Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 03:40:03


123- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تېمىنى كۆرىۋېرىپ ھەجەپ سېغىنىپ كەتتىم سامسا،پولو،كاۋاپ،نانلارنى قانداق قىلارمەن ئەمدى

تۇڭگانلارنىڭ ھېيتتا سالىدىغان بىر نەرسىلىرى بار ھېلىقىدەك گۈل چىقىرىپ مايدا پۇشۇرىدىغان،يەنە بىرسى بار ئاق،تېرىسى قات-قات ،يۇمىلاق، ئىچىدە قىيمىسى بار شۇلارنى بەك يىگۈم كەپ كەتتى دىسە.ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا غۇلجىلىق زۇلپىيە دەپ بىر ساۋاقدىشىم دائىم شۇنداق نەرسىلەر بىلەن يوغان-يوغان قۇرتلاردىن ئەكىلىپ بىرەتتى.



مەندە  قۇرت  توشاق بار بار كىلىڭە بىرەي..تازا  غۇلجىنىڭ قايماقلىق قۇرۇتلىرى...\"\"



شەھلا ھەدە  لەڭمەننىڭ خېمىرىنى قىشتا ، يازدا ئوخشاش يۇغۇرامدۇق..  سۇيىنى  ئىسسىق سوغۇقلىقىنى دىمەكچى.. مەن ھەر قىتىم  بەك چىڭ قىلىۋىتىمەن ،   شۇنىڭ بىلەن بەك تىندۇرىمەن.. ئاخىرىدا   ئۇ لەڭمەننىڭ خىمىرى بىرىنجى كۈنى  لەڭمەن بولسا. ئىككىنچى كۈنى سۇيقاش ،ئۈچىنچى كۈنىگە  قورۇما لەڭمەن  قىلساممۇ يەنە ئاتتەك چىڭ\"\"مىچىلداپ قالمايدۇ..


xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 10:28:53

@Ay^Tugh ئۈرۈمچىنىڭ ئۇنى ئانچە تۈز خالاپ كەتمەيدۇ ، كىچىككىنە تۇز سېلىپلا سوغاق سۇدا يۈغىرىۋىرىمەن ، بەك چىڭ يۇغارمىساممۇ بولىدۇ ، خېمىر ياخشى ئەيلەنسىلا چۆپ ياخشى چىقىۋىرىدۇ ، بەك چىڭ خېمىردا ئەتكەن لەغمەنمۇ ئانچە يىيىشلىك بولمايدۇ ، چايناپ يىگۈدەك ، چاچتەك دەپ قويىدىغان بىر ئۆلچەملىرىمىز بار ، بۇنىڭغا شۇ بوشمۇ ئەمەس، چىڭمۇ ئەمەس يۇغارساق بولىۋىرىدۇ ، قىش ياز سوغاق سۇدا يۈغىرىۋىرىمەن ، قورما سەل سۇلىقىراق كەلسە ، لەغمەننىڭ ئىسسىق باسقىدەك بولغىنى شۇ ، لەغمەننى بىر تەخسە يەۋىتىپ ، كەينىدىن خېمىر سۈيىنىڭ قايماقلىق يېرىدىن بىر پىيالە ئەكىرىپ بەرسەم تەخسىدە قالغان قورما سۈيىگە قۇيۇپ ئېچىپلىۋىتىپ ئارام تاپىدۇ ، بېزنىڭ بوۋاي ،

بىراق جەنۇپ تەرەپنىڭ ياكى غۇلجىلارنىڭ ئۇنى قانداقكىن ، سەل ئەيۋەشكە ئەكەلمەك تەسكەن ،

نىمىلا بولسۇن ، خېمىرنى تىز تىنسۇن دىسىڭىز ،قىش ياز سوغاق سۇدا يۇغۇرۇڭ!

نىمە قىلىسىز ئۇنداق جىق خېمىر يۇغىرىۋىلىپ ، سەللام چاققانىراق بولسىڭىز ، ھەممىگە يېتىشىيەلەيسىز ، نەچچە مىنۇتنىڭ ئىشىغۇ خېمىر يۇغارماق دىگەن ، يېڭى يېڭى يۇغارسىڭىز ياخشى بولىدۇ ، \"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 10:54:48

ئوكېي ئەتە لەغمەن قىلمىسام \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 10:59:09

چۈشتە لەغمەن يەيمىكى \"\"

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 11:39:09

xahla91

رەھمەت  شەھلا ھەدە.   ئەمدى بىلىۋالدىم... بەزىدە  ئاز قىلاي دىسەممۇ جىق بولۇپ كىتىپ. پىلتە قىلىپ توڭلاتقۇغا سىلىپ قويىمەن..  {:92:}   شۇنىڭ بىلەن  نەچچە كۈن يەيدىغان ئىش چىقىدۇ.. ئالدىراشچىلىق ئىچىدە  دەپ بانا  تاپىمەن تېخى \"\"  بۇدا سىز  دىگەندەك  يۇغۇرسام بولغۇدەك.. ئوخشاپ كەتسە  سىلەرنىمۇ چاقىرىمەن.. \"\"

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-29 03:47:18

لەغمەننى نورمال يەيمەن،ھەپتىدە بىرەركۈن سېغىنىپ قېلىشىم ئېنىق.لېكىن كەچلىك تاماققا قەتئى يېمەيمەن.پولوغا ئالاھىدە ئىشقىم بار.كەچلىكلىرى پولو دېگەندەك گۈرۈچ تاماقلىرىنى يېسە سىڭىشلىك بولىدۇ.

مەن بەك گۆشخور،سەيلەر،ئۇنلارجىق خالاپ كەتمەيمەن،تونۇر كاۋىپى،زىق كاۋىپى،تاۋا كاۋىپى،موزاي گۆشى شورپىسى،ئاسما كاۋاپ،بەل كاۋاپ،يۇلغۇن كاۋاپ،قەشقەرنىڭ قىيما كاۋىپى،گۆشگىردە،كۆمەچ...بۇلار بولمىسا مەنمۇ ھايات بولمايمەن،خوتەندە ئىزدەپ سوراپ يۈگرەپ تۇرۇپ مۇشۇلارنىڭ ياخىشىسىنى تېپىپ يەيمەن.  {:92:}  ئىشقىلىپ بەك گۆشخور مەن.

بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىدە دەماللىققا ئىتىپ يىيىشكە ماس كەلمەيدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە شورپىدىن باشقىسىنى ياخشى قىلالمايدۇ ئاياللار.@xahla91 ھەدەش ئېيتقاندەك ئائىلىدە يەنىلام مۇشۇ لەغمەننىڭ مۇھابىتى كۈچلۈك ئوخشايدۇ.پولو مۇھەبىتىنىمۇ يېزىۋەتسە ئاندىن.

dada يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 00:29:29

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 00:38:41

قورساق ئاچقاندا ئوقۇيدىغان تېما ئەمەسكەن بۇ.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 03:10:49

رەھمەت شەھلا. بۇدا قېتىم سىناپ باقىمەن.مەنمۇ مۇشۇ لەڭمەننىڭ دەردىنى بەك تاتتىم. خېمىرنى قانچىلىك ھەۋەس بىلەن يۇغۇرسام، پەقەتلا سوزۇلمايتتى. تولا سومەن قىلىپ زېرىكىپ، كېيىن باشقىلاردىن سورىسام ھەممىسى بىر خىللا ئۇننى ئىشلىتىدىكەن. ھەم ئەتتىگەندە يۇغۇرۇپ قويۇپ جىق چەيلەپ ئاندىن ئېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ شۇ ئۇننى ئىشلىتىدىغان بولدۇم. ھازىر ئېپىنى ئېلىۋالدىم. باشقا تاماققا ئايرىم ئۇننى ئىشلەتسەممۇ، لەڭمەنلىك ئۇنۇمنى ھەرگىز ئايرىمايمەن. بەزىدە چىڭراڭ يۇغرۇپ تازا بىر چەيلىۋىتىپ مەكتەپكە كېتىپ، كەچتە كەلگەندە ئېتىمەن.

koktikin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-18 21:05:16

ئىزدىنىشتىكى لەغمەن خۇمارلار ئۈچۈن لەغمەنخانا ئاچىدىغان ئىشمىكىن تازا.مەنمۇ كۈندە ئاز دىگەندە بىر قېتىم لەغمەن يەيمەن .
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8]
: لەغمەنگە يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت