86
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 11:55:21
espresso
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 12:04:38
@xahla91 قۇمۇلنىڭ نەزىر ئېشى دەيدىغان تاماققا ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاپ كېتەمدۇ قانداق خولۇپ ئاشنى ئاچچىق چۈچۈك ئەتكەن يېرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا؟
weyrani
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 12:26:14
لەغمەندەك ئۇزۇراپ كىتىپتۇ ماۋۇ تىما..
raul113
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 13:20:59
86 ئاكام نوچىكە ، خۇتۇنغا ئەتكۇزۇپ رەسىمگە تارتىپ يوللاپ قۇيۇپتۇ (ئۆزى ئەتتىمۇيە) {:92:}
jewlan
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 14:04:34
بىزنىڭ @izdinix نىمۇ لەگمەن دىگەننى سەت تارتىپ قويىدۇ دەيدۇغۇ @pinhan , يۈز مېتىر دىگەننى شۇنداق سوزىدىغان بولسا ئەرخوتۇن ئىككىسى 50 مېتىردىن بۆلۈشۈپلا يەۋالارمىش ...
لەغمەننىمۇ خېلى يىدۇق ، ئاش سۈيى ئەكىرە @kanji . ئىچەمسە @ziyali , سەن ئىچمە راس ،،،، شېكەر سىيىپ يۈرمە يەنە ...
Pinhan
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 14:16:15
ۋاي ئۇنى بىر دىمە @Jewlan ئىزدىنىش تارتقان لەغمىنىگە كىر يايىدۇ ، @ziyali نى شىكەر سىيىدۇ دەمسەن ؟ سۇ ئىسراپ بولمىسۇن دەپ ھەپتىدە بىر سىيىدىغان ئادەم شىكەر دىگەننى يىلدا بىر كىلىدىغان قۇربان ھېيتتا تەگبىر ئوقۇپ بىر ئىككى تال شۈمۈۋالىدۇ . ئاغزىغا چىش كوچىلىغۇچ سانجىپ قۇيۇپ تالاغا چىقىپ : يوۋ بىر قوينىڭ ساننى پۈتۈنلا يەپتىكەنمەن سېسىق كېكىرىپ قاپتىمەن جۇمۇ دىگۈدەك تېخى .
Erktekin
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 15:40:02
86ھاجىمنىڭ لەغمىنى ھەجەپ ئوخشاپتىيا
كۆرۈپ قوساق ئېچىپ كەتتى
jewlan
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 15:47:42
خېمىر يۇغۇرغۇڭ كەپ كەتتى ھە
Erktekin
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 15:50:35
@Jewlan
patriot2
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 16:39:38
بۇ يەردە دوس تارتىشماي ئۆيۈڭلارغا بېرىپ لەغمەن تارتىڭلار -ھەي
قۇشناچىم ساقلاپ قالغاندۇ.
alwun
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 17:09:48
ئادىل سودا سارىيىنىڭ يېنىدا كونا ئاۋرالنىڭ كەينىدە بىر سۇيرو لەغمەنخانا بولىدىغان. ئىچى 15 كۇۋادىرات مېتىرغا يەتمەيدۇ. سىرتىدا بىر ئاشپەز قازانغا چۆپ سېلىۋاتقان، بىرسى سەي قورىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرىدۇ. ئىچىدىكى ئىككى ئۈستىلى ئىككى تامدا، ئوتتۇرغا ئۇزۇن پەلتەڭ ئورۇندۇقتىن ئىككىنى قويۇپ قويغان مىھمانلار بىر بىرىگە كەينىنى قىلىپ دۈمبىسىنى دۈمبىسىگە يېقىپ قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ لەغمەن يەيدىغان. ھەر بايۋەچچە خوجاينىلار ئىسىل ماشىنىلىرىنى ئا ئالدىدا توختۇتۇپ قۇيۇپ شۇ كۇچىغا كىرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ شۇ يەردە لەغمەن يەيدىغان. بۇ قانداق لەغمەندۇ دەپ ئادەم ئاز بىر ۋاقىتتا بارسام شۇ سەي-گۆشلىرىنى ماششىنىدىن چىققاندەك قىيما قىلىۋەتكەن. چۆپى بارماقتەك توم لەغمەنكەن. شۇ توملىقىغا قارىماي يەنە «ئۇستام، توم-توم يەلىرىدىن ساسىلا» دەپ ساغۇزۇپ مەنتەڭدىن بىر چىنە ئىچىۋىتىپ چىقىپ كىتىدىكەن. ماڭىغۇ شۇ لەغمەندەك تېتىتىغان.
تۇرپانلىق بىر تۇنۇش باتتى. بىر ۋاقىتتا ئايىلىنى، باللىرىنى ئاۋرالغا ئەكىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ قۇيۇپ سىرىتقا چىقىپ كىتىپ باغۇدەك. ئايالى بۇ نەگە بارىدىغاندۇ دەپ كەينىدىن مارىلاپ چىقسا شۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغۇدەك. ئايالى
- بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسىز؟- دىسە:
-سەن چۈشەنمەيسەن! ماڭ كىرىپ تامىقىڭنى يە.- دىگۈدەك.
Erktekin
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 18:45:21
alwun ھازىرمۇ بارما ئۇ لەغمەنخانە ؟
Erktekin
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 18:51:30
كونا دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ يېنىدا بىر گۆشگىردىخانە بولىدىغان،ئىچى تار ،ئۇزۇن ،تامغا قاراپ ئولتۇرۇپ يەيدىغان
Bilig
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 18:58:29
بايا لەغمەن يەپباقاي دەپ لەغمەن يىگەن... يا ئاللا چۆپىنىڭ توم ھەم قاتتىقلىقىدىن ئېڭىكىم تېلىپ كەتتى، قوساقنىڭ ئاچقانلىقىدا يا ئىتتىك يىگىلى بولمىغان، قوساق ئاغرىپ قالمىسا بولاتتى.
GoodLuck
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 20:29:21
چۈشتە بىر لەغمەن يەي دەپ ئويلىغان، جىددىچىلىكتە پولو يەپلا ئىشىمغا ماڭدىم، ئوخشىغان لەغمەن يىمىگىلىمۇ خېلى بوپتۇ.
adil621
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 21:26:13
ھەجەپ سېغىندىم ئاپامنىڭ لەغمىنىنى
xahla91
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 21:40:50
@espresso قومۇلنىڭ نەزىر ئېشىغا شوخلا سالمايدۇ ، يېڭى سويۇلغان قوينىڭ گۆشىنى تۇزنى زىيادە سېلىپ راۋرۇس پۇشۇردۇ ،گۆش ئاغزىڭىزغا كىرىپ ئۆزى گىلىڭىزدىن ئۆتۈپ ئاشقازىنىڭىزدا توختىغىدەك بولغاندا سۈزىۋىلىنىپ ، قالغان شورپىغا سۈ ئارلاشتۈرۈپ قايتا ئۆرلىتىلىدۇ ، چۈنكى شاكاراپ سۈيى بۇلۇپ پىشقان گۈش بەك تەملىك بولغان بىلەن شورپىسىنى ئىچكىلى بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن شورپا تۇزى سۇ قۇيۇلۇپ تەڭشىلىدۇ ، ئاندىن قاتتىق يۇغۇرۇلغان خېمىر نورمال يېيىلىپ بۇغدايدەك ياكى گۈرۈچتەك چانىلىپ شورپىغا سېلىنىدۇ ، ئېسىڭىزدە بولسۇن خېمىر ئالاھىدە چىڭ يۇغۇرىلىدۇ ، بۇ نەزىر ئېشىنىڭ خېمىرى ئاساسلىق كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھالقا ، شۇڭا بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ ، قوي سويۇلغاندا خېمىرغا تەييارلىق قىلسىڭىز ، ئا شورپا تاييار بولغىچە ئاران چاناپ نەقلەپ بولىسىز.ئاندىن ئۇ ئاشقا ئاش كۆكى سالىمىز ، ئاش كۆكى ئاساسەن يالپۇز ، پىنە قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىدۇ ،
قارا ئۆرۈك يەنە بىر نىمىلەرنى سېلىپ ئېتىدىغىنى خان ئېشى ، شورپا تەييارلاش ئۇسۇلى ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ ، بىراق خولۇپ ئاش ئاددى قول تۇتمايدىغان تاماق ، پەرقى چوڭ .
ئاخىرى ئالجىيدىغان بولدۇم ، ئىزدىنىشتا تاماق ئېتىپ يۈرۈپ ، يەنە كىم نىمە تاماق ئەتمەكچى ، تاتىنماي دەۋىرىڭلار ، بىلگىنىمنى ئايايدىغان بولسام ئادەم بوپ كېتەي !
farwana
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 22:33:39
جېكنىڭ ‹ لەغمەن سېغىنمىغان جېك › دەپ بىر يازمىسى بولىدىغان
ئېسىمگە كەپقالدى
NALAN
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 22:34:25
مەن بۈگۈن پولو ئەتكەن. شۇنچە تۈجۈپىلەپ قىلساممۇ ئالا بولۇپ قاپتۇ~، بەزىدە ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپلا ئەتسەم شۇنداق ئوخشايدۇ. ئىززا تاتماي ئەكىرگەن گۈرۈچىمگە گۇناھنى ئارتىپ قويۇپ قىزارماي ئولتۇرىۋالدىم.
xahla91
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-23 22:36:50
@ NALANگۈرۈچنى پولۇ ئېتىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇڭ ، ئاندىن سەۋزىدىن كىيىنكى سۇنى ئازراق قۇيۇڭ ، بۇنىڭدا ئالا قالمايدۇ ھەم گۈرۈچ يىيىشلىك بولىدۇ ،