ruslan007
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:10:57
GoodLuck
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:11:31
يازنىڭ بىر سەھىرىدە كونسول كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ خولۇپ ئاش بۇيرۇتتۇم، بۇ ئاش شۇنداق قىزىق پىشىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆپىنى بەكرەڭ چوڭ قىلىۋەتكەنمۇ قانداق، قوشۇقتا ھىچ تۇرغۇزالماي، ئەمدى ئاغزىمغا ئاپارسام، پالاققىدە قىلىپ چىنىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بىر نەچچىسى ئۈستەلگە چۈشتى، قانداقلا قىلسام ئاغزىمغا كىرگۈزەلمىدىم

، جىلە بولۇپ تۇرسام، كۈتكۈچى قىز ماڭا قاراپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ كۈلۈپ سېلىپ، پىيالىدىن بىرنى سورىسام ئەكىلىپ بەردى، بۆلۈپ ئىچىپ تۈگەتكەنتىم. شۇندىن بېرى ئىچىپ باقماپتىمەن بۇ خولۇپ ئاشنى .
Bilig
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:12:14
كۆكنى سوقۇپ يوغان يوغان تۈگۈپ ئەتكەن چۆچۈرىگە ئاچچىقسۇ لازىنى سېپىپ بىرەر ئىككى لىگەن بولسا

ئويلاپ باقسام ئەنئەنىۋى تاماقلارنى بەك ياختۇرىدىكەنمەن. ۋاژ-ۋۇژ قورىيدىغان، قىرتاق، ئاچچىق، تاتلىق قورۇما سەيلەر بىلەن خوشۇم يوق. لەغمەننىڭمۇ دىھقانچە لەغمەن بولسا خېلى يىگۈم كىلىدۇ، بەك مايلىق قورىەۋەتكەن تەمى زىيادە لەغمەننى كۆپ يىيەلمەيمەن.
Erktekin
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:18:53
بولكا پۇشرۇش ماشىنىسىدا لەغمەن پىشامدىكەن ، مانا يىڭىلىق ،(پۇششۇر ئەمەس پىشۇرۇش )
بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ياخشى يېرى شۇ خېمىر يۇغۇرۇش ،2378 يوللىغان تېمىغا قاراپ مەخسۇس بولكا پىشۇرغىلى ئالغان دەپ قالغانما

قىلالىسىڭىز بولاق مانتا ، ياپمىنىڭ خېمىرىنىمۇ شۇنداق ياخشى بولدۇرۇپ بېرىدىكەن ....................... ئايالىمدىن ئاڭلىشىمچە
uyghurbaligh
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:35:27
Erktekin
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:44:34
يازنىڭ بىر سەھىرىدە كونسول كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ خولۇپ ئاش بۇيرۇتتۇم، بۇ ئاش شۇنداق قىزىق پىشىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆپىنى بەكرەڭ چوڭ قىلىۋەتكەنمۇ قانداق، قوشۇقتا ھىچ تۇرغۇزالماي، ئەمدى ئاغزىمغا ئاپارسام، پالاققىدە قىلىپ چىنىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بىر نەچچىسى ئۈستەلگە چۈشتى، قانداقلا قىلسام ئاغزىمغا كىرگۈزەلمىدىم
.........................................................
ئەتىگەندە ئىچىپتىكەنسەندە
nusrat
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 23:53:32
كىچىكىمدىن گۈرۈچ تاماققا ئامراق ئىدىم،لەغمەننىمۇ يەيمەن ئەمما ئۇنچىلىك سېغىنىپ ئەمەس،.بۇ يەردە ھەممىدىن سامسا سېغىنىمەن،رەسىملىرىنى كۆرۈپ قالسام
بىر دوستۇمنىڭ دادىسى لەغمەنگە ئاشىق ئادەم ،ھەپتىنىڭ بەش كۈنىدە چۈشلىكى لەغمەن،سەھەرلەردە مانتا يا گۆش نان،كەچلىكى سۇيۇق ئاش.بىرەر ئىككى قېتىم لەغمەن دىگەننى كەم ئىتىپ قالسا ئايالىدىن يامانلاپ قالىدىكەن،لەغمەن ئىتىپ بەرمىدىڭ دەپ ،بىچارە ئايال بارىدىغان بولسام كۆپىنچە لەغمەن ئىشىپ ئولتۇرغانلىقىنىلا كۆرەتتىم. تەتىلدە قايتقاندا شۇ بولكا پىشۇرىدىغاندىن بىرنى ئەپ بىرەيمىكىن ،قولىنى سەل ئارام ئالدۇرىۋالسۇن
puresherrif
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 23:58:16
توۋا ماۋۇ بالا ئۇزاق يوللادا مېڭىپ يۈرۈپ تويىنىمۇ قىپ بولدىما؟ ياخشى ھېكايىلار بولسا ئاڭلايلى.
xahla91
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 06:37:17
قەھۋە خېنىم خولۇپ ئاشنى مەن مۇنداق ئېتىمەن ، ياقتۇرسىڭىز سىناپ بېقىڭ .
ئاۋال يېڭى گۆشنىڭ قورغىلىق يېرىدىن بىر نەچچە پارچە ھەم قارا يېرىدىن ئازراق توغرامچە قىلىپ قازانغا سېلىپ قويىمەن ، ئۇ شورپا بۇلۇپ قايناپ چىققاندىن كىيىن كۆپىكىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ چامغۇر پىيازنى توغرا سالىمەن ، ئاندىن پىياز ئىككى قاينىسىلا بىر خىل پىياز پۇرىقى چىقىدۇ ، ئۇ چاغدا يۇمشاق چانىۋالغان قىزىل قاقمۇچنى سالىمەن ، ئاچچىق تەمى چىقىپ قالمىسۇن دىسىڭىز سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئاندىن شوخلىنى ئېزىپ چاناپ ئۇنى سالىمىز ،بۇنى ئاش سۈيى دەپ قويىدىكەن ، شۇ ئاش سۈيى قايناپ تازا ياخشى پىشىۋالغىچە خېمىرنى يۇغۇرۇپ نېپىز يېيىۋالىمىز، خېمىرغا كىچىككىنە پىششىق ياغ ، ياكى بىرەر تال تۇخۇم چېقىۋەتسىڭىز ، خېمىرنى قانچە نېپىز يايسىڭىزمۇ ئۇ ھەرگىز ئېزىلىپ كەتمەيدۇ ، خېمىرنى ئامال بار قەغەزدەك نېپىز يېيىپ ئاندىن تەييار بولغان ئاش سۈيىگە يىرتىپ سالىمىز ، خېمىرنى سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئاش كۆكى سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ ،
ئا كۆنسولدىكى خولۇپ ئاشنىڭ خېمىرى قېلىن بۇلۇپ كەتكەن چېغى ، شۇڭا قوشۇقتا تۇرمايدۇ ،
Pinhan
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 07:34:41
@Erktekin گە ئايالى لەغمەن ئېتىپ بېرىدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ تاماقنى كىم ئىتىدىكىنا ئۇ ئۆيدە . Erktekin تاماقنى ئوخشىتالماي قالسىغۇ كېچىچە دۇمبا يەپ چىقىدۇ .
espresso
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 07:58:50
رەخمەت @xahla91 قولىڭىز گۈلكەن جۇمۇ، ئۆتكەندىكى تاماق توغرىسىدىكى يازمىدىكى ئىنكاسىڭىزمۇ ئېسىمدە، ئىشقىلىپ ھەممىنى قىلالايدىكەنسىز. مەنمىغۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۆزەم بىر نىمىلەر ئىجاد قىلىپ باقىمەن
espresso
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 08:02:33
@Pinhan

بۇ @ قىلىدىغان نەرسە بەك ياخشىكەن ھە، ئىككىمىزخەقلەرنى ساراڭ قىلىۋېتىدىغان ئوخشايمىز تولا ئىشلىىتپ
ziyali
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 08:40:01
مىنى تولا تىلغا ئالماڭلا دەيمە
espresso
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 08:42:50
ماقۇل @ziyali
ziyali
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 08:46:47
{:107:} {:107:}
تۈگۈپ تاماققا ئۆچلەر بارمۇ
espresso
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 08:48:48
مەن سامسىغا ئامراق، ئا كۈنىلا تېخى بىر كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ قىلغانتىم.
Pinhan
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 08:54:02
@ziyali تۈگكەن مۇشقا ئۆچ مەن
Birzat
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 10:08:37
@goodluck مەن تېخى خولۇپ ئاشنىڭ چۆپىنى ئېغزىغا كىرگۈزەلمەي كۈتكۈچى قىزنى ياردەمگە چاقىرغان چېغى دەپتىمەن

{:92:} {:92:} {:92:}
Birzat
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 10:16:34
@ziyali نى مەن سىناق قىلىپ باققان تۈرمىگە سولاپ {:92:} باشقۇرغۇچىنى سولىسىمۇ كىرەمدۇ دەپ ، قارىسام تۈرمىگە كىرىپ قالدى. ئىلىپ چىقاي دېسەم يولنى بىلمەي بوپتۇ مۇشۇ زىيالى تۈرمىگە كىرگەن سەۋەپ ئوبدانراق ئۇخلىۋالسۇن دەپ كارىم بولمىدى. دېمىسىمۇ بۇ يېتىم كۈندە دەرسىنى ئوقىماي ئىزدىنىشتا لاغايلاپلا يۈرگەن، كېچىلىرىمۇ ئۆندەرەپ ئويغۇنۇپ يۈگۈرۈپ كىرىدىغان ئىشىمۇ بار ئىكەن. ئەگەر ئىزدىنىشقا خۇمار بولۇپ قىلىپ ئوقۇشقا تەسىر يېتىۋاتقان بولسا ماڭا دەڭلا ھەپتىدە 4 كۈن تۈرمىگە سولاپ قوياي
alip
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 11:07:20
تاماققا ئامراقلىقمۇ ئىرسىيەت قالدىغان ئوخشايدۇ.
قىزىم پولوغا بەك ئامراق. ئەمدى بەش ياشقا كىرگىنىگە قارىماي پولونى مەن بىلەن تەڭ يەپ قويىدۇ. ئاپىسى داداڭنى دورا دېسە يەيدىغان تامىقىدىن تارتىپ دورىغان بارمۇ دەپ قويىدۇ.
ئەلۋەتتە لەغمەننىمۇ ئىككى كۈن يېمىسە خۇمارى تۇتىدىغان تاماق. زىيالىدەك بەڭگىلەرنىڭ تاماكا خۇمارى تۇتقاندەك {:92:}