە، ماندا قىلە، ما ياراشتى ئاداش! -دېدى ئۇ ئىشخانامغا كىرگەندىكى پەگادا قويۇقلۇق ئىنتايىن ناچار خۇرۇمدا ياسالغان ئۈچ كىشىلىك ياغاچ تۇتقۇچلۇق كىرىسلودا ئولتۇرغان يېرىدىن دىككىدە تۇرۇپ.
بۈگۈن ئۇ تىزىدىن چۈشىدىغان ئىككى چاپلىما يانچۇقلۇق قىزىل پەلتو كىيىپ، قارا توقىغان يوتقان قىلىپ يېپىنغۇدەكلا يوغان شارپىدىن بىرىنى ئارتىپ كەپتۇ. ئۆزىگە يارىشىدۇ، ئۇسسۇلچى بولغاندىن كېيىن. پۇتىغا كىيىۋالغان ئاق ئۆتىكى كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈندى:
- ما ئۆتۈكۈڭ نېمداق قىلىدۇ، كوچىدىكى قاتناش ساقچىلىرىدەك قىلىپ!
- نېمە دەيدىغاندۇ ما دەلتە، رەڭ تونۇمايدىغان ھالىڭغا رەڭنى قوشۇپ گەپ قىلىشقا ئامراقلىقىڭ سېنىڭ، - دەپ چالۋاقىدى كېلىپ مېنىڭ ئەترەڭ كۆينىكىمنىڭ ياقىسىنى ئوڭشاۋاتقان لەزى ئارقىسىغا داجىپ تامغا چاپلاقلىق ئەينەككە پۇتىنى كۆتۈرۈپ قارىغاچ.
- ئاق بولماي قارىما ئەمىسە! - دېدىم مەنمۇ مومىخەي ئۆتۈكۈمنى سالغاچ.
- توۋا، ئاداش مانى بىز قېنىق ئەترەڭ دەيمىز، يەنى سېرىققا مايىل، ئۇف، مۇشۇ پىيماڭنىڭ ئىچىگىمۇ يەتمىش پايپاق كىيەمسەن ھەي! چاي بولغاندىكىن ئەتىگەن ئۆيدىنلا كىيىپ كەلسەڭ بولمامدۇ، چوڭ كىچىك بوپا قىلىپ يۈرگىچە، بىر كۈنگە ئۈشۈپ قالماس بولغۇيتتۇڭ!
لەزى بەك يالاڭ كىيىنىدۇ، بوينىنى يوتقاندەك شارپا بىلەن ئورۇۋالغىنى بىلەن گېلىدىن سوغۇق كىرمىسىلا بولدى. ئەمما دادام ماڭا بالام بېشىڭ بىلەن پۇتۇڭنى ئىسسىق تۇت دەپ بەك دەۋەتكەنمۇ ئىشقىلىپ، قىشتا خېلى ئوبدان قېلىن كىيىنىپ قويىمەن،
- ساڭا بەك ياراشتى ما شانپان رەڭلىك كۆينەك ھەسەل! سەنغۇ تاغار كىيىۋالساڭمۇ يارىشىدۇ.
ئەينەكتىكى سىدام چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرغان، پىشانىسىنى ئېچىپ تۇرغان چاچلىرى ئارقىغا تارالغان، سۈزۈك رەڭلىك كۆينەكتىن ئاپئاق بوينى چىقىپ تۇرغان مەن. ئەمما ئەينەكتىكى مەننىڭ كۆزىگە قاراشتىن قورقىمەن. مېنى ئىشقىلىپ سەت دېمەيدۇ، كىشىلەر ھەرخىل ماختاش مەدھىيەلەرنى بېرىپ تۇرىدۇ. چىرايلىق، ئوماق، سۈزۈك چىراي، مەرى ئىسسىق دېگەندەك. ئەمما نېمە پايدىسى، ئىدارىمىزدىكى ئېيىقتەك قىزلار كۆمەچتەك قارىداپ كەتكەن بولسىمۇ بەختى ئۆزلىرى بىلەن بىللە. مېنىڭ دەردىمنى بىلمىگەچ ماڭا يانچە قىرچە تېگىپ قويىدۇ.
ئاپام دېگەندەك: خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك!
بۈگۈنكى چېيىمىزنى ئاجايىپ بىر غەلىتە مىجەزلىك ساۋاقدىشىمىز ئايقىز ئالدى. بۇ قىز نېمە دېسەك بولىدۇ، ئۈندىداردا گەپ قىلسىڭىز گەپ قىلمايدۇ، ئۇچۇر قىلسىڭىز قايتۇرمايدۇ، تېل قىلىپ قالسىڭىز بېسىۋېتىدۇ. ئەمما كۆرۈشكەندە ئىنتايىن قىزغىن كۆرۈشۈپ كېتىدۇكى، مەن ئۇنتۇپ قالاي دېگەن نەۋرە ھەدىلىرىمنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستلىرىنىمۇ سورىۋېتىدۇ. بەزىدە ئوڭايسىزلىنىپ قالىمەن، ئۇ قىزنىڭ پاراڭلىرىدىن. لەزىنىڭ گېپى بويىچە ئايقىزنىڭ بىر دەردى بار.
ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات دەستىلىرىدىن بىرى بولغان شامالباغقا جايلاشقان بۇ مۇزىكىلىق تاماقخانىدىن سىز كۆرۈشمىگىلى ئون يىل بولغان ساۋاقداشلىرىڭىزنى ئۇچرىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ياكى بايىلا تېخى مىجەزىم يوق دەپ رۇخسەت سوراپ كەتكەن بىر خىزمەتدىشىڭىزنى ھاھاھا پاراڭلىرى ئىچىدە كۆرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىر مۇئامىلە قىلىپ قويۇپ، ئوتتۇرىلىقتا يوقاپ كەتكىلى مۇنچە يىل بولغا تونۇشلىرىڭىزنى ھاجەتخانىنىڭ قول يۇيۇش ئورنىدا دوقۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما بىردىن بىر مۇمكىن بولمايدىغىنى نىجاد ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ.
مۇبادا ئىككىمىزنىڭ پىشانىسىگە مۇنچە قېتىم كۆرۈشۈش دەپ يېزىلغان بولسا، بۇنى ئىلگىرى ئىككىمىز كەچكىچە كۆرۈشۈپ ئايرىلماي تۈگىتىۋەتكەن بولساق كېرەك نۆۋىتىمىزنى. شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ سىماسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ مەن بارغان ھەرقانداق بىر جايدىن.
شۇنچە ئادەملەر غۇۋا چىراق نۇرىدا ئولتۇرۇپ نېمىلەرنىدۇر دېيىشىۋاتقان، يېيىشىۋاتقان يەرلەردىن قىرە يانتۇچە بولۇپ ئۆتۈپ ئارقا تەرەپتىكى بىر ئايرىمخانىغا كەلدۇق.
- يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىدەكلا بىرقىزتى، چېيىنىمۇ مەن يۈز قېتىم كېلىپ بىلىپ بولالمىغۇدەك بىر ئايرىمخانىدا قىپتۇ توۋا!
لەزى ئالدىمدا بىرنېمىلەرنى غۇدۇڭشىغاچ ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
قىزلارنىڭ كۆرۈشۈشى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان سەھنە ئويۇنى قاتارىدىن ئورۇن ئالسا تامامەن بولىدۇ. ئادەتتە بىر ئېغىز ئۇچۇرلىشىپ ئەھۋال سوراشمايدىغان دوستلار شۇنچىلىك قىزغىن كۆرۈشۈپ كېتىدۇكى مەن بۇلارنى مەن يوق ئىككى كۈندە بىر كۆرۈشۈپ تۇرامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ بولغىچە، دەبدەبىلىك كۆرۈشۈش تۈگەپ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئادىشى بىلەن بېقىندىشىپ رەسىمگە چۈشۈشكە باشلايدۇ. دېگەندەك لەزى ئىككىمىزمۇ شۇ بېشىمىزنى بىر يەرگە تىقىپ پاراڭنى باشلىۋەتتۇق.
- چايدا يوق پاراللېل سىنىپتىكى قىزلارنىمۇ چاقىرىۋاپتۇ، دەپمۇ قويماي، كاللىسىنىڭ دەردى بار دېسەم ئۇنىمايسەن! - لەزى ئاغزىنى مىدراتماي تۇرۇپ چىشلىرى ئارىسىدىن چىقاردى.
- زىبامۇ باركەن، - دېدىم مەنمۇ كۆينىكىمنىڭ ئېتىكىنى ئوڭشىغاچ.
- ھەنىم بولسا ئادەمدەك ياسىنىپ كەپتىكەنسەن ما چايغا، بولمىسا دۈشمەنلىرىڭ ئەتىكى گېزىتكە پۇل خەجلەپ باساتتى رەسىمىڭنى!
لەزىگە ئالىيىپ قويدۇم.
ئايقىز گۈلىرەيھان بىر نەچچە قىزلار ياخشى ئۆتىدۇ. ئالىي مەكتەپتە نىجاد مېنى مەكتەپتە مەلىكىدەك قىلىۋەتكەن چاغلىرىدا بىزنىڭ پاراللېلدا ئوقۇغان زىبانىڭ ئاكىسى نىجادنىڭ ئاغىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. نىجادنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە ئەسلى زىبانىڭ نىجادقا كۆڭلى بار ئىكەنتۇق. كېيىن مەنمۇ زىبا دېگەن قىزدىكى ماڭا بولغان غەلىتە بىر خىل ياقتۇرماسلىق ھېسسىياتىنى سېزىپ يۈردۈم. ئەمما كېيىن چورتلا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن.
نىجادنىڭ توي قىلىۋالغانلىقىنى بىلگەن ئەل - جامەئەتنىڭ ئىچىدە ماڭا بىرىنچى بولۇپ ئېغىز ئېچىپ يۈزۈمگە سالغىنى مۇشۇ زىبا ئىدى. شۇڭا بۇگۈنكى چايغا نېمىدەپ كەلدىم دەپ ئۆكۈنگەندەك قىلغان بولساممۇ، ئەينەكلىك تامدىن ئەكسىمنى كۆرۈپ ئۆزۈمدىن خۇش بولۇپ قالدىم. دەرد ئەلەم تارتقىنىمغا يەنە گۈل بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. مانداق غۇۋا چىراغ نۇرىلىق يەردە كۆزۈمدىكى ئازاب بىلىنمىسە كېرەك. شۇڭا قىش بولسىمۇ لەزىنىڭ ئاخشامقى ئۈندىداردا توختىماي قاقشاشلىرىغا ئاساسەن بۈگۈن سومكامغا سېلىپ كەلگەن كەڭ مۆرىلىك شامپان رەڭلىك كۆينىكىم بىلەن ئېغىزىمدىكى ئاپلىسىن رەڭلىك لەۋ سۈرۈخۇمدىن رازى بولۇپ ئەكسىمگە قاراپ قېشىمنى ئېتىپ قويدۇم.
تاماق تارتىلغاندىن كېيىن بايامقىدەك يۇقىرى ئورۇنداش ماھارىتى تەلەپ قىلىدىغان بىر مەيدان ئويۇن باشلىنىپ ھەممىسى بىر-بىرىنى سالا قىلىپ، بىر-بىرىگە تائام ئېلىشىپ كەتتى.
-ھەسەل، سەن بۇيرۇتتۇڭمۇ مۇشۇ ئاچچىق كاۋىنى! - دېدى تۆردە قىزىل كۆينەكتىن ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرىنى كۆز كۆز قىلىپ ئولتۇرغان گۈلى رەيھان ئالدىدىكى تەخسىدىكى ئاچچىق كاۋا قورۇمىسىنى كۆرسىتىپ.
- ياق. مەن نەدە يۈرۈپ بۇيرىتىمەن، بىز كەلگىچە تاماق زاكاس بۇيرۇتۇپ بوپسىلەر. دېدىم مەن قولۇمدىكى ئىستاكاننى قويغاچ.
- ھە، سەن ياخشى كۆرىسەنچۇ بۇ سەينى، شۇڭا سېنى بۇيرۇتقان چېغى دەپتىمەن. كىم بۇيرۇتقان بولسا ئېلىپ كېتىڭلار تاتلىق ئاغزىمنى ئاچچىق قىلماي، - دېدى رەيھان شۆھرەتكە ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان مەلىكە مىجەزىنى چىقىرىپ.
- ئاچچىق كاۋا يەپ ئاغزىنى لاۋزا قىلىپ تۇرمىسا، بەك تاتلىق بولۇپ كەتسەڭ ماۋۇ كىشىلەر يالاپ تۈگىتىدۇ سېنى، - دەپلا قولىغا ئالدى لەزى ئورنىدىن تۇرۇپ.
- لەزى قىزچاق، مۇئەللىم بىلەن قانداقراق، بەك تاتلىق بولۇپ كەتمەيلى جۇمۇ، تاتلىقى تۈگىگەندە تېتىماي قالىمىز بولمىسا!
گۈلىرەيھان توي قىلىپ بولۇپمۇ ئىككىنچى تويىدىن كېيىن شۇنچىلىك بىر چوكان مىجەز بولۇپ كەتتىكىن، ھايا پەردىسىنى ئاران ئاران يېپىپ تۇرمىساق، ئاغزىغا كەلگەننى چاينىماي دەيدۇ سىگان خوتۇنلىرىدەك.
-ھە شۇڭا تاتلىقى تۈگەپ كەتكەچكە ئادەم ئالماشتۇرۇپتىكەنسەندە، يا سېنىڭ تاتلىقىڭ تۈگەپ كەتتىمۇ؟ - دېدىم لەزىنىڭ مەندىن قاتتىقراق گەپ قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ لەزىنىڭ قولىدىكى تەخسىنى ئالغاچ.
- ۋوي، گۈلھەسەل مەردان، سىز بەك جىددىيلىشىپ كەتتىڭىزغۇ؟ -دېدى گۈلىرەيھان بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرىنى قولىغا يۆگەپ تۇرۇپ.
- سەن بەكرەك جىددىيلىشىپسەن بۈگۈن. كونا يېڭى ئەسكەرلىرىڭنى يېنىڭغا يىغىپ!
لەزىنىڭ ئاغزى ئېچىلسا بۇ سورۇندا كۆڭۈلسىزلىكنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ.
-ئەسكەر دەپ كىمنى دەۋاتىسەن، زىبانىما؟
گۈلىرەيھان ئايقىزنى گەپ قىلمامسەن دېگەندەك قاراپ قويدى.
ئەمەلىيەتتە ساۋاقداش قىزلارنىڭ كۆڭلىگە شۇنچىلىك ئايان ئىدىكى، لەزى ئىككىمىز ئۆزىمىز بىركىشىنى بىرنېمە دېمەيمىز، ئەمما دېگەنلەردىن قورقۇپ گۇرۇھقا قوشۇلۇپ كەتمەيمىز، ئەمما بۈگۈن ئايقىزنىڭ زىبانى چاقىرىشىدا ئېنىقلا مەقسىتى بار. گەرچە كونكېرت نېمە ئىش بولىدىغىنى بىلمىسەممۇ زىبانى كۆرگەندىلا كۆڭلۈمدىن شۇنداق بىر مۇدھىش ئوي ئۆتكەنىدى.
- تاتلىقى بار بولسىمۇ تاشلاپ كەتكۈسى بولسا كېتىۋېرىدۇ، قىزلار نېمىنى تالىشىپ ئەمدى بۇنچىۋالا، ھەسەلدەك قىزلارنى تاشلاپ كېتىۋاتسا، باشقىلىرىمىزغا ئەلەكمۇلىللا دېمەي ئامال يوقتە!
زىبانىڭ زىل ئاۋازى ئاخىرى بۇ ئاتموسفىرانى تېشىپ چىقتى. دادىسى باشلىق، ئاپىسى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بىر نېمىسىمۇ ئىشقىلىپ، بۇ قىز ئاكىسى دادىسى ئاپىسى تەرىپىدىن شۇنچىلىك ئەتىۋارلىنىپ چوڭ قىلىنغىنىغا باقماي، مۇھەببەت كامچىللا يۈرۈيدىغان قىز ئىدى. بۈگۈنمۇ شۇ ۋۇجۇدىدىكى مەيۈسلۈك، بوشلۇق، مۇھەببەتتىكى يېتەرسىزلىكنى كۆزلىرىدىن، قولىدىكى قىزىل لاكلىرىدىن، كۆزىگە تاقىۋالغان كۈلرەڭگە مايىل قارىچۇق كۆزەينىكىدىن، ئولتۇرۇپ ماڭا يەر ئاستىدىن قارىشىدىن چاندۇرۇپ تۇرۇۋاتاتتى.
-مېنىڭمۇ تاتلىقىم قالمىغان بولسا كېرەك!
دۈشمەنگە ئۆچمەنلىك قىلمايمەن. ياخشى كۆرگەنلىرىمدىن كەلگىنى شۇنچىلىك تۇرسا، زىبادىن ئاغرىنمىدىم. ئەكسىچە ئۆزۈمنى سۇندۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇ قىزنىڭ نەچچە يىللىق ئازابىنى يەڭگۈللەتكۈم كېلىپ قالدى.
-تاتلىقىڭ تۈگىسىمۇ يەنە ساڭا ئېغىپ تۇرىدىكەن ئەمەسمۇ دىياردەك!
بېشىمدا بىر بومبا گوم قىلىپ پارلىغاندەك قىلدى.
- شۇنداقمۇ، مەن بىلمەيدىكەنمەن!
كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ دەپ سۈپەتلىسە قانداقتۇر دەپتىكەنمەن. مانا مۇشۇنداق بولىدىكەن. ئۇ چىقىۋاتقان غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى ئۆزىڭىزمۇ ھېس قىلىدىكەنسىز. لەزى بولسا ئولتۇرالماي قالدى.
- ئايقىز، بۇنىڭدىن كېيىن چاي قىلساڭ، پالانچى پوكۇنچىلارمۇ بار دېگىن،  بىزمۇ شۇنىڭغا لايىق كېلەيلى. تەييار تۈزۈپ بولۇنغان پىلانىڭلارغا قوش پۇتلاپ سەكرەپ يۈرمەيلى بىزمۇ؟
لەزىنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئۇزۇن چاچلىرىنى ماندالا قىلىپ تۈرمەكلەۋاتقاندا قولىنىڭ تىترىگىنىدىن بىلدىم. دوست دېگەن ئاجايىپ نەرسە، مەن توغۇرلۇق مۇشۇنداق پاراڭلارنى بەك كۆپ ئاڭلىدى. مەنغۇ ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ ياشاۋاتقان بولغاچقا، يۈزتۇرانە ئاڭلىشىم مانا بۈگۈن. ئەمما بۇ ھەممە يەردە مېنىڭ ئادوۋكاتلىقىمنى قىلىمەن دەپ قولىنى نەچچە قېتىم مۇشۇنداق تىترەتكەندۇ، كۆزۈمگە ياش  ئولاشتى. بۇ ساراڭلارنىڭ دېگەن گېپى پاشا چاققانچىلىك بولمىغان بولسىمۇ، دوستۇمغا ئىچىم ئاغرىدى. ئۇنىڭ پىداكارلىقىغا يۈرۈگۈم كۆيدى.
-لەزى، مەن شۇ ھەممىمىز تونۇش بولغاندىكىن دەپ... ئايقىزنىڭ گېپى چۈشمەي تۇرۇپلا لەزىنىڭ ئاغزى ئېچىلدى.
- تونۇش دەپ نېمە دەپ ئابدۇللاھ ئابدۇرىھىمنى، ئىززەت ئىلىياسنى، پەرھات خالىقنى چاقامىدىڭ، شۇلارنىمۇ تونۇيتتۇققۇ، خىلىڭ بىلەن يۈرەلىسەڭ چاينى قىلىپ ئوينا، بولمىسا ھەممىمىزنىڭ قازىنى باشقا، بۇ يەردە گەپ كۆتۈرەيلى دەپ كەلمىدۇق،
- بىز نېمە دېدۇق، توۋا، لەزىنە، سىز بىلەن  مەن باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغان. ئۇيغۇرچىلىقتا مۇنداق دەپ كەتمەڭ، بۈگۈن سىلەرنى بار دېگەچكە كۆرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتەيلى دەپ ئولتۇردۇق، بىزگىمۇ كام ئەمەس بۇ ئاش تاماقلار، - زىبانىڭ تەربىيە كۆرگەنلىكى رول ئويناپ قالغان بولسا كېرەك ئەمدى داۋلى سۆزلەشكە ئۆتتى.
-ئەمىسە نېنىڭىزنى  يەپ، كۆرۈشىدىغىنىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئولتۇرماي نېمە قىچىشمىغان يەرنى تاتلايسىلەر، مېنى بىلمەيدۇ دەۋاتامسىز، ھەسەلدىن باشقا ھېچكىم يېمەيدۇ ما لاۋزا قورۇمىنى، ھەر قېتىم ھەسەل زاكاس قىلسا ھەممىسى تىللاپ كېتىدىغان ئادەم بۈگۈن ئەجەپ ئۈستەلگە چىقىپ قاپتا. پىكىر تەلەپ بولسا دەپتەردىن بىرنى ئېلىپ تۇتۇپ بېرەي شۇنىڭغا يېزىپ دادىڭىز باشلىق بولغاندىكىن ئەرز قىلمامسىز ھۆكۈمەتكامغا، بۇنىڭ تاتلىقى بار يوقلىقى بىلەن قالماي....
لەزى سۆزلىسە ئۆزىنى باسالمايدۇ، بولۇپمۇ نىجاد ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى كىشىلەر كۈلكە مەزمۇنى قىلىۋالغاندىن بېرى بۇنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتتى.
-توۋا، نىجادنىڭ توي قىلىۋالغىنى يالغان بولمىسا يا، بۇ ئىشنى كىم بىلمەيدۇ، شۇڭا دېدۇققۇ گەپتىن گەپ چىقىپ.
گۈلىرەيھان يەنىلا شۇ بەدرەڭ چىرايى بىلەن تۆردە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭغا قاراپ شۇنچىلىك ئۆچمەنلىكىم كەلدىكى بېرىپلا گېلىدىن بوغۇۋەتكۈم كەلدى. ئەمما ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ. لەزىنىڭ گېپى بويىچە دۈشمەنگە غەزەبلەنسەك مەقسىدىمىز ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
- نىجادنىڭلا ئىشى ئەمەس، دىيار دېگەن بالىنىڭمۇ كەينىمدە يۈرگەنلىكىنى بىلىپ بوپسەنغۇ، يەنە نېمە تەگەيسەن، كۆڭلۈڭ بارمىكىن دەي دېسەم دوستۇمنىڭ ئوغۇل دوستى دەۋاتاتتىڭ!
باشقا قىزلار بولدى قىلىڭلار دېيىشقىمۇ ئاغزى بارماي، ھوللىۋود فىلىملىرىدەك سىنارىيەگە ئىگە بۇ ۋەقەلىكلەرگە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
- ھە شۇ! قارىسام شۇنداقتەك قىلىدۇ. بوپتۇ نىجاد تاشلاپ قويغان بىلەن دىيار چىقىپتۇ، يەنە باشقىسىمۇ چىقىپ قالامدۇ ساڭا!
گۈلىرەيھان مېنىڭ سەبىر چېكىمگە جەڭ ئېلان قىلىۋاتاتتى. لەزى بۇنى سەزدى.
- ئاغزىڭنى يۇمە ھەي قېرى قانجۇق، شۇڭلاشقىمۇ ئەرگە زورلاپ تېگىپ مۇشۇنچىلىك ياشاۋاتىسەن ئۈستەك بېرىپ....
لەزى پارتلىدى. ئەمدى كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭا مەن لەزىنى باسماقچى بولغانلارغا كۆزۈم بىلەن زەربە بېرىپ زىباغا مىختەك تىكىلىپ ئولتۇردۇم.
- كىمنى قېرى قانجۇق دەۋاتىسەن، ھەر بىر نېمە...
گۈلرەيھان ئۆزىنى بىلمەي شىلتىڭ ئاتتى، گۈلرەيھان قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ھۈنىرى بار. لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالسا بولىدۇ يەنە، ئەمما يەكمۇ يەك دوئىلغا چۈشۈشتە لەزىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.
- باشقىلار نېمە ئۇ زىدە پەس بىلەن چاي ئويناپ يۈردۈڭ، لايىقىڭ بىلەن يۈر دېسە، ۋاي ساۋاقدىشىم دەپ تۈكۈرۈكۈمنى چاچرىتىپ كېتىپتىكەنمەن، ۋاي پەسەندى، ئەسلىڭ شۇكەن سېنىڭ. ئاغزىڭغا كەلگەننى نەچچە چايناپ بېقىپ گەپ قىل، لاۋزا پاسكىنا. تېتىمەل قانجۇق، ساڭا كىم قويۇپتۇ تاك تاكچىلىقنى، سەن كىم ھەسەل كىم. سەندەك ئەرگە تەگكەن بولسا يۈر ئەرگە تېگىپ بولاتتى ۋاي دېگۋارلىشىپ توي قىلىدىغان ئۆتمەس ماتا......
- ئىشىڭنى قىلە! شۇنىڭغا بەش   ئالتە يىل يۈرگەن مابىتى توي قىلىۋالسا بىلمەي يۈردىغۇ..
ئاخىرىدا نېمە گەپلەر بولۇپ كەتتى، قۇلىقىم غۇڭۇلداپ كەتتى. تۇيۇقسىز ئاۋاز ئاڭلانماي قويدى. لەزىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ تۈفى دەپ تۈكۈرۈشى بىلەن ئەسلىمگە كەلگەندەك بولدۇم،
- سومكاڭنى ئەكىلە ھەي لەقۋا!
لەزى ماڭا شۇنچىلىك زەردە بىلەن دېدىكىن ئىختىيارسىز قولۇم سومكامنى ئىزدەپ كەتتى. ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى  بولغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ئەمما ئاڭسىز ھالدا سومكامنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم. لەزى سومكىدىكى خاتىرىنى بۆرىدەك ئېتىلىپ ئالدى، قولۇمنىمۇ تاتىلىۋالدى.
ئۇ ئىككى خاتىرىنى گۈلرەيھانغا قارىتىپ شۇنداق بىر ئاتتىكى، قاتتىق تاشلىق گۆشرەڭ خاتىرىنىڭ تېشى ئاجراپ كەتتى.
- خەت ئوقۇيالىغۇدەك سەۋىيەڭ بولسا، نىجاد دېگەن قوڭالتاق تېڭىقچىنىڭ ما ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يازغان پۇشايمىنىنى ئوقۇپ بېقىش، ئىت بالىلىرى، لەزىنىڭ كالپۇكى كۆكۈرۈپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكىدىن سەھنىنىڭ ئارقىغا جايلاشقان بۇ ئايرىمخانا ناخشا مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كېتەي دېدى.
- ئادەممۇ ھەرقايسىڭ، ھە؟ ئۇ چوشقىغۇ ئادەمنىڭ قىلىقىنى قىلمىغاچقا مۇشۇنداق ئۆلگەن ئادەمدەك يىغلاپ ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يۈرۈپتۇ، سىلەرچۇ، ھەممىمىز قىزبالىغۇ، ئاجىزغۇ، ھەقىقەتەنمۇ نىجاد ئەخمەق قىلىۋالغان بولغان تەقدىردىمۇ سىلەرنىڭ مۇشۇنداق پەسكەشلىك، رەھىمسىزلىك قىلىشىڭلار توغرىما، ھەي گۈلرەيھان دېگەن قېرى بۇزۇق، سېنىڭ ھەسەلنى ئۇنى بۇنى دەيدىغانغا ھەرەمگە بېرىپ كەلسەڭمۇ سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ، سەن توي قىلىمەن دېگەن قايسىبىر يىگىتنىڭ بېشىدا ھەسەلگە كۆزى چۈشمىگەن. ئويۇن كۆرىمەن دېگەن دوستلىرىڭغا دەپ قوي، ھەسەل ھايات، مۇشۇ يەردىكى ھەممىڭنى قوشۇپ قويسا جىڭغا توختايدۇ.
گۈلىرەيھان چالۋاقاپ كېتىۋاتاتتى.
- ئاغزىڭنى يۇمە ھەي قېرى قانجۇق، - لەزى قولىدىكى ئىستاكاننى ئاتتى. ئىستاكان گۈلرەيھاننىڭ كەينىدىكى كىيىم ئاسقۇچقا تەگدى.
- ئېرىڭنى ئەكىلە ماڭە، شۇنىڭغا دەي سېنىڭ ئەتمىشلىرىڭنى، دادىسىدىن ئەمدى ئايرىلىپ قالغان بىر ساۋاقدىشىڭلارغا مۇشۇنداق نىيەتتە  بولۇۋاتقىنىڭلارغا ھەممىڭلارنى يەر يۇتۇپ كەتسۇن ئىلاھىم!
لەزىنىڭ ئاۋازى بوغۇلدى. دوستۇم يىغلىدى. ئالدىراپ كۆزىدىن ياش چىقارمايدىغان لەزى بۈگۈن مېنى دەپ ئابرويىنى قايرىپ قويۇپ يىغلاۋاتاتتى.
- ئاۋۇ نىجاد دېگەننىڭ ھەممە خاتىرىسىنى كۆپەيتىپ سەندەك سېنىڭدەك نىجىسلارغا تارقىتىپ بېرىمەن مەن. ۋۇ پاسكىنا. ئۆزۈڭمۇ پاكىز ئەمەستىڭ، نىيىتىڭو نېمانداق مەينەتتۇ ئۆزەڭدەڭ. ئەمدى بېرىپ نىجاد ھەسەلنى تاشلىۋېتىپ توي قىلىۋاپتۇ دېگەنلەرگە ئېيتىپ قويۇڭلار، نىجاد دېگەن ئەخلەت ئۆزى ئايرىلىپ چۈشۈپ قالدى. مۇشۇنداق تاسقاپ ئادەم تۇتىمىز بىز. نىجادنىڭ ھەممە خاتىرىسىنى كۆرۈپ باققۇچىلار ئەتە ئۈندىدار چەمبىرىكىمگە قاراپ تۇرۇڭلار. ھەسەل ئۈچۈن ئۆلىۋالاي دەۋاتىدۇ ئۇ پوق يېگەن ئىتمۇ. چوڭ ئاپام ئال دېگەنتى دەپلا ئالغانغا ئۇ خوتۇننى ئۇمۇ تويدى، خوتۇنىمۇ زېرىككەندۇ ئۇنداق كاللىسى يوق ساراڭدىن، شۇڭا دوختۇرخانىدىنمۇ ھەيدەلدى. بېرىپ شۇنىڭ ھالىنى مازاق قىلىڭلار سىلەر،
زىبا دېگەن قىزنىڭ كۆزى چەكچىيىپ چىقىپ كېتەي دېدى.
- قايسىڭلارنى، مۇشۇ يەردىكى قايسىڭلارنى نىجاد ھەسەلنى ياخشى كۆرگەندەك، نىجاد ھەسەلگە قىلغاندەك سىلەرگە بىرى شۇنداق قىلىپ باقتى. ھەممىمىزنىڭ كۆزى بار، يۈرىگى بار. ھەۋەس قىلساڭلارمۇ ھەسەت قىلىپ مانداق ئازار بەرمەڭلار. ئەمدى ما چاينى مەن ئوينىمايمەن. ھەممىڭلارغا كارتا نومۇرۇمنى ئەۋەتىمەن پۇلۇمنى ئۇرۇپ بېرىۋېتىپ سىلەردەك ئادەملەرنى مەڭگۈ تونۇمايمەن. ماڭە ھەسەل، كېتىمىز. ئۆزلىرىگە لايىق ئادەملەر بىلەن بەسلەشسۇن بۇ زېدى پەس دىۋانىلەر
داۋامى بار.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 22:53:00

ئاۋازلىق قىلىپ بېرىمەن دېگەنلەر چاققان ئەمىسە

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 03:44:26

يا اللە ھەجەپ ئاچقان يەرگە باردى، بىر تىنىقتا ئوقۇۋەتكۈم بارتى، ئىككىلا كان توسۇلۇپ قېلىپ كوھىقاپتا نەپەسلىنىۋاتقاچقا مۇمكىن بولماي قالدى، ئاران ئوقۇپ بولدۇم،  بەك ياخشى چىقىپتۇ، داۋامىغا تەشنا مەن، لەزىگە قايىل بولدۇم، بولۇپمۇ ئادەم تىللىشىغا ھې ھې ھې    ئۆزەممۇ سەل بىشەمرەكچۇ...    ئاخىرىنى يىل ئاخىرىغىچە پۈتتۈرىمەن دەپتىكەنسىز، 2014-يىلىمىتى يا؟

kawsar0202 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 03:54:13

لەزى گەپكە نىمانداق ئۇستا!!!!!!!!!! ئالامەت ھە!!

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 04:05:46

ياۋ ... !  ئاۋۇ دوستىڭىز يەنە بىر دەم تىللىسىچۇ ، ئالدىراپلا كېتىپ قالغىچە ،  :lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 04:06:21

ھە ، راس ساقايغىنىڭىزغا موبارەك بولسۇن ،   ئاخىرىنى بەك ساقلاتمايراق يازاسىز ...

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 05:07:56

لەزى ۋەھشى تىللىۋىتىدىكەنغۇ،ئاباينىڭزى نەچچە ئوقۇپ بولدۇم مەن ما يىڭى يوللىغان بۆلەكنى.
تولۇق ساقايغان بولسىڭىز بەك ساقلاتماي تىزراق يوللىڭە ئوماق.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 06:08:45

ساقايغىنىڭىزغا مارەك بولسۇن، تىل بولا ئ‍اشتا بولا، ئ‍ادەم تىللا مۇشتا تىللا… تىنماي ئ‍وقۇۋەتتىم يېرىم كېچىدە، كىنو قىلىپ ئ‍ىشلىسە يارام بىر كىنو چىقاتتىكەن… يۇسراننىڭ چىشىغا تەگمەڭلا ھە، ئ‍اۋا پاساھەتلەرنى ئ‍ىچىدىن چىقىرىپ يازغىنى يۇسران جۇما ئ‍ۇنتۇپ قالماڭلا… :lol

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:22:36

{:101:}{:101:}{:101:}{:101:}{:101:}{:101:}
ۋۇييۇ، يۇسران...............
يۈرىكىم سېلىپ كەتتى، خۇددى مەن باردەك ئاشۇ سورۇندا....{:136:}

karikat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 10:37:20

ھاھاھا.سورۇندا بادەكلا ئوقۇپتىمەن ما يەرلىرىنى .قىزبالىنىڭ دوستى يوق دىگەن راست گەپ جۇمۇ. ھېسداشلىق قىلىدىغاندىن تاماشاسىنى كۆرىدىغانلار جىق

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 11:32:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagalip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 11:34  

yusran يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 21:34 static/image/common/back.gif
ئۆچۈپ كەتسە ئەگەر خاتىرەم،
بولۇپ قالسا ھەممە ناتونۇش،
...

ئۇرۇشقان يەرگە كەلگەندە قورقۇپ كەتتتىم، خۇددى ئۆزۈم ئاشۇ مەيداندا باردەك، ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ تاس قالدىم كومپىيوتېر ئالدىدىن قېچىپ  كەتكىلى:lol

مەن شۇنداق ئويلىدىمكى :
ئالىي مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان قىزلارنىڭ مۇناسىۋېتى ئويلىغىسىز دەرجىدە مۇرەككەپ.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا  ئامرىكا _ئىران،كورىيە_چاۋشىيەن،جۇڭگۇ -ياپۇن دېگەنلەرنىڭ مۇناسىۋېتى ھېچنىمە ئەمەس
، خارۋاردنىڭ خەلىقئارا  مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پىرافىسورلىرىمۇ  ئاجىز كېلەرمىكىن  قىزلارنىڭ زىدىيەتلىرىنى چۈشەندۈرىشكە.:lol
جەمىيەتتە قانداق ،بۇنىسى ماڭا نامەلۇم›

aktirak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 11:56:41

بۇنى ئاۋازلىق قىلىدىغانغا ئادەم چىدارمۇ

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:06:17

قىزلارغا نىسبەتەن لەزىنەدەك دوستلار بەك ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ! ماڭىغۇ ئەسلا ئۇچرىمىدى. ھەسەلنىڭ شۇنداق بىر دوستى بولغانلىقى بەكرەك ھەسىتىمنى قوزغىدى. داۋامىنى ساقلاپ قالدىم. بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:06:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rose16 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 12:08  

.تەكرار بوپ قاپتۇ تەھرىرلەندى
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 [10] 11 12 13 14 15 16 17 18 19
: ئەسلىمە يېڭىلاش 1 (يۇسران)