xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 10:45:40

لەغمەنگە يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت


كىچىكىمدە مومام كۈن ئارلىماي ئېتىدىغان لەغمەننىڭ تەمى ھىلىمۇ تىلىمدىن كەتكىنى يوق ، بۇۋام رەھمەتلىك كەسكىن ،ئاچچىقى يامان كۆرىندىغان بىراق باغرى دەريادەك كەڭ ئادەم ئىدى ،

كىچىكلىكتە بەزىدە لەغمەندىن زېرىكىپمۇ قالاتتىم ، شۇنداق چاغلاردا ئانامغا :



-باشقا تاماق ئەتسەڭچۇ !موما -دەپ ئەركىلەيتتىم .

مومام باشلىرىمنى سىلاپ ئامراقلىق بىلەن :

-بالام ، بۇۋاڭ لەغمەنگە ئامراق ، بىرەر كۈن لەغمەن يىمىسە تاماق يىگەندەك بولمايدۇ ، ئەر دىگەن ئوينىڭ تۆۋرىكى ، بىزنى باقىمەن دەپ سېرتتا جاپا تارتىدۇ ، ئۆيگە كەلگەندە ھاردىقى چىقمىسا بولمايدۇ.- دەيتتى .گەرچە كۈندە ئىككى ۋاقلىق تاماق ئېتىلسىمۇ ،بۇۋام يەنىلا لەغمەننى تاللايتتى ،باشقا تاماقلار بۇۋامنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى ئىدى ،

مانا ھازىر مەنمۇ بىر ئۆينىڭ ساھىبى ، كۈندە كەچتە يولدۇشۇمنىڭ بالىلار بىلەن خوشال ئولتۈرۈپ مەن تەييارلىغان تاماقنى  ئىشتىھا بىلەن ياۋاتقان تۈرقى،مېنى ئاجايىپ بىر خىل خاتىرجەملىك تۈيغۇسىغا چۆمدۈردۇ.



ئەلۋەتتە ياشاش ،يەپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس ،بىراق يىمەي ياشىغىلى بولمايدۇ ،ھەر كىم لەززەتلىك داخىل بولغان غىزادىن سۆيۈنىدۇ ،

ئائىلىنىڭ ئارام بەخشلىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى كۆڭۈل ئازادىلىكى ،

قىيىنئام بالدۇر كېتىپ قىلىپ قىيناتام بىز بىلەن قالدى ، مەن ھەر قانچە تۈجۈبىلەپ كۈڭۈل قويۇپ تاماق قىلسەممۇ ،بىراق بۇۋاي يەنىلا ھەمرايىنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى سېغىنىپ تۈراتتى ،

بىر كۈنى تاسادىپىي بىر ۋاقلىق لەغمىنىم  قىينئانامنىڭ ئەتكەن لەغمىنىدەك تېتىپ كەتكەن چىغى ،بۇۋاي :

-رەخمەت قىزىم ، ئاللاھ ئامانلىقىڭىزنى بەرسۇن !كۈندە قازىنىڭىزدا مۇشۇنداق لەغمەن پىشسۇن!رەھمەتلىك ئاپىڭىزنىڭ ئەتكىنىدەك چىقىپتۇ ،دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۈرۈپ دۇئا قىلغان ئىدى .




شۇنى چۈشۈنۈپ تۈرۈپتىمەن ،ئەر ھەم ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ، مۇقەددەس نىكاھ قەسىمى بېرىپ بىر ئۇينى تەڭ تۇتقىلى تۇرغاندىن كىيىن ، ئايالغا نىسبەتەن،يولدىشىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ، قانداق تاماقنى قايسى خىل تەمدە يىيىشنى ياقتۇردىغانلىقىنى بايقىۋىلىش بەكمۇ مۇھىم ، قارىماققا بۇ كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ بىراق ھىسياتنى باغلايدىغان مۇھىم نۇقتا ،

يولدۇشۇم تىجارەتچى ، دائىم سېرتتا غىزالىنىدۇ ، ھازىرقى تىز تاماقخانىلارنىڭ تەملىك ئوخشىغان تاماقلار بىلەن خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت قىلدىغانلىقى ھەممىزگە ئايان ،

بىراق ئۇنىڭ ئۆيگە كېلىپلا قازانغا قارايدىغانلىقى قانداقلا تاماق ئەتكەن بولسام ماختاپ تۈرۈپ يەيدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئائىلىگە بولغان باغلىنىشى دەپ بىلىمەن ،



ئوتكەن يىلى يولدۇشۇم ياققا يۇرتقا مالغا كەتتى ، ئۇ مېڭىپ ئەتىسى مەن چۈشلۈك تاماق قىلىۋاتسام تىلفۈن قىلىپ قالدى ،

-نىمە تاماق قىلىۋاتىسەن ؟دەپ سۆرىدى ،

-لەغمەن .

-لەغمىنىڭنى ھەجەپ سېغىندىما ،بىرنى ئىسسىق بىرنى سوغاق سالە ،

ئۇ چاقچاق قىلىۋاتاتتى ، ھەر قانچە ئايرۇپىلاندا قايتسىمۇ بۇ لەغمەنگە 700كىلومىتىر يىراقلىقتىن ئۇلگۈرۈپ كىلەلمەيدۇ-دە ، تېخى تۆنۈگۈنلا ئۇنى لەغمەن بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدىمغۇ ،بۈگۈن يالغۇز جېنىمغا دەپ .ئاخشام ئاشقان پىلتىگە قورما قورىۋاتاتتىم ،

خۇددى ئۇ راستلا قايتىپ كىلدىغاندەك تەمتىرەپ كەتتىم ،

كۈندىن كۈنگە بوي تارتىپ چوڭ بولىۋاتقان ئوغلۇممۇ بارغانسىرى لەغمەن خۇمار بولغىلى تۇردى ،

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمىنى ئائىلە مېھرىنى تاۋلايدىغان مۇھەببەت يىتىلدۇردىغان غىزا دىسەك ئارتۇق كەتمەس ،چەتئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتەننى ئانىلىرى ئەتكەن لەغمەن بىلەن بىللە ئەسكە ئالدىكەن ، ئىشىنىمەنكى يۇرت تۇپرىقىغا دەسسەپلا بىر تەخسە ئوخشىغان لەغمەننى ئاش سۈيى بىلەن قوشۇپ ياۋالسا ھاردۇقى چىققاندەك ،باغرى قانغاندەك بولىدۇ ،

يەنە شۇ گەپ ياشاش يەپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس ، بىراق يولدىشىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان ،يىراق يىراقلاردىن مەيلىنى ئۆيگە ،يىنىڭىزغا تارتقان لەغمەننىگە يۇشۇرۇنغان چەكسىز مېھرى مۇھەببەتكە سەل قارىماڭ !

بەختىڭىز قولىڭىزدا ، چىۋەرلىك بىلەن تەييارلىغان تائاملىرىڭىزدا

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 10:53:46

لەغمەندىن بىر قورساق يىۋىتىپ كېلىپ تېمىغا ئۈلگۈرۈپتىمەن ،  بەك بەك بەك مېھرى ئىسسىق تاماق جۇمۇ....



يەنە ئىككى چوكا سالايمۇ؟

ئىسسىق يەمسىز سوقمۇ؟ \"\"

لازا - ئاچچىقسۇنى ئاچىقۋېتە ئاپا...

ۋاھ ، ئەجەپ ئوخشاپتۇ

ھەممىمىزگە تونۇش  قەدىرلىك سۇئاللار!

كېيىن قەدرىنى قىلىپ ئەسلەيدىغان دېئالوگلار!

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:24:20

كىچىكىمدە لەغمەندىن شۇنداق زېرىكىپ كېتىپتىكەنمەن....سومەن دىسە ئۆلۈپ بېرەتتىم، بولۇپمۇ بازارنىڭ سومىنىگە ....خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى ئۆيدە باشقا تاماق ئېتىلىپ قالسا ئامال يوق ،بولمىسا ئۆزەمنىڭ خاھىشى بۇيىچە بولسا لەغمەنلا يەيمەن ، تويدىن بۇرۇن كاندىدات خوتۇنۇمغا ‹‹ باشقىسىنى قويۇپ ئالدى بىلەن لەغمەن ، ئاندىن قالسا پولو ، مۇشۇ ئىككى خىل تاماقنى ئوخشىتىپ ئىتەلمىسەڭ  قېينانامنىڭ ئۆيىگە ئۈزلۈكسىز تەربىيىگە يوللاپ بېرىمەن›› دېۋىدىم خېلى تەسىر قىلغان چېغى بۇرۇنقى  گاڭپەن دۈملەش ماھىرى  تويدىن كېيىن ئوبدانلا قولى كەپ قاپتۇ .....ئادەتتە  كەمپىرىم نىمە ئېتىمەن دەپ  سوراپ قالسا جاۋابىم بىرلا: ‹‹ لەغمەن ئەت ! ››، ‹‹ ۋاي تېخى چۈشتىلا چوڭ ئۆيدە ئىككى قاچا يەۋەتكەنتىڭىزغۇ ؟››  ‹‹ يەنە يەيمەن ، ئەتسەڭ ئەت بولمىسا ئۇزۇنغا چىق ››   {:92:}   بىچارىنىڭ لەغمەن بىلەن خوشىنىڭ يوقلۇقى....سورىغان گۇناھ ئۆزىدە بولغاندىكىن چاچتەك ئىشىپ بىردەملا گۈيرۇ قىلىپ ئالدىمغا  قويىدۇ ... ئىككى تەخسىنى(لەغمەننى ) ئارقا ئارقىدىن يەپ بولۇپ ئىككى ئېغىز ماختاپ قويسام  خوش بولماسلىققا ئامالى يوق  ئۇنىڭ .... \"\"

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:24:31

ئەجەب  لەڭمەن  سېغىندىم! \"\"  شۇ  تاپتا   لەڭمەن  يەپ  باقمىغىلى  بىر  ئايدىن  ئېشىپتۇ،    شەخلا خاننىڭ  مېھرى  ئىسسىق  بايانلىرىدىن  يۈرىكىم  ئېزىلدى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:27:55

تەپەككۇرىڭىز يات مىللەتلەرنىڭ دىففۇزىيىسىگە ئۇچراپ كېتىپتۇمۇ قانداق ؟ مۇھەببەتنى ئۇنىڭغا بۇنىڭغا يۆلەپ ، يۇشۇرۇپ قىينىلىش نە ھاجەت . مۇھەببەتنىڭ ئۆزى يالىڭاچلا ئۇقۇم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىپادىلىنىشىمۇ ناھايتى كونكىرىت تۇرسا .

مەن تېخى ماۋزۇسىغا قاراپ خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بىرەر ماقالىمىكىن دەپتىمەن .



ئەسكەرتىش : يۇقارقى دىگەنلىرىم ماقالىڭىز ياخشى چىقماپتۇ دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:35:42

تەپەككۆرۈمنى يات مىللەتكە باغلىۋەتكىنىڭىز ، قىززىق ئىش بوپتۇ ، مۇھەببەتكە ھىچ كىم ئىنىق ئىنىقلىما بېرەلىگەن ئەمەس ، سىز ئاخىرقى كېسىمنى پىچىپ بوپسىز، ھەيرانمەن .

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:38:36

مىنىشقىكىن مۇشۇ لەغمەننى ئانچە يەپ كەتمەيمەن .راسىت گەپ قىلسام ماڭا ھازىر لەغمەن يەپ باقمىغىلى 1ئايدىن ئاشتى   {:106:}   ئانام سەن لەغمەن يىمەيسەن شۇڭا ئورۇق ،لەغمەننى جىق يەپ بەرسەڭ سەمرىيسەن دەپ قاقشايدۇ  {:92:}

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:39:15

مىنىڭ گەپلىرىمدىن مۇھەببەتكە ئېنىقلىما بەرگەندەك مەنا چىقىۋاتامدا ؟ گەپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزدىن تېخىمۇ ھەيران بولۇۋاتىمەن . يازغۇچىلار تورىغا كۆپ كىرىپ ، ماختىمىسا مىجەزىڭىز قوداڭشىيدىغان بولۇپ قاپتۇ مانا .

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:42:12

@pinhan  ،ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنسەڭ ئوقۇ ،چۈشەنمىگەندىكىن مەنتىڭىڭنى ئىچىپ چىقىپ  ئويناپ كىرە .ماقالىدە نىمە دەۋېتىپتۇ ،سەن چۈشەندىڭمۇ ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:44:18

يازغۇچىلار مۇنبىرىدە باردەك قىلامدىم ،ئەزا بولغىلى يىل بولاي دىدى ، يوللىغان تېمىلىرىمنى ساناپ باقسام بولغىدەك ، ما پىنھان قاراپ تۇرۇپ قالپاق كىيگۈزەمدۇ نىمە ئادەمگە .





مۇھەببەتنىڭ ئۆزى يالىڭاچلا ئۇقۇم



بۇ گەپنى مەن دىمىدىم ،

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:46:36

ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەنە شۇ كىچىككىنە يەردە، شەھلا خانىم ياخشى يېزىپتۇ.

خېمىر قىلىشنى پەقەت ئۆگەنمەپتىكەنمەن، مۇساپىرچىلىقتا باشقا تاماقلارنى قىلساممۇ بىر يەر كەمدەكلا ھىس قىلىپ ئاخىرى چىدىماي خېمىر قىلىشنى ئۆگەندىم، پىلتە قىلىشقىمۇ ئۇستا بولۇپ كەتتىم. لەغمەن قىلدىم دىسەم مۇساپىر ئۇيغۇر باللار يىراقتىن كىلىپ يەپ كېتىشكەن، كۆزلەردە ياش ...



مىھرى ئىسسىق تاماق بۇ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:52:35

سىزگە قالپاق كەيدۈرگىلى بولماسمىكىن . ئاۋۋال قالپاقنى ئويلىماي ، قالپاق كەيدۈردىغان باش بارمۇ يوق دەپ ئويلىنىش كېرەك . مەن ماقالىنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقماپتۇ دېمىدىم ، مۇھەببەتنى ئىپادە قىلىشتا مەلۇم مەدەنىيەتكە باغلىنىپ قېلىش تەسىرى بار دېدىم . بۇ گەپنىمۇ ھەزىم قىلالمايۋاتامسىلەر ؟



@uyghurBaligh ئۈكەم . بىكار بولۇپ قالغان بولساڭ خەۋەر تەرجىمە قىل ، سېنىڭ ۋەزىپەڭ توردا لاغايلاپ يۈرۈش ئەمەس   {:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 11:54:39

دىمەك مەندە قالپاق كەيگۈدەكمۇ باش يوقكەندە ، بۇمۇ بولىدىغان پاراڭكەن ، ئەمسە سىزدە بارمۇ پىنھان ، شۇ باش ؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:08:51

بوينۇمدىكىنىڭ ئۈستىدىكى 26 يىلدىن بىرى باش دەپ ئويلاپ كېلىۋاتىمەن . خاتا يىرى بولسا تۈزىتىش بىرەرسىز قەدىرلىك خانىم

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:12:01

لەغمەن توغرىلىق گەپ قاياققا كەتتى ھوي....كېلىڭلار ،بىر تەخسىدىن لەغمەن يەيلى، يا بولمىسا ئاغزىمىزدىكى  سېرىق سۇنى يۇتىۋىتىپ  ئىنكاس ئوقۇيلى....

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:15:32

مېنڭمۇ 36 يىللىق بىر نەرسە تۇرىدۇ بوينۇمنىڭ ئۇستىدە ، يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ماختاش ، ما ماقالەمدىكى يات مىللەتنىڭ تەسىرى ، سىزنىڭ 26 يىللىق قاپىقىڭىزدىن ئويدۇرلۇپ چىقىپ مېنىڭ 36 يىللىق قاپىقىمغا ھېچ قونالمايۋاتىدۇ ،

قېنى قالپاق كەيگۈدەك باش يوق دىگەن جاناپ ، ئاۋال مېنىڭكىگە بىر نىمە دەۋەتمەمسىز !

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:16:11

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:18:33

پولوغا يوشۇرۇنغان مۇھەببەت دىگەن بولسىڭىز تېمىنى شەھلا، پىھان  \"\"  دەپ تۇرۇپ قوشۇلاتتى. بۇ بالا شۇ لەغمەن بىلەن سەل خوشى يوق چىراي ماڭا ئوخشاش.



لېكىن داداممۇ مۇشۇ تاماققا بەك ئامراقتى بۇرۇن، ھازىر سالامەتلىكنى دەپ ئۇن تاماقنىڭ مىقدارىنى كونتۇرۇل قىلىۋالدى، سورىسام ئۇنچىلىكمۇ خۇمار ئەمەسكەن ھازىر.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:19:54

سىزنىڭكىنى مەن نەدىن بىلەي ، ئۇنداق دېسىڭىز مىنى خىجىل قىلىپ قويىسىزكەن . سىزنىڭكىگە ئەڭ ياخشىسى ئۆيىڭىزدىكى ئائىلە باشلىقى بىر نىمە دىسۇن ماقۇلما . ئىرى بار خوتۇنلارنىڭ بېشىغا ، قېشىغا قاراپ يۈرمەيتتىم كەچۈرۈڭ .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:20:00

لېكىن يازما بەك ياقتى، شۇنداق ئىللىق كەيپىيات... \"\"
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: لەغمەنگە يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت